تۈركولوگ رەشىت رەھمەتى ئارات

نازگۈل قادىروۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈرك دۇنياسىدا تۈرك شېۋىلىرى ساھەسىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن تۈركولوگ رەشىت رەھمەتى ئارات ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

2186533
تۈركولوگ رەشىت رەھمەتى ئارات

تۈركولوگ رەشىت رەھمەتى ئارات

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سېلىشتۇرما تۈرك تىلى تەتقىقاتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئاساسچىسى، تىلشۇناس، ئىلىم ئەربابى، ئوردىنارىيۇس پىروفېسسور ئۇنۋانىغا ئىگە ئىلىم ئەربابى رەشىت رەھمەتى ئاراتتۇر. ئۇنىڭ تۈرك دۇنياسىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى بۈگۈنمۇ قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك ئەسەرلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. رەشىت رەھمەتى ئارات قازان تاتارلىرىدىن بولۇپ، 1900-يىلى قازاننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئەسكى ئۈچۈمدا دۇنياغا كەلگەن. دادىسىنىڭ ئىسمى مۇدەررىس ئابدۇررەشىد ئىسمەتۇللاھ، ئانىسىنىڭ ئىسمى مەھبەدەردۇر. ئۇ باشلانغۇچ مائارىپىنى ئەسكى ئۈچۈمدا، ئوتتۇرا مەكتەپنى تاغىسىنىڭ ياردىمى بىلەن بۈگۈنكى قازاقىستاننىڭ قىزىليار شەھىرىدە تاماملىغان. كېيىن ئۇ رۇس تىلىنى ئۆگەنگەن. رۇسىيەدە ئىنقىلاب يۈز بەرگەندە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىقىدىن چىقىرىۋېلىنىپ ھەربىي مەكتەپتە تەربىيەلەنگەندىن كېيىن ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلگەن. 1919-يىلى يارىلىنىپ مانجۇرىيەنىڭ خاربىن شەھىرىگە يۆتكەلگەن. ئۇ خاربىندىكى قازان تۈركلىرى جەمئىيىتىدە نۇرغۇن ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ۋە ھەر خىل ژۇرناللارنىڭ نەشر قىلىنىشىغا تۆھپە قوشقان. بۇ ئارىلىقتا، ئۇ 1921-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1922-يىلى بېرلىنغا بېرىپ پەلسەپە فاكۇلتېتىغا تىزىملاتقان. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى پىروفېسسور ۋىللىي باڭنىڭ تۈركولوگىيە دەرسىگە قاتنىشىشى بولغان. ئۇ بېرلىندىكى تۈرك ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئالغان. قازانلىق ئاياز ئىسھاقىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە نەشر قىلىنغان «يەنە مىللىي يول» ناملىق ژۇرنالدا نۇرغۇن ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇرغان. رەشىت رەھمەتى ئارات 1927-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى تاماملاپ، شەرق تىللىرى مەكتىپىنىڭ شىمال تۈركچىسى ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1928-يىلى بېرلىن پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە ئىلمىي ياردەمچى سۈپىتىدە كىرگەن. 1931-يىلى بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق تىللىرى فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى بولغان. تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئىسلاھاتىدىن كېيىن، ئۇ 1933-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىنغان ۋە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كافېدراسى پىروفېسسورى بولغان. 1942-يىلى تۈرك تارىخ جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1940-يىلىدىن 1950-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىييات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئارات 1949-يىلىدىن 1951-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا لوندوندىكى شەرق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى مەكتىپىدە زىيارەتچى پىروفېسسور بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1958-يىلى 26-ئاپرېل ئوردىنارىيۇس پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1964-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان.

 تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى دىيالېكتلار ئارا سېلىشتۇرما تەتقىقاتنىڭ باشلامچىسى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغان رەشىت رەھمەتى ئارات، «تۈرك دىئالېكتلىرىنى تۈرگە ئايرىش» ناملىق ئىلمىي تەتقىقاتى بىلەن تۈركولوگىيەگە زور تۆھپە قوشقان. ئۇ تۈركچىلىك ھەرىكىتى تۇيغۇسى ۋە ئەستايىدىل تەتقىقاتلىرى بىلەن كەلگۈسى ئەۋلادلارغا قىممەتلىك ئەسەرلىرىنى سوۋغا قىلغان. ئىسلام قامۇسىنىڭ نەشر قىلىنىشىغا تۆھپە قوشقان ئارات، ئۇنىڭ تېمىلىرىنى يېزىش بىلەنلا قالماي، ئۇنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغىمۇ قاتناشقان. ئۇ يەنە تۈرك مەدەنىيەت تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بارلىق ئەسەرلىرى ۋە كىتابلىرىنى بۇ يەرگە ئىئانە قىلغان. رەشىت رەھمەتى ئارات نۇقتىلىق ھالدا قەدىمكى تۈركچە ۋە ئۇيغۇر دەۋرى تىل يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىرگە، ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇر تېكىستلىرىنىڭ ئىلىم-پەن دۇنياسىغا تونۇلۇشىغىمۇ زور تۆھپە قوشقان. ئۇ ئىستانبۇل كۈتۈپخانىلىرىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر تېكىستلىرىنى قېزىپ چىققان. ئارات قاراخانلىلار دەۋرىدە يېزىلغان «قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە «ئەتەبەتۇلھەقائىق»نى نەشر قىلغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ ئۈچ نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇپ، تەنقىدىي نەشرىنى ئېلان قىلغان ھەمدە تۈرك ئەدەبىياتى ئۈچۈن مۇھىم بولغان بۇ ئەسەرنى ھازىرقى زامان تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلغان. بۈگۈنكى ئىشلىتىلىۋاتقان ۋە سېتىلىۋاتقان ئەڭ ئەتراپلىق «قۇتادغۇ بىلىگ» ئەسىرى ئۇنىڭ تەرجىمىسىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، تۈرك دۇنياسى ئارات ئېلان قىلغان «قۇتادغۇ بىلىگ» تەتقىقاتىنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆز دىئالېكتىكىدىكى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ يەنە «ئەتەبەتۇلھەقائىق»نىمۇ سېلىشتۇرما تېكىست، تەرجىمە، خاتىرە ۋە ئىندېكىسلىق ھالەتتە ئېلان قىلغان. بۇ ئەسەر بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلارنىڭ ئاساسلىق پايدىلىنىش مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولماقتا. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تەتقىقاتلىرىنى تىنىم تاپماستىن داۋاملاشتۇرغان رەشىت رەھمەتى ئارات ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالىم بولۇپ، تۈرك دۇنياسىدىكى نۇرغۇنلىغان مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ چىققان. ئۇنىڭ 506 بەتلىك «قەدىمكى تۈرك شېئىرلىرى» قاتارلىق ئەتراپلىق تەتقىقاتى بىلەن دوكلات، ماقالە، كىتاب ۋە تارىخ تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەسەرلىرىنىڭ سانى 123 كە يەتكەن. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىسى پىروفېسسور دوكتور مۇھەررەم ئەرگىن چوڭقۇر قايغۇسىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇنىڭ ئۆلۈمى دۆلىتىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا مىقياسىدىكى تۈركچىلىك تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ زور يوقىتىش» دېگەنىدى. بۇ ئۇنتۇلغۇسىز ئالىم يىغىنلاردا ۋە ئىلىم-پەن دۇنياسىدا ئەسلەنمەكتە ۋە مەڭگۈ ئەسلىنىدۇ.

 

مەنبەلەر:

1. Saadet Çağatay. "Reşid Rahmeti Arat 115 5 1900-29.11 1964)", TTK Belleten, XXIX 113 (1965), s. 177-193.

2. Nuri Yüce "Reşit Rahmeti Arat", TDV İslâm Ansiklopedisi, cilt: 03; s. 336-337.

3.https://islamansiklopedisi.org.tr/arat-resit-rahmeti (26 Ağustos 2024)

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر