رايونلۇق ئۇرۇش پارتلاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (32)

2173281
رايونلۇق ئۇرۇش پارتلاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ

رايونلۇق ئۇرۇش پارتلاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ

(جان ئاجۇن)

سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى 
نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى رەھبەرلىكىدىكى  ئىسرائىلىيە پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىنى ئۇرۇش ئوتىغا ئىتتىرىدىغان شەكىلدە تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى ۋە ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بىر تەرەپتىن، غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، لىۋان ۋە ئىراندا سۇيىقەستلەرنى ئىشلىتىپ، گويا چوڭ بىر ئۇرۇشنىڭ ئوتىنى تۇتاشتۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنماقتا. ئىران ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بولسا ئىسرائىلىيەگە قارشى ھەربىي جەھەتتىن كەڭ كۆلەملىك جاۋاب بېرىشكە تەييارلانماقتا. ئەگەر ئىران ۋە  ئىتتىپاقداشلىرى ئىسرائىلىيەگە مۆلچەردىكىدەك كۈچلۈك جاۋاب قايتۇرغان تەقدىردە، رايونلۇق ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى رەھبەرلىكىدىكى  ئىسرائىلىيە ھەم غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھەم رايونلۇق ئىغۋاگەرچىلىكلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىسرائىلىيە ئالدى بىلەن ھىزبۇللاھ قوماندانى فۇئاد شۈكۈرنى بېيرۇتتا شېھىت قىلدى، ئارقىدىنلا ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييەنى تېھراندا قەبىھ بىر ھۇجۇم نەتىجىسىدە شېھىت قىلدى.  ئىران پىرېزىدېنتى پەزەشكىياننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تېھراندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ھەنىييە پايتەخت تېھراننىڭ شىمالىدىكى سائاد ئاباد قورۇسىدىكى ئەنسار ئەلمەھدى قوغدىغۇچىلار ئەترىتى تۇرالغۇ سۈپىتىدىمۇ ئىشلىتىدىغان بەسىج ئەززەھرا بىناسىدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. ئىران مەنبەلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان.
ھەنىييە پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ___ ھاماسنىڭ سىياسىي رەھبىرى بولۇپ، پۈتكۈل ھاياتىنى پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىق ئىشلىرىغا بېغىشلىغان مۇھىم شەخس ئىدى. گەرچە ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بولسىمۇ، ئەمما پەلەستىننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى مەڭگۈ ياشايدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ ئۆلۈم ۋە سۇيىقەستلەر پەلەستىن خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتىن باشقا ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ.
ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەت شەكلى ئەلۋەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئاقسارايدىكى ھوقۇق بوشلۇقى بىلەن تېخىمۇ جاسارەت تاپقان بولۇپ، ئۇرۇش ئوتىنى پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىغا تۇتاشتۇرۇۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە يېتىشنى نىشان قىلماقتا. بۇ ئىران ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە مەجبۇرلايدىغان بىر ئويۇندۇر. ئىران تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرمىغان تەقدىردە، ئىراننىڭ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش كۈچى ۋە دۆلەت ئىززەت-ھۆرمىتى زىيانغا ئۇچرايدىغان ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىشى، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىسرائىلىيەگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن. دەرۋەقە، ئىرانلىق قارار چىقارغۇچىلار ۋە ھەربىي دائىرىلەر ئىسرائىلىيەگە  كەڭ كۆلەملىك ۋە كۈچلۈك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ھىزبۇللاھ باش كاتىپى نەسرۇللاھمۇ يېقىندا بەرگەن باياناتىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى قىلدى. قىسقىسى، «يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغانلىقى» ھەممىگە ئايان، ئەلۋەتتە.
ئىراننىڭ ئۆتمۈشى، يۇقىرى ئاۋازلىق باياناتلىرى، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىشقا كەلگەندە بولسا ئىككىلىنىپ قېلىشتەك پوزىتسىيەسى كىشىلەرنى «ئەجابا» دېگەن سوئالنى سوراشقا مەجبۇر قىلىدۇ. بىراق مېنىڭچە ئىران ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بۇ قېتىم باشقا چىقىش يولى يوق. ئىشلار بۇ قېتىم ئىراننىڭ دۆلىتىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداشتىن ھالقىپ، پەقەت قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش ۋە ساھەدە ئۆزىنىڭ كۈچىنى نامايەن قىلىش ئارقىلىقلا ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنالايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى.
ساھەدىكى ئۆزگىرىشلەر ئالدى بىلەن زۆرۈر تەييارلىقلارنىڭ قىلىنىشىنى، ئاندىن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە قارشىلىق كۆرسىتىش مەركەزلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئىسرائىلىيەگە قارشى  كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتكە ئۆتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىران چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن لىۋاندىكى ھىزبۇللاھقىچە، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى شىئە قوراللىق كۈچلىرىدىن يەمەندىكى ھۇسىيلارغىچە ئىسرائىلىيەگە بىرلا ۋاقىتتا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە كامىكازى ئۇچقۇلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىنىشى مۇمكىن. 
ئىسرائىلىيە تەرەپمۇ بۇ كۆلەمدىكى چوڭ ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئىسرائىلىيە بولۇپمۇ ھىزبۇللاھنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇ ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇشنىڭ شىمالىي سېپىگە يېڭى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا، پاناھ جايلارنى تەييارلىماقتا.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىسرائىلىيەنى قوغداش ۋە قارشى تەرەپنى توسۇش ئۈچۈن، رايونغا داۋاملىق ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئەۋەتمەكتە.
نېتانياھۇنىڭ نىشانى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى بىۋاسىتە ئۇرۇشقا داخىل قىلىشتۇر. لېكىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرا شەرقتە يەنە ئۇرۇشقا كىرگەن تەقدىردە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ تەقدىرى رۇسىيەگە پايدىلىق شەكىلدە نەتىجىلىنىدۇ، خىتاي يېڭى جۇغراپىيەلىك سىياسىي پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ. ئەلۋەتتە، ئالدىمىزدىكى مەزگىل ئۈچۈن كۆپلىگەن پەرەزلەرگە ئاساسلىنىدىغان نۇرغۇن ئوخشىمىغان سېنارىيەلەر بار. ئەمما ئىشلار بارغانسېرى كونتروللۇق ھەربىي ئارىلىشىش ۋە توقۇنۇشلاردىن ھالقىپ، قالايمىقان بىر نۇقتىغا ئۆزگەرمەكتە. جىن شېشىدىن بىر قېتىم چىقسا، قالغانلىرىنى مۆلچەرلەش بەك تەس ئەمەس.
 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر