ژۇرنالىست، دىنىي ئۆلىما ۋە تاتار پەيلاسوپى مۇسا جارۇللاھ بىگىيېف
تۆۋەندە نازگۈل قادىروۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىدىكى سانىدا، ژۇرنالىست ۋە دىنىي ئۆلىما، تاتار پەيلاسوپى مۇسا جارۇللاھ بىگىيېف ھەققىدە قىسقىچىلا توختىلىپ ئۆتىمىز.
2172991
ژۇرنالىست، دىنىي ئۆلىما ۋە تاتار پەيلاسوپى مۇسا جارۇللاھ بىگىيېف
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بىر دىنىي ئۆلىما سۈپىتىدە تونۇلغان مۇسا جارۇللاھ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، رۇسىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە قوشقان مۇھىم تۆھپىلىرى بىلەن نام چىقىرىدۇ... مۇسا جارۇللاھ بىگىيېف 1875-يىلى دون دەرياسى قىرغىقىدىكى نوۋو-چېركاسك شەھىرىدە دۇنياغا كېلىدۇ. بالىلىق دەۋرىنى روستوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن مۇسا جارۇللاھ، شەھەردىكى رۇس مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ، 1888-يىلى قازاندىكى كۆل بويى مەدرىسىگە كىرىپ ئوقۇشنى باشلايدۇ، 1895-يىلى بۇخارا مەدرىسىسىدە ئوقۇيدۇ. ئۇ يەردىن قايتىپ ئىستانبۇلدىكى قۇرۇلۇش مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما دىنىي مائارىپقا يۈزلىنىپ، مىسىرغا كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ ھىجازدىكى مەككە ۋە مەدىنە قاتارلىق شەھەرلەرگە بارىدۇ. ئاندىن ھىندىستانغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى بىر قىسىم داڭلىق ئۆلىمالار بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇ ھىندىستاندىن دەمەشىققە، ئۇ يەردىن بېيرۇتقا بارىدۇ. مۇسا جارۇللاھ مۇشۇنداق ئۇزۇن تەلىم-تەربىيە سەپىرىدىن كېيىن روستوۋغا قايتىپ كېلىپ، پېتىربورگ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئوقۇشى جەريانىدا تۈرك خەلقلىرىنىڭ دىنىي مائارىپىنى ياخشىلاشنى كۆزلەپ، ئۆز دەۋرىنىڭ مۇھىم گېزىتلىرىدىن «ئۈلپەت» ۋە «ئەتتىرمىز»دا ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا رۇسىيە سىياسىي داۋالغۇش ئىچىدە ئىدى. ئۇ مۇشۇنداق داۋالغۇشلۇق ۋەزىيەتتە رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىڭمۇ ئارقىدا قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ماقالىلەرنى يېزىشقا باشلايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا شۇ دەۋرنىڭ رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە مائارىپ مەسىلىسى، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئورنى ۋە بەزى ئىسلام مەسىلىلىرى ھەققىدىمۇ ماقالىلەرنى يازىدۇ. مۇسا جارۇللاھ رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى تەشكىللىگەن بارلىق قۇرۇلتايلارغا قاتنىشىدۇ. ئۇ 1905-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قۇرۇلتايدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىدۇ. ئۆزى قاتناشقان يىغىنلار ھەققىدە تولۇق مەلۇمات بەرگەن مۇسا جارۇللاھ، 1917-يىلى چاقىرىلغان «پۈتۈن رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى»غىمۇ قاتنىشىدۇ. ھاردىم-تالدىم دېمەستىن رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىغان مۇسا جارۇللاھ، 1920-يىلى رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇفا قۇرۇلتىيىنى چاقىرىدۇ. بۇ قۇرۇلتايدا جارۇللاھنىڭ «ئىسلامىيەت ئېلىفباسى» ناملىق ئەسىرىدىكى ماددىلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. مۇسا جارۇللاھ قۇرۇلتايدىن كېيىن نۇرغۇن يىغىنلاردا بېكىتىلگەن ماددىلارنى ئوقۇيدۇ ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئىسلام