ئوتتۇرا شەرقتىكى رايونلۇق ئۇرۇش خەۋپى
كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (35)
ئوتتۇرا شەرقتىكى رايونلۇق ئۇرۇش خەۋپى
(پىروفېسسور دوكتور مۇرات يېشىلتاش)
سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى تەتقىقاتلىرى دىرېكتورى
جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەنپەئەتنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىغا جايلاشقان ئوتتۇرا شەرق ئىسرائىلىيە، ھىزبۇللاھ ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، ۋەزىيەتنىڭ يەنە بىر قېتىم جىددىيلىشىپ كېتىشىگە شاھىت بولماقتا. بۇ توقۇنۇش پەقەت يەرلىك مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بۇ رايوننى نەچچە ئون يىل شەكىللەندۈرگەن تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ دىنامىكالارنىڭ نامايەندىسى، ئەلۋەتتە. نۆۋەتتىكى توقۇنۇشلار ئالاقىدار تەرەپلەرنىلا ئەمەس، باشقا رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئاكتىيورلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كەڭ ئىستراتېگىيەلىك كۈرەشنىڭ سىمۋولىدۇر. يېقىنقى ئايلاردا تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونى ئىنتايىن جىددىي توقۇنۇش دەۋرىگە قەدەم قويدى.
بۇ توقۇنۇشنىڭ ئاساسلىق ئامىلىنى ئىران بىلەن ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تەشكىل قىلماقتا. ئىران ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھىزبۇللاھ لىۋاندىكى تەسىرىنى كېڭەيتىدىغان ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن غەربنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان مۇھىم ۋاكالەتچى كۈچ دەپ قارىلىدۇ. ھىزبۇللاھ قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىراننىڭ ھەربىي، پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىدىئولوگىيە جەھەتتىكى قوللىشىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئادەتتىكى خەلق ئەسكەرلىرىدىن لىۋان ۋە كەڭ رايوندىكى ئاساسلىق سىياسىي ۋە ھەربىي كۈچكە ئايلاندى. ھىزبۇللاھ ئىسرائىلىيەگە ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى غەرب جاھانگىرلىكىگە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش ئېڭىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدۇ.
ئىسرائىلىيە بولسا ھىزبۇللاھنى «مەۋجۇتلۇق تەھدىتى» دەپ قارايدۇ. ھىزبۇللاھنىڭ كەڭ دائىرىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارى ۋە لىۋاننىڭ جەنۇبىدا بولۇشى ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە خىرىس تەشكىل قىلماقتا. ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي تەلىماتىنىڭ نىشانى ئالدىنى ئېلىش ھۇجۇملىرى، ئاخبارات ھەرىكەتلىرى ۋە ھىزبۇللاھنىڭ تەمىنلەش لىنىيەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىق بۇ تەھدىتكە قارشى تۇرۇشقا زور ئەھمىيەت بېرىشتۇر. بۇ بولسا قەرەللىك ھەربىي توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەر ھىزبۇللاھنى ئاجىزلاشتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە تېھرانغا ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى تەسىرىنىڭ چېكى ھەققىدە ئېنىق سىگنال بېرىشنىمۇ مەقسەت قىلماقتا.
ئىراننىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىنى تېخىمۇ كەڭ رايونلۇق نىشانلىرى شەكىللەندۈرمەكتە. تېھراننىڭ ھىزبۇللاھنى قوللىشى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىراقتىن يەمەنگىچە بولغان ئوتتۇرا شەرقتە ۋاكالەتچى كۈچ يېتىشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئىران بۇ ئارقىلىق قۇدرىتىنى نامايەن قىلىشنى، رەقىبلىرىنى - بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىسرائىلىيەنى – تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇتۇشنى، ھەمدە ئۆزىگە قارشى بىۋاسىتە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىشىنى قىيىنلاشتۇرىدىغان بۇففېر رايونى شەكىللەندۈرۈشنى نىشان قىلماقتا. ھىزبۇللاھ لىۋاندىكى مەۋجۇدىيىتى ۋە ئىسرائىلىيە زېمىنلىرىغا ئەجەللىك زەربە بېرىش ئىقتىدارى بىلەن بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ توقۇنۇشنىڭ رايون سىياسىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئىسرائىلىيە-ھىزبۇللاھ-ئىران توقۇنۇشى ئوتتۇرا شەرقتە مەۋجۇت بولغان مەزھەپ زىددىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. ھىزبۇللاھ ئۆزىنى شىئەلەرگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئاۋانگارتى دەپ قارىماقتا. ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى ھەمىشە مەزھەپ لىنزىسى ئارقىلىق كۆرۈلمەكتە، ئىراق، سۈرىيە ۋە لىۋان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى سۈننىي ۋە شىئە مەزھىپىدىكىلەر تېخىمۇ كۆپ پىرقەلەرگە بۆلۈنمەكتە. بۇ مەزھەپ خاراكتېرلىك بۆلۈنۈش پەقەت مەزكۇر دۆلەتلەرنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇپلا قالماي، رايون دىپلوماتىيەسى ۋە يارىشىش تىرىشچانلىقلىرىنىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتمەكتە.
ھىزبۇللاھ ھەم سىياسىي ھەم ھەربىي ئاكتىيور بولغان لىۋاننىڭ ۋەزىيىتى نۆۋەتتە ئىنتايىن مۇقىمسىز ھالەتتە تۇرماقتا. بۇ گۇرۇپپىنىڭ سۈرىيەدىكى مەۋجۇدىيىتى، ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ھەربىي ئالاقىسى ۋە ئىران بىلەن بولغان چوڭقۇر مۇناسىۋىتى لىۋاننى تېخىمۇ كەڭ رايون توقۇنۇشىنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئايلاندۇرۇۋەتتى. ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشى ۋە ئىجتىمائىي داۋالغۇش سەۋەبىدىن تېخىمۇ ئاجىزلىشىپ كەتكەن بۇ دۆلەتنىڭ مۇستەھكەم بولمىغان سىياسىي تۈزۈلمىسى، ئىسرائىلىيەنىڭ ھىزبۇللاھتىن ئۆچ ئېلىش تەھدىتلىرى سەۋەبىدىن تېخىمۇ مۇقىمسىزلاشماقتا. توقۇنۇشنىڭ زىيىنى بۇ كۈچلەر ئارىسىدا قالغان پۇقرالارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنمەكتە.
ئىسرائىلىيە-ھىزبۇللاھ-ئىران توقۇنۇشى ئەتراپىدىكى رايونلاردىن باشقا يەر شارى خاراكتېرلىك جۇغراپىيەلىك سىياسىتىگىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئىسرائىلىيەنىڭ سادىق ئىتتىپاقدىشى بولغان ئامېرىكا ھىزبۇللاھ بىلەن ئىراننى ئوتتۇرا شەرقتىكى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەركىزى دەپ قارايدۇ. ۋاشىنگىتوننىڭ ئىسرائىلىيەنى ھەربىي ۋە دىپلوماتىك جەھەتتىن قوللىشى ئىراننىڭ رايوندىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمىدۇر. بۇ دىنامىكا ھەرقانداق بىر داۋالغۇش تاشقى كۈچلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، تېخىمۇ كەڭ رايونلۇق، ھەتتا دۇنياۋى توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇقىمسىزلىق ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرمەكتە.
رۇسىيەنىڭ بۇ توقۇنۇشتىكى رولى ئالاھىدە دىقققەت قوزغايدۇ. ئىران ۋە سۈرىيەدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولغان رۇسىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن باشقۇرۇپ، ھەردائىم توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچى رولىنى ئوينىماقتا. ئەمما موسكۋانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرى بۇ رايوندىكى تەسىرىنى ساقلاپ قېلىشقا باغلىقتۇر. دەرۋەقە، ئىسرائىلىيە-ھىزبۇللاھ-ئىران توقۇنۇشىدىكى ھەرقانداق مۇھىم بىر داۋالغۇش رۇسىيەنى مەيدانىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇرلاپ، ئىتتىپاقداشلارنىڭ قايتىدىن شەكىللىنىشىگە يول ئېچىشى مۇمكىن.
گەرچە خىتاي بىۋاسىتە داخىل بولمىسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا شەرقتە بولۇپمۇ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئارقىلىق بارغانسېرى زورىيىۋاتقان ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرگە ئىگە. بېيجىڭنىڭ بۇ رايونغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەربىي ئارىلىشىشتىنمۇ بەكرەك دىپلوماتىيەنى ئاساس قىلىدۇ. ئەمما ئىسرائىلىيە-ھىزبۇللاھ-ئىران توقۇنۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇقىمسىزلىق خىتاينىڭ سېلىنمىلىرىغا تەھدىت سېلىپ، خىتاينى ۋاسىتىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن رايون دىپلوماتىيەسىدە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئويناشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن.
يىغىپ ئېيتقاندا، ئىسرائىلىيە-ھىزبۇللاھ-ئىران توقۇنۇشى ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇرەككەپ جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەنزىرىسىدىكى ھالقىلىق نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. بۇ پەقەت ئىككى تەرەپلىك ياكى ئۈچ تەرەپلىك مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان كەڭ دائىرىلىك بىر توقۇنۇشتۇر. ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چوقۇم بۇنىڭ تېگىدە ياتىدىغان دىنامىكىلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىشى ۋە ھەرقانداق شەكىلدىكى جىددىيچىلىكنىڭ يوشۇرۇن تەسىرىگە قارىتا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشىغا توغرا كېلىدۇ.