چانكىرى تۇخۇم تاتلىق تۈرۈمى
تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى -32
چانكىرى تۇخۇم تاتلىق تۈرۈمى
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «چانكىرى تۇخۇم تاتلىق تۈرۈمى» نى تونۇشتۇرىمىز.
چانكىرى تۇخۇم تاتلىق تۈرۈمىىنىڭ تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋاقتى: 18.12.2017
****** ********* ******
تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەنىڭ شىمالىدىكى قوشنىسى بولغان چانكىرى شەھىرى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنىدۇ. «چانكىرى تۇخۇم تاتلىق تۈرۈمى» بۇ رايون بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن شەربەتلىك تاتلىق تۈرۈم تۈرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چانكىرى تۇخۇم تاتلىق تۈرۈمى 2017-يىلى چانكىرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىلتىماسى بىلەن تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
چانكىرى تۇخۇم تاتلىق تۈرۈمى ھېيت-بايرام ۋە رامىزان ئېيىدا ئىپتار يېمەكلىكلىرىدىن كېيىن مېھمانلار ئۈچۈن تەييارلىدىغان بولۇپ، بۇنى تەييارلاشقا 8 تۇخۇم، 3 قوشۇق ئۇن ۋە سېرىق ماي كېتىدۇ. بۇ تاتلىق تۈرۈمنى ياساشتا، ئالدى بىلەن تۇخۇمنىڭ سېرىقى ۋە ئاقلىرى ئايرىلىدۇ، ئاق قىسمى قاتقانغا قەدەر قوچىلىدۇ. ھاتتا قوچۇلغان قاچا تەتۈر ئۆرۈلگەندىمۇ تۆكۈلمەيدىغان ھالغا كېلىشى كېرەك. ئاندىن توخۇمنىڭ سېرىقىمۇ باشقا بىر قاچىدا قوچۇلۇپ تۇخۇمنىڭ قاتقان ئېقىغا قوشىلىدۇ ۋە ئارىلاشتۇرىلىدۇ. ئېرىتىلگەن ئۇن بۇ ئارىلاشمىنىڭ ئۈستىگە تۆكۈلۈپ يەنە ئوخشاش قوچۇلىدۇ. بىر-ئىككى مىنۇت قوچۇلغاندىن كېيىن، ئەينەك ياكى مىس قاچىغا تۆكۈلۈپ، 175 گرادۇسقىچە قىزىتىلغان دۇخاپكىدا 35 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ. ئاستا-ئاستا سوۋۇتۇلغان تاتلىق يېمەكلىككە ئىلگىرى تەييارلانغان ئىللىق لىمون شەربىتى قۇيۇلىدۇ. ئاندىن تۇخۇم تاتلىق تۈرۈمى پارچىلىنىپ، تەخسىگە قويۇلىدۇ ۋە ئىسسىقىدا مېھمانغا سۇنىلىدۇ.