بۇرسا دۆنەر كاۋىپى
تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى -42
بۇرسا دۆنەر كاۋىپى
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «بۇرسا دۆنەر كاۋىپى» نى تونۇشتۇرىمىز.
«بۇرسا دۆنەر كاۋىپى» نىڭ تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋاقتى: 17.06.2022
****** ********* ******
«بۇرسا دۆنەر كاۋىپى» تۈركىيەنىڭ تارىخى شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان بۇرسا شەھرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىدۇ ۋە 2022 - يىلى بۇرسا سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
«بۇرسا دۆنەر كاۋىپى» نى تەييارلاش ئۈچۈن قوي، ئۆچكە ياكى كالىنىڭ يوپۇرماقتەق ياپىلاقلانغان گۆشى ۋە قىيمىسىنى دورا دەرمەك تېتىتقۇ ئارىلاشتۇرۇلماستىن ئاز دېگەندە 2-3 كۈن دەم يېگۈزشكە توغرا كېلىدۇ. دەم يېگەن ۋە ناھايىتى ئاز مىقداردا تۇزلانغان گۆش پارچىلىرى دۆنەر زىخىغا ئۈستىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ ئۆتكۈزۈلىدۇ. ياغاچ كۆمۈرىدە پىشۇرۇلۇپ، ئاندىن ناھايىتى نېپىز شەكىلدە كېسىلىدۇ. كاۋاپنى پىشۇرغاندا ئوتنىڭ ئانچە بەك يۇقىرى بولماسلىقىغا ۋە گۆشنى كۆيدۈرمەسلىكىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىنىدۇ. پىشۇرۇلغان گۆش ئالاھىدە تەييارلانغان يۇمشاق ناننىڭ ئۈستىگە قويىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا قىزىق سېرىق ماي قۇيۇلۇپ، مېھمانغا شۇنۇشقا تەييار ھالغا كەلتۈرىلىدۇ.
«بۇرسا دۆنەر كاۋىپى» دا گۆشنىڭ ماي مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا %25 بولۇشى كېرەك. نان كاۋاپ گۆشىنىڭ ئاققان يېغى بىلەن ياغلىنىپ، كاۋاپداندا ئازراق قىزارتىلىدۇ ۋە كىچىك كىچىك توغرىلىنىدۇ. بۇ تاماق ئازراق قىززىتىلغان چوڭ ۋە تەكشى فارفور ياكى مېتال تاختايدا سۇنىلىدۇ. مېھماننىڭ تاللىشىغا ئاساسەن كاۋاپنىڭ يېنىدا قېتىق، شوخلا قىيامى، قورۇلغان قىزىلمۇچ ۋە توغرالغان پەمىدۇرنى بىللە سۇنىلىدۇ. ئۆتمۈشى 1800-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا تۇتىشىدىغان بۇرسا دونەر كاۋىپى ھەم شەھەرنىڭ ھەم تۈركىيەنىڭ تاماق كۈلتۈرىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ھېسابلىنىدۇ.