تۈركىيە بىلەن مىسىر ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ھارپىسىدا...

ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

2184943
تۈركىيە بىلەن مىسىر ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ھارپىسىدا...

تۈركىيە بىلەن مىسىر ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ھارپىسىدا...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۇنجى قېتىم تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. بۇ ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەندىن كېيىن مىسىردىن تۈركىيەگە قىلغان تۇنجى پىرېزىدېنت دەرىجىىلىك زىيارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى — شۈبھىسىزكى— ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇدا بىر قانچە ئايدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززەدىكى قىرغىنچىلىقى ئىدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ ھەقتە توختىلىپ: «تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئورتاق. 11 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە (رايونغا) ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ توسالغۇسىز يەتكۈزۈلۈشىگە ئەھمىيەت بېرىش بىزنىڭ ئاساسلىق ئىشىمىز بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

مىسىر پىرېزىدېنتى سىسىمۇ ئەنقەرە بىلەن قاھىرەنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدىكى ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ: «تۈركىيە ۋە مىسىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ دەرھال كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئىشغالىيەتنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە پەلەستىننىڭ 1967-يىلىدىكى چېگرالار ئىچىدە پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلىدۇق. بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېدى.

لېكىن، سۆھبەتلەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم بۆلىكىنى ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تۈرلەرگە مەركەزلىشىشى ۋە سودا مىقدارىنى ئاشۇرۇشى تەشكىل قىلدى؛ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىز ھەمكارلىقىمىزنى سانائەت، سودا، مۇداپىئە، سەھىيە، مۇھىت ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ھەر ساھەلەر بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىمىزنى جەزملەشتۈردۇق. سودا ۋە ئىقتىساد ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەرىپىنى تەشكىل قىلىدۇ. بىز يېقىنقى 10 يىلدا مىسىرنىڭ ئالدىنقى 5 سودا شېرىكىنىڭ بىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇردۇق. كەلگۈسى 5 يىلدا سودا مىقدارىمىزنى 15 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىمىزغا قاراپ دادىل ئىلگىرىلەۋاتىمىز» دېدى.

دەل يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نىشانلارنى بويلاپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىدىن سانائەت ھەمكارلىقىغىچە، مۇھىتتىن ساغلاملىققىچە بولغان 17 ساھەدە كېلىشىم ئىمزالاندى؛ بۇ قاتاردا تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش رامكا كېلىشىمى ئىمزالاندى.

ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ بۇنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن تەخمىنەن 7 يىل ئىلگىرىكى چاغلارغا قايتىشقا توغرا كېلىدۇ؛ 2017-يىلى مىسىر بىلەن ئاتېنا ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا دېڭىز تەۋەلىكى سالاھىيەت كېلىشىمى ئىمزالاندى. تۈركىيە بۇ بىر تەرەپلىمە كېلىشىمنى ئېتىراپ قىلمىدى. ئەكسىچە، ئەنقەرە 2019-يىلى لىۋىيە بىلەن دېڭىز تەۋەلىكى كېلىشىمى ئىمزالىدى. شۇنداق قىلىپ، ئاتېنا بىلەن جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ تەستىقىسىز شەرقىي ئاقدېڭىزدا مەشغۇلات  ئېلىپ بارالمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتى.

ئەنقەرەنىڭ بۇ قەدىمىدىن كېيىن، قىبرىس ئارىلى ئارقىلىق گىرېتسىيەگە تۇتاشتۇرۇلماقچى بولغان ياۋرومېد تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تۈرى ئەھمىيىتىنى يوقاتتى. ئامېرىكانىڭمۇ كېلىشىمنى قوللاشتىن چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، تۈر پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى.

بۇ ئەھۋال تۈركىيەنىڭ تېزدىن يېڭى قەدەملەرنى تاشلىشىغا تۈركە بولدى. شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىنغان ھىدرو كاربون چارلاش خىزمەتلىرى رايوننىڭ مۇھىم دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان مىسىرنىڭ تۈركىيە قاتناشمىغان بىر تۈرنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇنلۇقىدىن گۇمانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە نورماللىشىشى رايوننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

ئەنقەرە-قاھىرە لىنىيەسىدە يۈز بەرگەن دىپلوماتىك جىددىيچىلىكتىن كېيىن، مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش تىرىشچانلىقى ناھايىتى ساغلام ئىلگىرىلىدى. تەرەپلەرنىڭ بەرپاچى باياناتلىرىدىن كېيىن، 2013-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۈركىيە خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى نۇرىددىن نەباتى 2022-يىلى 6-ئايدا قاھىرەگە بېرىپ، ئىسلام تەرەققىيات بانكىسىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى . جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن مىسىر پىرېزىدېنتى سىسى 2022-يىلى نويابىردا دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى دائىرىسىدە كۆرۈشتى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2024- يىلى 14-فېۋرال مىسىردا رەسمىي زىيارەتتە بولدى؛ زىيارەت جەريانىدا، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا نۇرغۇن ھۆججەتلەر ئىمزالاندى. سىسىنىڭ يېقىنقى زىيارىتى بىلەن بىرلىكتە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت مېخانىزمى پۈتۈنلەي نورماللاشتى.

بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇساپىدە، ئەنقەرە بىلەن قاھىرەنىڭ بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ساھەسىدە يۇقىرى قاتلاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە؛ ئاساسلىق مەقسەت، تەرەپلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى سالاھىيەت دائىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي دىيالوگ مېخانىزمى ئورنىتىشى ۋە دېڭىز ساھەسى قوشنىدارچىلىقى بولغان ئىككى دۆلەتنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر