دېنىزلى تاۋاس قېتىقى
تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى -35
دېنىزلى تاۋاس قېتىقى
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «دېنىزلى تاۋاس قېتىقى» نى تونۇشتۇرىمىز.
دېنىزلى تاۋاس قېتىقىنىڭ تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋاقتى: 24.03.2024
****** ********* ******
تۈركىيەنىڭ ئەگە دېڭىزى رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم سانائەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان دېنىزلىنىڭ تاۋاس ناھىيەسى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى تەمى ۋە ئىشلەپچىقىرىلىش شەكلى بىلەن ئىنتايىن جەلپ قىلارلىق قېتىق تۈرىگە بەرگەن بولۇپ، دېنىزلى تاۋاس قېتىقى 2024 - يىلى تاۋاس شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىلتىماسى بىلەن تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
«تاۋاس قېتىقى» دېنىزلى يېزىسىدا بېقىلىدىغان قوي سۈتىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئۆزگىچە تەملىك ۋە پۇراققا ئىگە. بۇ قېتىقنى ئىشلەپچىقىرىشتا قوشۇمچە ماددە ۋە تەملەندۈرگۈچ ئىشلىتىلمەيدۇ. ئۇستىلىق ماھارىتىنى تەلەپ قىلىدىغان بۇ قېتىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن 5 كىلوگىرام ياغلىق قوي سۈتى چوڭ مىس قازاندا 90 گرادۇسلۇق ئوتۇن ئوتىدا 30 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. بۇ جەرياندا سۇتنىڭ قازاننىڭ ئاستىغا نېپىز تۇتۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ تەملەندۈرىلىدۇ. قايناق سۈتكە تەخمىنەن 75 گرام تەبىئىي ئېچىتقۇ قوشۇلىدۇ. سۈت قېتىققا ئايلىنىشى ۋە قايماق تۇتۇشى ئۈچۈن بۇ ئارىلاشما 4 سائەت ئەتراپىدا رەخت بىلەن ئۈستى يېپىلغان ھالدا ساقلىتىلىدۇ. سوۋۇتۇش جەريانىدىن كېيىن، قېتىق تېمپېراتۇرىسى 6 گرادۇس كېلىدىغان توڭلاتقۇغا سېلىنىدۇ. تولۇق مايلىق ھالدا بازارغا سېلىنىدىغان ۋە رەڭگى قايماق رەڭگىدە بولىدىغان تاۋاس يانىك قېتىقى نېپىز تور رەختكە قويۇلۇپ، سۈزمە قېتىق شەكلىدىمۇ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق پىروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار!