دۇنيا مىقياسىدا كۈنسېرى ئومۇملىشىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە تۈركىيە

ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، دۇنيا مىقياسىدا كۈنسېرى ئومۇملىشىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيەسى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

2192290
دۇنيا مىقياسىدا كۈنسېرى ئومۇملىشىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە تۈركىيە

دۇنيا مىقياسىدا كۈنسېرى ئومۇملىشىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە تۈركىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھەر بىر جانلىق قۇياشنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇش كۈچىگە موھتاج. سانائەت ئىنقىلابى بىلەن بىرگە، ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى قۇياشنىڭ پەقەت ئىسسىتىش ئالاھىدىلىكىنىلا ئەمەس، بەلكى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن كۈچىنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقاردى.

قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن توك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تارىخى 1839-يىلىغىچە سوزۇلىدۇ. فىرانسىيەلىك ئالىم ئېدموند بېكۇئېرېل تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان نەزەرىيە، ئۇزۇن يىللىق تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە تۇنجى قېتىم 1954-يىلى رېئاللىققا ئايلاندى. تۇنجى قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىستانسىسى 1954-يىلى ئامېرىكادا قۇرۇلدى.

قۇياش ئېنېرگىيەسى 1970-يىللاردا تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىردى. قۇياش ئېنېرگىيەسى تېخنىكىسى دۇنيادىكى تەرەققىياتلارغا ماس ھالدا تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار، دۆلەت ۋە خۇسۇسىي ساھەلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاشقا  باشلىدى. قۇياش ئېنېرگىيەسىگە ئالاقىدار تۇنجى دۆلەت ئىچى قۇرۇلتىيى 1975-يىلى ئىزمىردا چاقىرىلدى. تۇنجى سىناق قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى 1975-يىلى ئوتتۇرا شەرق پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلدى.

تۈركىيە مۇھىم قۇياش ئېنېرگىيەسى يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە رايونغا جايلاشقان بولۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقى تەييارلىغان تۈركىيەنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى يوشۇرۇن كۈچى ئاتلىسىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي قۇياشلىنىش ۋاقتى كۈنلۈك 7.5 سائەت، يىللىق 2 مىڭ 737 سائەت. يەنە شۇ ئاتلاسقا ئاساسەن، تۈركىيەدىكى يىللىق ئومۇمىي قۇياش ئېنېرگىيەسىنىڭ 1 مىڭ 527 كىلوۋات سائەت/كىۋادرات مېتىر، كۈنلۈك 4.2 كىلوۋات سائەت/كىۋادرات مېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ ساھەگە مەبلەغ سېلىش كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ. 2024-يىلى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈركىيەنىڭ قۇرۇلما كۈچى 113,932 مېگاۋاتقا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇرۇلما كۈچنىڭ مەنبەلەرگە قاراپ تەقسىملىنىشىدە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مۇھىم ئورۇن ئالدى. بۇ ئېنېرگىيەنىڭ تەخمىنەن %42ى فوسىل يېقىلغۇلاردىن ھاسىل قىلىنىدىغان بولۇپ، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ ئۈلۈشى %60 كە يېقىنلاشماقتا.

توكنىڭ %28.3 ى سۇ ئېنېرگىيەسى، %10.8 ى شامال،  %1.5 ى گېئوتېرمال ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن ھاسىل قىلىنماقتا. قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش مەنبەلىرىنىڭ بىرى قۇياشتۇر. تۈركىيە ئېلېكتىرىنىڭ %16.2 ىنى قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن ھاسىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيەدە جەمئىي 29 مىڭ 163 قۇياش ئېلېكتىر ئىستانسىسى بار.

مەۋجۇت يوشۇرۇن كۈچتىن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللارمۇ قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە لەيلىمە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىمۇ بار. تۈركىيەنىڭ لەيلىمە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىستانسىسى يوشۇرۇن كۈچى تەخمىنەن 80 مىڭ مېگاۋات دەپ ھېسابلانماقتا. قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۇپراق ياكى قاتتىق يەر تەگلىكىگە ئېھتىياجلىق بولمىغان لەيلىمە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىستانسىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىنچ دېڭىز رايونلىرى، ھىدروئېلېكتىر ئىستانسىلىرى ۋە ئىچىملىك سۇلىرىنى ساقلاش رايونلىرى ھەمدە كېرەكسىز سۇلار توپلىنىدىغان سۈنئىي كۆللەرنىڭ بولۇشى يېتەرلىك.

لەيلىمە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىستانسىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۇ بىرىكمىلىرى دېھقانچىلىق، سانائەت ياكى تىجارەت مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەردىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىستانسىلىرى بىلەن رىقابەتلەشمەيدۇ. بۇ خىل ئىستانسىلارنى نوپۇسى زىچ رايونلارغا يېقىن جايلارغىمۇ قۇرغىلى بولىدۇ.

يەر تىپىدىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختايلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، لەيلىمە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىستانسىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىنىش ئىمكانىيىتى يۇقىرى بولۇپ، كۆلەڭگىدە قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەستىن پائالىيەت ئېلىپ بارالايدۇ. بۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل ئىستانسىلارنىڭ توپا-چاڭ ۋە كىر تۇتۇش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولغاچقا، ئۈنۈمنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

سېلىنىۋاتقان مەبلەغلەر سايىسىدا تۈركىيەنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىقتىدارىنىڭ كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە قاتمۇقات ئېشىپ، تەخمىنەن 53 گىگاۋاتقا يېتىشى كۈتۈلمەكتە. شۇنداق قىلىپ، قۇياش ئېنېرگىيەسىنى ئەڭ مۇھىم ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇش پىلانلانماقتا.

دۇنيا مىقياسىدىمۇ قۇياش ئېنېرگىيەسىگە سېلىنىۋاتقان مەبلەغنىڭ مىقدارى يىلسېرى ئاشماقتا. 2023-يىلى دۇنيا بويىچە ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ %5.5 ى قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن ھاسىل قىلىندى. قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىستېمالى %23.2 كۆپەيدى. دۇنيا مىقياسىدا ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشتىكى يىللىق ئەڭ زور ئېشىش قۇياش ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە كۆرۈلدى.

قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىشتا خىتاي 306 مىڭ 973 مېگاۋات بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن 95 مىڭ 209 مېگاۋات بىلەن ئامېرىكا ۋە 74 مىڭ 191 مېگاۋات بىلەن ياپونىيە كېلىدۇ. بۇلاردىن كېيىن تەرتىپى بويىچە گېرمانىيە، ھىندىستان، ئىتالىيە، ئاۋسترالىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە ئورۇن ئالىدۇ. تۈركىيەمۇ قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىدىغان ئالدىنقى 20 دۆلەتنىڭ بىرى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر