قىرغىز زىيالىيسى قاسىم تىنىستانوف

نازگۈل قادىروۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، شائىر، يازغۇچى، ئوقۇتقۇچى، تىياتىر سەنئەتچىسى، دۆلەت ئەربابى، تۆھپىكار قىرغىز زىيالىيسى قاسىم تىنىستانوف ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

2191699
قىرغىز زىيالىيسى قاسىم تىنىستانوف

قىرغىز زىيالىيسى قاسىم تىنىستانوف

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قاسىم تىنىستانوف 1901-يىلى ھازىرقى مۇستەقىل قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بالىقچى شەھىرىگە يېقىن چىرپىكتى يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئالدى بىلەن دادىسىدىن كونا يېزىقنى ئۆگەنگەن ۋە 1909-1912-يىللىرى ئارىسىدا تۇغۇلغان يېزىسىدىكى مەھەللە مەكتىپىدە، 1912-، 1913-يىللىرى سازانوۋا بازىرىدىكى يېڭىچە (جەدىتچە) ئۇسلۇبتا دەرس ئۆتۈلىدىغان ئۆزبېك مەكتىپىدە، 1914-1916-يىللىرى ئارىسىدا قاراقولدىكى «رۇس-تۇزم» دەپ ئاتىلىدىغان غەيرىي رۇسلار رۇسچە تەلىم-تەربىيە ئالىدىغان بىر مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇ 1924-يىلى تاشكەنتتىكى قازاق-قىرغىز ئاممىۋى مائارىپ ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئوقۇۋاتقان يىللىرىدا «جاڭا ئۆرىس» ۋە «ئاق جول» گېزىتلىرىنىڭ تەھرىر بۆلۈملىرىدە، «جاس قايرات» ۋە «سانا» ژۇرناللىرىدا ئىشلىگەن. كىچىكىدىن تارتىپلا تىل ئۆگىنىش ئىشتىياقى كۈچلۈك بولغان تىنىستانوف، قازاق، ئۆزبېك، تاتار ۋە ئازەرىي شېۋىلىرىدە راۋان سۆزلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكەن. ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ تۇنجى شېئىرلىرىنى ئانا تىلىدەكلا پىششىق ئۆگەنگەن قازاق شېۋىسىدە يازغان.

تىنىستانوف ئەدەبىي كىملىكىگە ئوخشاشلا ئىلمىي ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ تونۇلغان. ئۇ قىرغىز يېزىق تىلىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، ئەرەب ئېلىپبەسى قوللىنىلىدىغان قىرغىزچىنىڭ ئالدى بىلەن لاتىن ئېلىپبەسىگە، ئاندىن كىرىل ئېلىپبەسىگە ئۆتۈش مۇساپىلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان. ئۇنىڭ باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 1-نۆۋەتلىك تۈركشۇناسلار قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويغان «يېڭى قىرغىز ئېلىپبەسىنى يارىتىشتىكى ئاساسىي پىرىنسىپلار ھەققىدە» ناملىق ماقالىسى قىرغىز تىلشۇناسلىق ساھەسىدە يېزىلغان تۇنجى ئىلمىي تەتقىقات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تىنىستانوف قىرغىزچىنىڭ يەرلىك شىۋە بولۇشتىن ھالقىپ، ئەدەبىي يېزىق تىلىغا ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغان ھەمدە قىرغىزچىنىڭ قايسى شىۋىسىنىڭ ئەدەبىي تىلدا قوللىنىلىدىغانلىقىغا قارار قىلغان، نۇرغۇن گىرامماتىكىلىق ئاتالغۇلارنى بايقىغان ۋە ئۇلارنى ئەسەرلىرىدە ئىشلىتىپ، قىرغىز تىلىدا مۇقىم تىلشۇناسلىق ئاساسىنى ياراتقان. قىرغىزىستان تىلشۇناسلىرى ھازىرغىچە تىنىستانوف تۇنجى قېتىم قىرغىزچىغا كىرگۈزگەن گىرامماتىكىلىق ئاتالغۇلارنى ئىشلەتمەكتە.

1927-يىلى مارتتا سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەلىكىدىكى قىرغىزىستان ئاپتونوم رايونى يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچىدىكى بىر سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتكە ئايلانغاندىن كېيىن، يېڭى قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەن تىنىستانوف، بۇ ۋەزىپىنى 1930-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە داۋاملاشتۇرغان. ئۇ تۇبېركۇليۇز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ «ئۇزۇن مۇددەتلىك داۋالاش»قا دۇچ كەلگەچكە خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. مىنىستىرلىقتىن ئايرىلغاندىن كېيىن بىر مەزگىل داۋالانغان تىنىستانوف، 1931-يىلى يازدا قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك ئىلىم-پەن تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان ۋە بۇ ئىنستىتۇتتا 1937-يىلى 8-ئايغىچە لېكتور، بۆلۈم باشلىقى ۋە مۇدىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. مەزكۇر ئىنستىتۇتتا ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە، ئاساسلىقى قىرغىز تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى، مورفولوگىيەسى، ئىملا قائىدىسى ۋە ئىلمىي ئاتالغۇلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە بۇ جەرياندا 1932-يىلى قىرغىزىستان پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى بولغان، 1936-يىلى پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ 35 ياش ۋاقتىدا پىروفېسسور بولغان بولۇپ، تا ھازىرغىچە «قىرغىزىستاننىڭ ئەڭ ياش پىروفېسسورى» دېگەن نامىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

ستالىننىڭ تارىختا «چوڭ تېررورلۇق» دەپ ئاتالغان قارشى پىكىردىكىلەرنى تازىلاش سىياسىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە قىرغىزىستاندىكى كۆپ ساندىكى دۆلەت ئەربابلىرى ۋە زىيالىيلار ئۆلۈم جازالىرىغا ياكى سۈرگۈنگە ھۆكۈم قىلىنغانىدى. گەرچە كونكرېت بىرەر قىلمىشنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمىگەن بولۇشىغا قارىماي، قاسىم تىنىستانوف نەشرگە تەييارلىنىۋاتقان «ماناس داستانى»نىڭ ئاخىرقى تەييارلىقلىرىنى تاماملاش ئۈچۈن كەتكەن موسكۋادىن چاقىرتىلىپ، 1937-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى نازارەت ئاستىغا  ئېلىنغان. ئۇزۇنغا سوزۇلغان قىيىن-قىستاقلار ئاستىدىكى تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، ئۇنىڭغا «مىللەتچى ۋە خەلقنىڭ دۈشمىنى» ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلدۇرۇلۇپ، 1938-يىلى 6—نويابىر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن؛ جەسىتى 1991-يىلى باشقا 137 ئادەمنىڭ جەسىتى بىلەن بىرلىكتە بىشكەككە 15 كىلومېتىر كېلىدىغان كونا تاش كېنىدىن تېپىلغان. مەزكۇر جايدىن دۇنياغا داڭلىق يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ دادىسى تۆرۆقۇل ئايتماتوفنىڭ جەسىتىمۇ تېپىلغان. ئاتا بەيىت دېگەن نامدا ​​مەقبەرە سېلىنىپ، ئۇنىڭغا 138 كىشىنىڭ ئىسمى يېزىلغان ۋە ئۇ يەر مۇزېيغا ئايلاندۇرۇلۇپ، تاش كېنىدىن تېپىلغان كىشىلەرنىڭ نەرسە-كېرەكلىرى كۆرگەزمە قىلىنىشقا باشلىغان.

دېمەك، قىرغىزىستاننىڭ تۇنجى پىروفېسسورى قاسىم تىنىستانوفمۇ باشقا زىيالىيلار بىلەن ئوخشاش تەقدىرنى ئورتاقلاشقان. ئۇ تاشكەنتتە تونۇشقان ئۆز خەلقىنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن باش قاتۇرىدىغان جەدىدىزمچى (يېڭىلىقپەرۋەر) ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك زىيالىيلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇرغان «ئالاش ئوردا ھەرىكىتى» ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ماقالىلىرى يېڭى ھۆكۈمەتنى قورقۇتقان. شۇنىڭ بىلەن، ھۆكۈمەت ئۇلارنى يوقىتىشنىڭ كويىغا چۈشكەن. تىنىمسىز ئىشلەيدىغان قاسىم تىنىستانوف ئۆز خەلقىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن تۇنجى مائارىپ كىتابىنى يازغان زىيالىي. ئۇ خەلق ئارىسىدىن توپلىغان قەھرىمانلىق ئېپوسلىرىنى توپلاپ نەشر قىلدۇرغان. ئۇنىڭ خەلقى ئۈچۈن قىلغان بۇ خىزمەتلىرى، ئۇنىڭ «ئۆتمۈشنى سېغىنىش ۋە خەلقنى دۆلەتكە قارشى كۈشكۈرتىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنىشىغا سەۋەب بولغان. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق سوراقتا ئۆزىنىڭ ئالاش ئوردا ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياخشى قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما باشقا ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى سۈرگۈنگە ئۆزگەرتىلمەستىن، خەلقنىڭ دۈشمىنى دەپ جاكارلىنىپ ئىجرا قىلىنغان.

قاسىم تىنىستانوفنىڭ ئەسەرلىرى ۋە تۆھپىسى ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ قىرغىزىستان مەدەنىيىتىدە چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بولۇپمۇ قىرغىز تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئۇل تېشى دەپ قارىلىدۇ. قىرغىزىستاندا ئۇنىڭ ئىسمى قويۇلغان مەكتەپ ۋە كوچىلار بار. قاسىم تىنىستانوف قىرغىزىستان تارىخىدىكى مۇھىم زىيالىيلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ھازىرمۇ ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىلمەكتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىلىدۇ.

 

مەنبەلەر:

1. Abdıkulova, R. (2016). Türkistan İsyanı’nın Kırgız Edebiyatına Yansıması. Ürkün, Bilig, Kış S. 76, 159-177.

2. Buran, A. (2009). Sovyet Türkolojisi ve Birinci Türkoloji Kurultayı. Turkish Studies. Bahar Cilt 4/3.

3. Cigitov, S. (1991) .Töl Başı. Ala-Too Dergisi. Bişkek: Ala-Too Bas.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر