ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياۋروپانى تەسەۋۋۇر قىلىش: 3 سېنارىيە
كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (39)
ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياۋروپانى تەسەۋۋۇر قىلىش: 3 سېنارىيە
(پىروفېسسور دوكتور مۇرات يېشىلتاش)
سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى
ئوتتۇرا شەرقتىكى كىرىزىسنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇرۇشنىڭ دائىرىسى مۇقەررەر ھالدا ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا يېڭى تاكتىكىلار ئارقىلىق تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن تېخىمۇ كېڭىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن يېڭى بىر ئۇرۇش ۋە ئىككى چوڭ كىرىزىسقا دۇچ كېلىمىز. بۇ ئىككى چوڭ كىرىزىسنىڭ بىرى ئوتتۇرا شەرققە، يەنە بىرى ياۋروپاغا مەركەزلەشمەكتە. بۇ ئىككى كىرزىسنىڭ يېڭى رايون تەرتىپلىرى ئورنىتىشقا بولغان تەسىرى ھالقىلىق بولىدۇ. ئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىنى ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتىنى شەكىللەندۈرگۈسى ھەمكارلىق، رىقابەت ۋە ھۆكۈمرانلىقتىن ئىبارەت ئۈچ سېنارىيەدە يىغىنچاقلاپ تەھلىل قىلىش مۇمكىن. بۇ سېنارىيەلەرنى ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەركىنلىكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياۋروپاغا بولغان تەسىرى ۋە رۇسىيەنىڭ رامكادىكى ئورنىدىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم پارامېتىرغا ئاساسەن مۇھاكىمە قىلىشقا بولىدۇ.
مول نەتىجىلىك ھەمكارلىق
بۇ سېنارىيە ھەمكارلىققا ئاساسلىنىدىغان بىخەتەرلىك مۇھىتى، ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى ئارا قويۇق ھەمكارلىق، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇداپىئە ھەمكارلىقىنىڭ قايتىدىن جانلىنىشى، رۇسىيەنىڭ مۇرەسسەلىشىشى ۋە ياۋروپا بىلەن قايتىدىن بىر گەۋدىلىشىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ سېنارىيە رېئاللىققا ئايلانغان تەقدىردە، بىرلەشمە مۇداپىئە لايىھەلىرى، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنىڭ سانى ۋە دائىرىسى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى تېخىمۇ كۆپ مۇرەسسەلەشكۈچى پوزىتسىيە تۇتىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ياۋروپا مۇداپىئە فوندى ۋە دائىمىي قۇرۇلمىلىق ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەتلەر قۇرۇلغانىدى. ياۋروپا مۇداپىئە فوندى ياۋروپا ئىتتىپاقى مەبلىغىدىن مەنپەئەتلىنىشى، دۆلەتلەر ئارا سۆھبەتلەردىنمۇ بەكرەك شىركەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىنى تەشۋىق قىلىشى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قاتارلىق مۇھىم دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ رولىنى ئازايتىشى جەھەتتىن دائىمىي قۇرۇلمىلىق ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە ئوخشىمايدۇ. دەرۋەقە، ياۋروپا مۇداپىئە فوندى خەلقئارا پىرىنسىپقا ئاساسلانماقتا ۋە دائىمىي قۇرۇلمىلىق ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىقنى نىشان قىلماقتا.
ياۋروپادىكى بۇ ھەمكارلىقچى بىخەتەرلىك تەرتىپىنىڭ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئەھمىيىتى بارغانسېرى زورىيىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك ئەركىنلىكىگە ئوخشىغان ناماياندىلىرىمۇ باردۇر. خەلقئارالىق بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئەگە كاپالەتلىك قىلالماسلىقتەك ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر مەسىلىنى ياۋروپا مۇداپىئە فوندى قاتارلىق مېخانىزملار ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ئېشىشى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىمۇ باشقا بىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا تەرىپى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئۆز – ئۆزىگە يېتىدىغان ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن مۇستەقىل ھالدا ھەرىكەت قىلىدىغان ئەھۋال شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇل پاخاللىقى، ئورتاق ئېمبارگولار ۋە ئۇكرائىنانى تېخىمۇ كۆپ قوللاش ئارقىلىق رۇسىيە كونترول ئاستىغا ئېلىنىدۇ، ئاخىرىدا رۇسىيە سىستېمىغا قايتىدىن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلىدۇ.
رىقابەتچىلىك ۋە بۆلۈنۈش
ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققۇسى ئىككىنچى كېلەچىكىنى، رۇسىيە بىلەن بولغۇسى ئىككىنچى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىىن ئىبارەت رىقابەتچىلىك دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدۇ. ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى جەريانىدا قوللانغان تەدبىرلەر، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ۋە تاشقى ئاكتىيورلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئىناقسىزلىق ۋە گۇمانلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق ياۋروپا قىتئەسىدىكى چوڭ دۆلەتلەر ئۆز مىللىي مەنپەئەتلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويماقتا. ياۋروپا كۆك يۈزى قالقىنى تەشەببۇسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا، بولۇپمۇ گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئوچۇق - ئاشكارا تەنقىدلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تالاش-تارتىشلارنى قوزغىدى. رىقابەتچىلىك سېنارىيەسىدە، ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە كامىكازى ئۇچقۇلارنى ئىشلىتىش، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىققۇسى ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ئەندىشەلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە رۇسىيەنىڭ تەھدىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالمايدۇ.
بۇ سېنارىيەنىڭ تۇغدۇرغۇسى نەتىجىلىرى شۇ بولىدۇكى، بولۇپمۇ فرانسىيە تاللىغان يول بولغان يەرلىك دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە مىللەتچىلىك ۋە قورۇقچىلىق ئۈزلۈكسىز باش كۆتۈرىدۇ. ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى بۆلۈنۈشى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن مۇداپىئە خىراجەتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغاچقا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۈنۈمىمۇ تۆۋەنلەيدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بولغان ئىشەنچ ئازىيىدۇ، شەرقىي ياۋروپا، بالتىق دۆلەتلىرى ۋە بالقان ئەللىرى تېز سۈرئەتتە ھەربىيلىشىشكە غەرق بولۇپ، يېڭى بىخەتەرلىك مۈشكۈلاتلىرى كېلىپ چىقىدۇ.
كونترول ئاستىغا ئېلىش تەدبىرلىرى ۋە بېقىندىلىق
ئەڭ ئاخىرىدا يىارىتىلغۇسى بىخەتەرلىك مۇھىتىنى خىتاي بىلەن بولغۇسى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمرانلىق ۋە كونترول ئاستىغا ئېلىش تەدبىرلىرى دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدۇ. بۇ سېنارىيە ياۋروپا مۇداپىئە فوندى بىلەن دائىمىي قۇرۇلمىلىق ھەمكارلىق جەمئىيىتى رامكىسى ئىچىدە ئورتاق زېمىن يارىتىش ۋە يېتەرلىك ساندىكى لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئىستراتېگىيەلىك ئەركىنلىك مۇھىتى بەرپا قىلالماسلىقىنىڭ نەتىجىسى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ ئەھۋال ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياۋروپانىڭ مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىكىگە بولغان تەسىرىنى كۈچەيتىدۇ.
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ باياناتلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە، قورال-ياراغ سېتىۋېلىشنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىرتىدىن كەلدى، جۈملىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھازىرغا قەدەر ئەڭ چوڭ تەمىنلەش مەنبەسى بولدى. ياۋروپا قىتئەسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇرۇشتىن ئىلگىرى «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى زاكاز قىلغانىدى. ئەمما ئىگىلىنىشچە، چېخىيە، گېرمانىيە، شىۋېيتسارىيە ۋە رۇمىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەر «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى قوشۇمچە زاكاز قىلغان. بۇلغارىيە ۋە سىلوۋاكىيە قاتارلىق مۇداپىئە خامچوتى بىرقەدەر ئاز بولغان دۆلەتلەرمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە «Block-70» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى زاكاز قىلدى. نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ئامېرىكا بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالىتى ۋە ياۋروپادىكى ئامېرىكانىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ داۋامى دەپ قارىلىدۇ. بالتىق دېڭىزى، شەرقىي ياۋروپا ۋە بالقان دۆلەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھۆججەتلىرى تەتقىق قىلىنغىنىدا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ زېمىنلىرىدىكى ئامېرىكانىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ ساقلاپ قېلىنىشى ۋە كۈچەيتىلىشىنىڭ بۇ ئەللەرگە نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ھۆكۈمرانلىق بىخەتەرلىك تەرتىپىنىڭ نەتىجىسىدە ئىككى قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى نەتىجىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيا تەرتىپىدىكى كۈچلۈك ۋە مۇستەقىل ئاكتىيور بولۇش ئىستراتېگىيەسى ئاخىرلىشىدۇ. ئىككى قۇتۇپلۇقلۇق تېخىمۇ گەۋدىلىك ۋە تېخىمۇ كەسكىن ھالغا كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ھەرىكەت قىلىش دائىرىسى تېخىمۇ تارىيىدۇ. ئامېرىكانىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئىككى قۇتۇپلۇق تەرتىپنىڭ ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن، بولۇپمۇ كىچىك دۆلەتلەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تېخىمۇ كۆپ بېقىندى بولۇپ قالىدۇ.
بۇ سېنارىيەنىڭ يەنە بىر نەتىجىسى رۇسىيەنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە دۇنيا سىستېسىمىدىن چەتكە قېقىلىش بولىدۇ. ئامېرىكا تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدىغانلىقى ۋە ھۆكۈمرانلىق كۈچى تېخىمۇ زورىيىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاخىرىدا ھۆكۈمەت ئالمىشىش بىلەن نەتىجىلىنىدىغان بىر ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ، روسىيەگە نىسبەتەن ھاقارەت خاراكتېرلىك نەتىجە بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر رۇسىيە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ياۋروپا بىخەتەرلىك مۇھىتىدىن پۈتۈنلەي چەتكە قېقىلىدۇ ۋە شەرق بىلەن غەرب پەرقى تېخىمۇ كەسكىنلىشىدۇ. بۇ سېنارىيەلەرنىڭ ھەممىسى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىگە باغلىقتۇر.