دۆلەتلىرىگە تارقىتىدۇ. ئۇنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى بۇ ئەسەرنى دۆلەت سىرتىدا بولسىمۇ باستۇرۇپ تارقىتىش ئىدى. ئاخىرى 1923-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۈشمىنى ۋە سىياسىي مۇساپىر سالاھىيىتىدە تۇرۇۋاتقان ئاياز ئىسھاكىنىڭ قوللىشى بىلەن كىتاب بېرلىندا «ئىسلام مىللەتلىرىگە» دېگەن نامدا نەشر قىلىنىدۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن مۇسا جارۇللاھ موسكۋاغا ئېلىپ بېرىلىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. بۇ ئەسەرلەر قارىماققا دىننىيدەك قىلسىمۇ، ئەمما مەزمۇن جەھەتتىن سىياسىي خاراكتېرگە ئىگە ئىدى. ئابدۇللاھ باتتال تايماس مۇسا جارۇللاھنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تۈركىيەگە بۇ ھەقتە ياردەم تەلەپ قىلىپ تېلېگرامما ئەۋەتىدۇ ۋە تۈركىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىلتىماس قىلىشى نەتىجىسىدە قويۇپ بېرىلىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىل بويىچە نازارەت قىلىنىدۇ. بىگىيېف كۈرەشلىرى سەۋەبىدىن 1930-يىلىدىن 1949-يىلى ۋاپات بولغۇچە سۈرگۈندە ياشايدۇ، نۇرغۇن جايلارنى ساياھەت قىلىدۇ ۋە ئەرەب تىلىدا ئەسەرلەرنى يازىدۇ. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ھاياتىنىڭ ئاساسلىق ئەسىرى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىنى ئېلان قىلماقچى بولىدۇ. رۇسىيە ئەسەرنىڭ رۇسىيەدە نەشر قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. ئۇ بۇ ئەسەرنىڭ ئەرەبچە تېكىستىنى يېزىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن قاھىرەگە بارىدۇ، ئەمما، بۇ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ساناقلىق كۈنلىرى ئىدى ۋە ئەسىرىنى تاماملىيالماستىن 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى قاھىرەدە بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ. بۇ ئۇلۇغ ئالىم قاھىرەدە شان-شەرىپىگە لايىق شەكىلدە دەپنە قىلىنىدۇ.
تارىخنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز كىشىلەر سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالغان مۇسا جارۇللاھ ھاياتىنى رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بېغىشلىغان بولۇپ، قازاننىڭ بىر كوچىسىغا ئۇنىڭ ئىسمى قويۇلدى، ئۇنىڭ ھەققىدە فىلىم ئىشلەندى، كىتابلىرى قايتا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى. 2013-يىلى مۇسا جارۇللاھ بىگىيېف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 140-خاتىرە كۈنىدە ئىنتايىن مۇھىم پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. تۈرك دۇنياسىدا خاتىرىلەنگەن مۇسا جارۇللاھ ھەققىدە تېزىسلار يېزىلدى، تۈرك دۇنياسى مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى توغرىسىدىكى ئەسەرلەردە ئىزچىل ھالدا مۇسا جارۇللاھنىڭ كۈرەشلىرى، قاراشلىرى ئەسلىنىدىغان ھالەت شەكىللەندى. ئۇ يېڭىلىقپەرۋەر قاراشلىرى بىلەن مەڭگۈ ئەستە قالىدىغان تاتار دىنىي ئۆلىماسىدۇر.
مەنبەلەر:
1. Akbulut Ahmet, “Musa Carullah’ın Akıl-Vahiy İlişkisi Konusundaki Görüşleri”, Ölümünün 50. yıldönümünde Musa Carullah Bigiyef, - I. Uluslararası Musa Carullah Bigiyef Sempozyumu, Ankara 2002.
2. Gülşah İleri, Musa carullah’ın eserlerinde Rusya Müslümanları’nın ilk siyasi faaliyetleri: 1905-1906 yazıları, Yayınlanmamış YL Tezi, İstanbul 2006.
3. https://islamansiklopedisi.org.tr/musa-carullah (30.Temmuz 2024)