تۈركىيەدىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى

تۆۋەندە ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈركىيەدىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

2203627
تۈركىيەدىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى

تۈركىيەدىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيەنىڭ سۇ ئامبارلىرىدىكى سۇ مىقدارى يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ، مەملىكەت بويىچە سۇ كىرىزىسى تەھدىت سېلىشقا باشلىدى. ھازىرقى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىستانبۇلدىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ سۇ مىقدارى 33 پىرسەنت، ئەنقەرەدە 34 پىرسەنت، ئىزمىردا بولسا 30 پىرسەنتتىن تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەنىڭ بۇ ئۈچ چوڭ شەھىرى ئالدىمىزدىكى قىش پەسلىدە جىددىي سۇ قىسلىقىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

نوپۇسى 16 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن ئىستانبۇل بۈگۈنكى كۈندە سۇ قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىر شەھەرلەرنىڭ بېشىدا كەلمەكتە. شەھەرنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى بولغان ئەلىبەي سۇ ئامبىرىدىكى سۇ مىقدارى 6.5 پىرسەنتكە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى خاتىرىلىدى. شەھەرنى ئىچىملىك سۈيى بىلەن تەمىنلەيدىغان 10 سۇ ئامبىرىنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرىدىلا سۇ مىقدارى 50 پىرسەنتتىن يۇقىرى.

ئىستانبۇل سۇ ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتتا، شەھەردىكى باشقا سۇ ئامبارلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭغا ئاساسەن: بۈيۈكچەكمەجە سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ مىقدارى %35، دارلىق سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ مىقدارى %36، ئەلمالى سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ مىقدارى %55، ئىسترانجالار سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ مىقدارى %28، قازاندەرە سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ مىقدارى %4.85، پاپۇچدەرە سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ مىقدارى %10،  سازلىدەرە سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ مىقدارى %44.7، تەركوس سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ مىقدارى %46.2، ئۆمەرلى سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ مىقدارى 27% ئىكەن.

پايتەخت ئەنقەرەنىڭ سۇ تەمىناتىدىمۇ جىددىي مەسىلىلەر كۆرۈلمەكتە. شەھەردىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ ئومۇمىي سۇ مىقدارى 34 پىرسەنتكە، ئىشلىتىشكە بولىدىغان سۇ مىقدارى 25 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالدى. ئەنقەرەنىڭ ئەڭ چوڭ سۇ ئامبىرى بولغان چاملىدەرە سۇ ئامبىرىدىمۇ سۇ مىقدارى ئاران 30 پىرسەنتتىن سەل يۇقىرىراق. شەھەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان سۇ ئامبارلىرىنىڭ پەقەت تۆتىدىلا سۇ مىقدارى 50 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ سۇ ساقلاش ئىقتىدارى ناھايىتى چەكلىك.

ئەڭ يېڭى مېتېئورولوگىيەلىك مەلۇماتلار 2024-يىلىدىكى قۇرغاقچىلىقنىڭ سەۋەبلىرىنى روشەن  ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئۆتكەن يازدىكى 92 كۈننىڭ 60 كۈنىدە تېمپېراتۇرا رېكورتى يېڭىلىنىپ، 2024-يىل تارىختىكى ئەڭ ئىسسىق ياز پەسلىگە ئايلاندى. ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، بۇ يىلقى ياز پەسلىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 2023-يىلدىكىدىن 0.23 گرادۇس يۇقىرى بولغان.

تۈركىيە كېچىلىك تېمپېراتۇرىدىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى؛ 12 قېتىم كېچىلىك تېمپېراتۇرا 20 گرادۇستىن يۇقىرى بولدى؛ مەملىكەت مىقياسىدا كېچىلىك تېمپېراتۇرا ئىككى قېتىم 25 گرادۇستىن يۇقىرى بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلدى. شەھەرلەر نۇقتىسىدىن ئالغاندا، مەرسىندە 65 كېچە، ئادانا ۋە سەيخاندا 40 كېچە، دىيارباكىردا 18 كېچە 25 گرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا خاتىرىلەندى.

دېڭىز سۈيى تېمپېراتۇرىسىمۇ نورمال سەۋىيەدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى. مارمارا دېڭىزىنىڭ سۇ تېمپېراتۇرىسى نورمال سەۋىيەدىن 3 گرادۇس ئۆرلەپ، 26-27 گرادۇسقا يەتتى. ئادەتتە 25 گرادۇس بولىدىغان قارا دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ 27 گرادۇسقا كۆتۈرۈلدى.

كىلىمات مۇتەخەسسىسلىرى 2024-2025-يىلى قىش پەسلىدىكى يامغۇر-يېغىننىڭ تۈركىيە تەۋەسىدە ناھايىتى تەڭپۇڭسىز بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە. تراكيا، ئەگە ۋە شەرقىي ئانادولۇدا يامغۇر-يېغىن مىقدارى 30 پىرسەنتكىچە، ساياھەت رايونلىرىدا بولسا 50 پىرسەنتتىن كۆپرەك ئازىيىشى كۈتۈلمەكتە.

غەربىي، ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قارا دېڭىز قىرغاقلىرىدا ئەكسىچە ئەھۋال كۆرۈلۈپ، قىشتىكى نورمال يامغۇر-يېغىن مىقدارىدىن 50 پىرسەنت كۆپ يېغىن كۈتۈلمەكتە. بۇ ئەھۋال كەلكۈن ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى؛ «سۈپىر ھۈجەيرە» ھادىسىسى تۈپەيلىدىن بىراقلا ياغىدىغان يامغۇر سۈيىنى يىغىۋېلىش تەس بولۇشى مۇمكىن.

تېمپېراتۇرا خەرىتىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، دۇنياۋى ئىسسىشنىڭ تەسىرىدە تۈركىيەنىڭ ھاۋارايى شارائىتى زور ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىدىكەن. بىردىنبىر ئۈمىد 2025-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا تېمپېراتۇرىنىڭ نورمال سەۋىيەگە قايتىپ، كۈتۈلگەن قارنىڭ يېغىشى ئىكەن.

مېتېئورولوگىيە باش ئىدارىسىنىڭ كەلگۈسىگە دائىر مۆلچەرىدە، 21-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە تۈركىيەدىكى تېمپېراتۇرا 1.5-2.6 گرادۇس ئۆرلەيدىكەن. يامغۇر-يېغىن مىقدارى 3-6 پىرسەنت تۆۋەنلەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يامغۇر-يېغىن ۋاقتى تېخىمۇ تەرتىپسىز بولىدىكەن.

بۇ كىلىمات ئۆزگىرىشلىرى تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىغىمۇ بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ھازىر تۈركىيە ئىشلىتىۋاتقان توكنىڭ 20 پىرسەنتى گىدروئېلېكتر ئېنېرگىيەسىدىن كېلىدۇ. قۇرغاقچىلىقنىڭ داۋاملىشىشى ۋە سۇ ئامبارلىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىغا جىددىي تەھدىت پەيدا قىلىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە تۈركىيەدە جەمئىي 31 مىڭ 590 توك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بار بولۇپ، بۇنىڭ 765 ى گىدروئېلېكتر ئىستانسىسى. بۇ قۇرۇلغان ئومۇمىي ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ 30 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر