ئەدىرنە ئىرىمچىكى

تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى -45

2207421
ئەدىرنە ئىرىمچىكى

ئەدىرنە ئىرىمچىكى

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «ئەدىرنە ئىرىمچىكى» نى تونۇشتۇرىمىز.

«ئەدىرنە ئىرىمچىكى» نىڭ تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋاقتى: 10.05.2004

****** **** *** *** ****

تۈركىيەنىڭ غەربكە ئېچىلغان دەرۋازىسى ئەدىرنە شەھىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، قوي، ئۆچكە ۋە كالا سۈتىنىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسىلىدىغان «ئەدىرنە ئىرىمچىكى» شەھەرلىك تىجارەت ۋە سانائەت ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن 2004-يىلى تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

ئەدىرنە ئىرىمچىكى تۇنجا، مەرىچ، ئاردا ۋە ئەرگەنە دەريالىرىنىڭ دېلتالىرىدا ئۆسكەن تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان چارۋا ماللىرىنىڭ سۈتىدىن ياسىلىدىغان بولغاچقا ئۆزگىچە پۇراق ۋە تەمگە ئىگە.

ئەدىرنە ئىرىمچىكى سېرىقسىمان ئاق رەڭلىك بولۇپ، قايماققا ئوخشاش قۇرۇلمىغا ئىگە. تاتلىق، تۇزلۇق ۋە ئازراق ئاچچىق تەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىرىمچىكنىڭ ياسىلىشىدا پەقەت سۈت، تەبىئىي ئېچىتقۇ ۋە دېڭىز تۇزى ئىشلىتىلىدۇ. ئىرىمچىكنى ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان سۈت دەسلەپتە 65 گرادۇس تېمپېراتۇرىدا قاينىتىلىدۇ، ئاندىن سوۋۇتۇلۇپ ئېچىتقۇ قوشۇش جەريانى باشلىنىدۇ. ئېچىتىلغان يېرىم پىششىق ئىرىمچىك پارچىلىرى تېخىمۇ كىچىك پارچىلارغا بۆلۈنۈپ، سۈيىنىڭ سۈزۈلۈشى ئۈچۈن پىرىسلىنىدۇ. ئىرىمچىكنىڭ يۇمشاقلىقى ۋە قاتتىقلىقى پىرىسلىنىش ۋاقتىغا ئاساسەن ھەر خىل بولىدۇ.

قېتىشقان پارچىلار خالىغان پىششىقلىققا يەتكەندە، قېلىپ شەكلىدە كېسىلىپ، ئۈستىگە ئوتتۇرا دەرىجىلىك تۇز ئېرىتمىسى قوشۇلۇپ 16 سائەت ساقلىنىدۇ. ئاندىن قۇتىلارغا سېلىنىپ، ئۈستىگە تازىلانغان دېڭىز تۇزى سېپىلىپ 24 تىن 30 سائەتكىچە يەنە ساقلانغاندىن كېيىن، 18 كىلوگراملىق تۇڭلارغا قاچىلىنىدۇ. قاچىلاشتىن كېيىن تۇڭلارنىڭ ئاغزى ھاۋا كىرمەيدىغان قىلىپ ئېتىلىپ، سوغۇق ساقلاش ئامبارلىرىغا ئەۋەتىلىدۇ. سوغۇق مۇھىتتا يەنە ئەڭ ئاز  دېگەندىمۇ 90 كۈن پىشۇرۇلغان ئىرىمچىك ئىستېمال قىلىشقا تەييار ھالغا كېلىدۇ.

يۇقىرىدا «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق پىروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر