تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇنتۇلماس قەھرىمانى نەجدەت كوچاك

نازگۈل قادىروۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇنتۇلماس قەھرىمانى، ئىراق تۈركمەنى نەجدەت كوچاك ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

2207769
تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇنتۇلماس قەھرىمانى نەجدەت كوچاك

تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇنتۇلماس قەھرىمانى نەجدەت كوچاك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: كۈرىشى خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ۋە قانۇن كۈرەشلىرىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان نەجدەت كوچاك، ئىراق تۈركمەنلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى رەھبەرلىرىدىن بىرى.

1939-يىلى كەركۈكتە دۇنياغا كەلگەن نەجدەت كوچاك تۈركمەن كىملىكى بىلەن چوڭ بولدى. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى شۇ يەردە تاماملىدى. 1962-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى يېزا-ئىگىلىك فاكۇلتېتىنى پۈتتۈردى. 1962- 1964 يىللىرى ئارىسىدا كەركۈكتە دېھقانچىلىق ئۈسكۈنىلىرى باشقارمىسىدا ئىشلىدى. ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن 1964-يىلى قايتا تۈركىيەگە كېلىپ، دېھقانچىلىق كەسپىدە ئاۋۋال ماگىستىرلىق، ئاندىن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. 1970-يىلى ئىراققا قايتىپ، باغداد ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنژېنېرلىق فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلىدى. 1976-يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.

نەجدەت كوچاك ئىراق زېمىنىدا ئاز سانلىق مىللەت بولغان كەركۈك تۈركمەنلىرىدىن ئىدى. كەركۈك مىڭلىغان يىللىق تارىخى جەريانىدا تۈركلەرنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كەلگەنىدى. بىراق 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، شۇ دەۋردىكى دىكتاتورلۇق ھۆكۈمىتى ئاستىدا ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىدى. رايوندىكى تۈركمەنلەرنىڭ ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىدى. تۈركمەنلەرگە قارشى تەھدىت، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، قەتلىئام ۋە قىيىن-قىستاقلار يۈز بەردى. تۈركمەن رەھبىرى ماياور ئاتا خەيرۇللاھ باشچىلىقىدا 36 تۈرك شېھىت قىلىندى.

نەجدەت كوچاك مانا مۇشۇ ئادالەتسىزلىك، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، قەتلىئام ۋە تۈركلەرگە قارشى ئوينالغان ئويۇنلارنى كۆردى ۋە بىۋاسىتە باشتىن كەچۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەركۈك تۈركمەنلىرىنىڭ ئاۋازى بولۇش يولىنى تاللىدى. ئۇ بۇ قەدىمىي تۇپراقلاردا ئۆز كىملىكىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتقان تۈركمەنلەرنىڭ رەھبىرىگە ئايلاندى.

ئۇ تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدىلا مىللىي دەۋا ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى باشلىۋەتكەنىدى. 1959-يىلى كەركۈك قەتلىئامىدا شېھىت بولغان تۈركمەن رەھبىرى ئاتا خەيرۇللاھ مەخپىي قۇرغان ياشلار تەشكىلاتىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان ۋە ئۇنىڭ رەئىسى بولغانىدى.

ئۇ كەسپىي جەھەتتە پەقەت بىر ئوقۇتقۇچىلا بولۇپ قالماستىن، شۇنداقلا ئىراق تۈركمەنلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان، ئۇلارنىڭ دەردىنى ئىپادىلەيدىغان بىر يېتەكچى بولۇپ يېتىشتى. ئۇ خەلقىنىڭ تۈرك كىملىكىنى ياشنىىتىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالدى.

يىغىنلاردا ياكى ھەر قېتىملىق سۆزلىرىدە ئىراق تۈركمەنلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ خەلقىنى ئەڭ تەبىئىي ھوقۇقلىرىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن يوشۇرۇن ئەمەس، بەلكى تۈركمەن قېرىنداشلىق كۇلۇبى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەلگە ئاشۇردى. ئانا تىلى تۈركچىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىراق تۈركمەنلىرىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

ئۇ تۈركىيەگە كۆپ قېتىم زىيارەتكە كەلدى. بۇ ئىراق دىكتاتور ھۆكۈمىتىنىڭ جاسۇسلۇق باھانىسى بىلەن ئۇنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىغا سەۋەب بولدى. ئۇ ئىراقتا ياشايدىغان تۈركمەنلەر ئۈچۈن مائارىپ ۋە مەدەنىيەت خىزمەتلىرىنى قىلدى. تۈركمەن ياشلىرىنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى تۈركمەن دەۋاسىنىڭ جەڭچىسىگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلدى. ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئىراق تۈركمەن ياشلىرى تۈركىيەدە بىلىم ئالدى.

ئەمما بەئس ھاكىمىيىتى بۇ كۆتۈرۈلۈۋاتقان تۈركمەن ئاۋازىدىن بىئارام ئىدى. كوچاقنىڭ كۈرىشى بەئس ھاكىمىيىتىنىڭ بېسىمىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولدى. 1979-يىلى 22-مارتتا نەجدەت كوچاك تۈركىيەگە جاسۇسلۇق قىلىش ۋە تۈركچىلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى. 10 ئايغىچە ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكى بىلىنمىدى. 10 ئايدىن كېيىن، 1980-يىلى 16-يانۋاردا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىشتىن بىر نەچچە سائەت بۇرۇن كۆرۈشەلىگەن ئايالى ئايتەن خانىم ۋە ياشلار بىلەن مۇنۇ تارىخىي سۆزلەر بىلەن ۋىدالاشتى:

«قېرىنداشلار، دەرەخ بۇدالغانسېرى يېڭىدىن بىخلايدۇ. سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، دەۋانى تاشلىماڭلار، داۋاملاشتۇرۇڭلار. شۇنى بىلىڭلاركى، پۈتۈن قورقۇنچلۇق ۋە چىدىغۇسىز قىيىن-قىستاقلارغا قارىماي، ھېچكىمنىڭ ئىسمىنى بەرمىدۇق. ئۇلار قاراڭغۇ خانىلاردا ئۆزلىرى تۈزىگەن تىزىملىكنى ئىمزالاتماقچى بولدى، ئىمزالىمىدۇق. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ بىلىدىغان ھېچنېمىسى يوق. مەن ھازىر ھەر قاچاندىكىدىن بەكرەك خاتىرجەم. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كۆڭلۈم خاتىرجەم بارىمەن. بايراقنى سىلەرگە تاپشۇرىمەن، مەن سىلەرنىڭ بۇ بايراقنى شەرەپ بىلەن كۆتۈرىدىغىنىڭلارغا ئىشىنىمەن. توغرىلىقتىن ۋە ئاللاھ يولىدىن ھەرگىز چەتنىمەڭلار. ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭلار...»

1980-يىلى 16-يانۋاردا ساددام ھۈسەيىن ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۈچ تۈركمەن يېتەكچىسى بىلەن بىللە نەجدەت كوچاك ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

نەجدەت كوچاكنىڭ كۈرىشى پەقەت تۈركمەنلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن چوڭ بىر ئۈلگە بولدى. ئۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىشىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلاتتى. ئوخشىمىغان زېمىنلاردا ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ بىر مىللەت سۈپىتىدە بىر-بىرىگە ياردەم قىلىشىنى ھەر دائىم تەكىتلىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ نامى تۈرك دۇنياسىدا ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىلمەكتە.

 

مەنبە:

1. Yavuz Bülent Bakiler ‘Nejdet Koçak ve Kerkük Ağıtı’ (https://www.kirmizilar.com/nejdet-kocak-ve-kerkuk-agiti/ 4. Ekim 2024)

2. Bedrettin DABBAĞOĞLU ‘Unutulmayan Şehidimiz Nejdet Koçak’ (https://www.ulkucudunya.com/index.php?page=haber-detay&kod=17838 4 Ekim 2024)

3.https://www.ulkucudunya.com/index.php?page=haber-detay&kod=17838 (4 Ekim 2024)



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر