تۈرك تىللىرىنىڭ سېھىرلىك دۇنياسى (13)
خۇراسان تۈركچىسى
تۈرك تىللىرىنىڭ سېھىرلىك دۇنياسى (13)
«تۈرك تىلىرىنىڭ سېھىرلىك دۇنياسى» ناملىق پروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، ئىسىمىنى ھېچقانداق تۈرك قەبىلىسىدىن ئەمەس، بەلكى ياشىغان جۇغراپىيەسىدىن ئالغان ۋە ئىلىم-پەن دۇنياسىغا 20-ئەسىردە سۇنۇلغان خۇراسان تۈركلىرى، خۇراسان تۈركلىرىنىڭ جوغراپىيەلىك ئورنى ۋە خۇراسان تۈركچىسى ھەققىدە توختىلىمىز.
خۇراساننىڭ ئىسمى قەدىمكىي پارس تىلىدىكى «Hur» <قوياش> ۋە «âsân»، <ئايان> (تۇغۇلغان) دېگەن سۆزلەرنىڭ بىرىكىشىدىن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، «قۇياش چىققان جاي ياكى قۇياش يۇرتى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. خۇراسان تارىختا ئىراننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ناھايىتى كەڭ بىر جۇغراپىيىەلىك رايوننىڭ ئىسمى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ رايوننىڭ زېمىنى ئۈچ پارچىغا ئايرىلغان بولۇپ، مەرۋ، نەسا ۋە سەراھس رايونى تۈركمەنىستاندا، بەلخ ۋە ھېرات رايونى ئافغانىستاندا قالغان قىسمى ئىراننىڭ تەۋەلىكىدە. خۇراساننىڭ ئەڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىران چېگراسى دائىرىسىدە ئىكەنلىكى مەلۇم.
مەلۇم بولغىنىدەك، ئىران دۇنيا بويىچە تىل ئىلمىي تەتقىقاتى جەھەتتىن ئەڭ ئاخىرىدا بايقالغان رايونلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئەھۋال ئىران زېمىنىدا ياشايدىغان تۈرك خەلقىنىڭ تىلى ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق دېيەلەيمىز.
****** ***** ***** ***** ****
خۇراسان تۈركلىرى بۈگۈنكى كۈندە ئاساسلىقى ئىراننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان شىمالىي خۇراسان ۋە رازاۋى خۇراسان ئۆلكىلىرىدە ياشايدۇ. بۇ رايونلاردا ياشايدىغان تۈرك نوپۇسى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق، ئەمما گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس گېرخارد دوئېرفېر 1977 - يىلدىكى تەتقىقاتى نەتىجىسىدە خۇراسان تۈركلىرى نوپۇسىنىڭ 2 مىليون ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
خۇراسان تۈركلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ياشاۋاتقان رايونغا 11 - ئەسىردە سەلجۇقىيلارنىڭ رەھبەرلىكىدە كەلگەنلىكى مەلۇم. شۇنىڭدىن كېيىن، خۇراسان رايونىغا تۈركلەرنىڭ قويۇق كۆچۈشىنىڭ باشلىنىشى بىلەن بۇ رايون پۈتۈنلەي سەلجۇقىيلارغا تەۋە زېمىنغا ئايلانغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئىراننىڭ خۇراسان رايونىدا ياشايدىغان تۈركلەرمۇ «ئوغۇز سەلجۇقىيلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر» دەپ قارىلىدۇ.
بۈگۈنگە قەدەر خۇراسان تۈركچىسى گەرچە مۇتەخەسىسلەر تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتلارغا ئىگە ئەمەسمىز. خۇراسان تۈركلىرى، ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئىلىم - پەن دۇنياسىغا تۇنجى بولۇپ 1926 - يىلى رۇسىيەلىك شەرقشۇناس ۋىلادىمىر ئالېكسېيېۋىچ ئىۋانوۋ تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان. ئاندىن 1977 – يىلى گېرخارد دوئېرفېر تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم خۇراسان تۈركچىسى تەپسىلىي تەكشۈرۈلۈپ، مۇھىم مەلۇماتلار بېرىلگەن.
بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خۇراسان تۈركچىسى ئىراننىڭ خۇراسان رايونىدا ياشايدىغان ئوغۇز تۈركلىرى سۆزلىشىدىغان ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ئوغۇز تىلىنىڭ بىر تارمىقىدۇر. تۈرك تىللىرىنى جۇغراپىيەلىك ۋە تىل قائىدىلىرىگە ئاساسەن تۈرگە ئايرىشتا، غەربىي جەنۇب ياكى ئوغۇز گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ. خۇراساندىن باشقا يەنە، تۈركمەنىستاننىڭ شىمالىدىكى تار بىر رايوندىمۇ ئىشلىتىلمەكتە. خۇراسان خەلقى ئۆزلىرى ياشايدىغان جايلاردا ئەزەربەيجان تۈركچىسى ۋە تۈركمەنىستان تۈركچىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆز تىلىنى «تۈركىي» دەپ ئاتايدۇ.
مەلۇم بولغىنىدەك، خۇراسان كۆچۈش ۋە ئىستىلا يوللىرىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىغا جايلاشقانلىقى سەۋەبىدىن ئوخشىمىغان ئىرقلاردىن تەركىب تاپقان بىر نوپۇسقا ئىگە. بۇ ۋەجىدىن خۇراسان رايونىدا خەلقلەر ئوخشىمىغان تىللاردا سۆزلىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىراندىكى ھۆكۈمەت تىلى پارس تىلى بولغاچقا ھەمدە ھۆكۈمەت تىلى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە پايدىلىق بولغاچقا، خۇراسان تۈركچىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى تەدرىجىي ئازايماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈرك تىلىدا مائارىپنىڭ يوقلۇقى، تۈرك تاراتقۇلىرىنىڭ ئىنتايىن چەكلىك بولۇشى ۋە بەزى تۈرك ئائىلىلىرىنىڭ پارس تىلىنى ئانا تىلى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى نەتىجىسىدە، بۇرۇنلا ئېغىز تىلى سالاھىيىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان خۇراسان تۈركچىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ساھەسى تېخىمۇ تارايماقتا. نەتىجىدە، خۇراسان تۈركچىسى 2010 – يىلى <UNESCO> يۇنېسكو تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللار قىزىل كىتابى» دا «ئۆلۈۋاتقان تىللار» تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.