قۇرئان كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغانلار (قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ)

ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيىگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.

2197180
قۇرئان كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغانلار (قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ)

قۇرئان كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغانلار (قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: فۇسسىلەت سۈرىسى، 39 - 46 - ئايەتلەر. (بۇمۇ) ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇركى، سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن، ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرغان ۋاقتىمىزدا، زېمىن كۆتۈرۈلىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، شۈبھىسىزكى، زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنى ئەلۋەتتە تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[39]. شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلار بىزگە مەخپىي قالمايدۇ، قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ ياكى قىيامەت كۈنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئەمىن بولغان ھالدا كېلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[40]. شۈبھىسىزكى، قۇرئان كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغانلار (قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ)، شۈبھىسىزكى، قۇرئان غالىب كىتابتۇر[41]. ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيىگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر[42]. ساڭا (مۇشرىكلار تەرىپىدىن) ئېيتىلىدىغان سۆزلەر پەقەت ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە (قەۋملىرى تەرىپىدىن) ئېيتىلغان سۆزلەردۇر، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ مەغپىرەت ئىگىسىدۇر ۋە قاتتىق ئازاب ئىگىسىدۇر[43]. مۇبادا بىز ئۇنى ئەجەم تىلىدىكى قۇرئان قىلىپ نازىل قىلغان بولساق، ئۇلار ئەلۋەتتە: «نېمىشقا ئۇنىڭ ئايەتلىرى (بىز چۈشىنىدىغان تىلدا) روشەن بايان قىلىنمىدى؟ پەيغەمبەر ئەرەب، كىتاب ئەجەمچىمۇ؟» دەيتتى. ئۇ ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە (دىللاردىكى شەك ـ شۈبھىگە) شىپادۇر، ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ قۇلاقلىرى (قۇرئاننى ئاڭلاشتىن) ئېغىردۇر (يەنى قۇرئاننىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ گويا قۇلاقلىرى ئېغىردۇر)، قۇرئان ئۇلارنىڭ (دىللىرىغا) كورلۇقتۇر (يەنى ئۇلار ھىدايەت نۇرىنى كۆرمەيدۇ)، ئەنە شۇلار يىراقتىن نىدا قىلىنغۇچىلاردۇر (يەنى ئۇلار ھەقنى قوبۇل قىلماسلىقتا ئىمانغا يىراقتىن چاقىرىلغان، مۇساپىنىڭ يىراقلىقىدىن چاقىرىقنى ئاڭلىمىغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ)[44]. بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق، ئۇ ھەقتە ئىختىلاپ بولدى. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى جازالاشنى قىيامەتكىچە كېچىكتۈرۈش) ۋەدىسى بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلاتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن قۇرئاندىن زىيادە شەكتىدۇر[45]. كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، پايدىسى ئۆزىگىدۇر، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن زىيىنىمۇ ئۆزىگىدۇر. پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر[46].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر