ئەزەربەيجان شائىرى بەختىيار ۋاھاپزادە

نازگۈل قادىروۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈرك دۇنياسىغا داڭلىق زاتلارنىڭ بىرى، ئەزەربەيجاننىڭ مەشھۇر شائىرى بەختىيار ۋاھاپزادە ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

2199976
ئەزەربەيجان شائىرى بەختىيار ۋاھاپزادە

ئەزەربەيجان شائىرى بەختىيار ۋاھاپزادە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بەختىيار ۋاھاپزادە پەقەت ئەزەربەيجاننىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ دانىشمەن شائىرلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ نامى يازغان شېئىرلىرى ۋە ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى بىلەن  مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز جانلاندۇرۇپ تۇرغان بىر يولباشچى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالدى.

بەختىيار ۋاھاپزادە 1925-يىلى 16-ئاۋغۇست شەكى شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. باكۇدا ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، دەسلەپتە تېببىي پەنلەر فاكۇلتېتىغا كىرگەن. بىراق كېيىن ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتىغا ئۆتكەن. مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شۇ يەردە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1951-يىلى دوكتورلۇق، 1964-يىلى دوتسېنتلىق، 1965-يىلى بولسا، پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

بەختىيار ۋاھاپزادەنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشى ياش ۋاقتىدىلا باشلانغان. ئۇ تۇنجى شېئىرلىرىنى 1945-يىلى ئېلان قىلدۇرغان ۋە شۇ يىلى ئەزەربەيجان يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. شېئىرغا بولغان مۇھەببىتى شۇ يىللاردىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيگەن. ئۇ ئۆمرى بويىچە 40 تىن ئارتۇق شېئىرلار توپلىمى، 11 ئىلمىي ئەسەر، ئىككى مونوگرافىيە، ھەر خىل پيەسلەر ۋە يۈزلىگەن ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان.

ئۇنىڭ ئەدەبىي كىملىكى پەقەت سەنئەت گۈزەللىكىنىلا ئەمەس، بەلكى ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىي كۈرەشلىرىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرەتتى. ئۇ شېئىرلىرىدا ۋەتەن، ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە مىللىي كىملىك تېمىلىرىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەن. بەختىيار ۋاھاپزادەنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن بىرى، 1959-يىلى ئېلان قىلىنغان «گۈلىستان» ناملىق شېئىرى بولۇپ، ئەزەربەيجان ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ ئەسەردە، ۋاھاپزادە ئەزەربەيجاننىڭ ئىران ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىنى سىمۋوللۇق شەكىلدە تەسۋىرلىگەن. «گۈلىستان» شۇ دەۋردىكى سوۋېت تۈزۈمىگە قارشى يېزىلغان ئەڭ جاسارەتلىك ئەسەرلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. بەختىيار ۋاھابزادە بۇ ئەسىرى ئارقىلىق مىللىي ئويغىنىشقا زور تۆھپە قوشقان ھەمدە خەلقىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش يولىدا مۇھىم قەدەم تاشلىغان.

ۋاھاپزادە سوۋېت دەۋرىدە، 1980-1985 ۋە 1985-1990 يىللىرى ئارىسىدا ئەزەربەيجان پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزاسى بولغان. ئەزەربەيجان مۇستەقىللىققە ئېرىشكەندىن كېيىنمۇ، ۋاپاتىغا قەدەر مىللىي پارلامېنتتىكى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرغان. ئاكادېمىيە ۋە سىياسەت ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ مۇھىم قىسمىنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ئۇنى بەختىيار ۋاھاپزادە قىلغان ۋە ھاياتىغا مۆھۈر باسقان نەرسە يەنىلا ئەدەبىيات، بولۇپمۇ شېئىرىيەت بولغان.

بەختىيار ۋاھاپزادە پەقەت ئەزەربەيجاندىلا ئەمەس، پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدا چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرغان زات. ئۇنىڭ شېئىرلىرى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق دەرد-ئەلەملىرىنى، كۈرەشلىرىنى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدە بەختىيار ۋاھاپزادەنىڭ شېئىرلىرى زور قىزىقىش بىلەن ئوقۇلىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرى تۈرك دۇنياسىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەدەبىي كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينايدۇ. تىلدىن-تىلغا تارقالغان شېئىرلارنى، كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى قالدۇرغان بەختىيار ۋاھاپزادە، 2009-يىلى 13-فېۋرال كۈنى باكۇدا ۋاپات بولدى.

بەختىيار ۋاھاپزادەنىڭ ئەسەرلىرى دۇنيانىڭ نۇرغۇن تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە كۆپلىگەن خەلقئارالىق سورۇنلاردا تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى پەقەت ئەزەربەيجان خەلقىنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال قىممەتكە ئىگە. يۇنېسكو قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنغان شائىر، تىنچلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە مۇھىم ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بەختىيار ۋاھاپزادەنىڭ تۆۋەندىكى «ئانا تىلىم» ناملىق شېئىرى، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى ۋە ئانا تىلغا بولغان مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ شېئىرنى ئۇنىڭ ئەدەبىي كىملىكى ۋە كۈرەشچانلىقىنىڭ جەۋھىرى دېيىشكە بولىدۇ:

 

«نومۇستىن بىخەۋەر، ۋىجداندىن يىراق،

ۋەزىپە كۇرسىسى غايىدۇر ساڭا.

ۋەتەننىڭ تىلىنى سۆيمىگەن پەسكەش،

ۋەتەننىڭ نېنى ھارامدۇر ساڭا!»

 

«بەختىيار مۇئەللىم» دەپمۇ تونۇلغان بەختىيار ۋاھاپزادەنىڭ نامىنى ئۇلۇغلىغان ئامىل، ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە ئەزەربەيجاننى ئويلىغانلىقى، ئۇنىڭ ھەققىدە سۆزلىگەنلىكى ۋە يازغانلىقىدۇر. ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ھەمىشە مىللىتىنىڭ شانلىق تارىخىنى، ئۇلۇغ شەخسلىرىنى تىلغا ئالغان ۋە بۇلارنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشكە تىرىشقان. بۈگۈن بىز ئۇنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئۇ ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان قىممەت قاراشلارنىمۇ ئەسلەيمىز ۋە ئۇنىڭغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن سالام يوللايمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر