تۈركىيەنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان ئېنېرگىيە فىلوسى

ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «تۈركىيەنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان ئېنېرگىيە فىلوسى» دېگەن تېما ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

2171631
تۈركىيەنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان ئېنېرگىيە فىلوسى

تۈركىيەنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان ئېنېرگىيە فىلوسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە قارادېڭىز قاتارلىق ئۆز دېڭىز تەۋەلىكىدىكى رايونلاردا تەبىئىي گاز ۋە نېفىت چارلاش پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.

جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بايقاش قارا دېڭىزدىكى ساكارىيا تەبىئىي گازلىقىدىكى بايقاش بولدى. ئەنقەرە نۆۋەتتە بۇ بايقاشنى قۇرۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن پاراخوت ئەترىتىنى كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلماقتا. بۇ ئەترەتكە بۇ قېتىم لەيلىمە گاز مەشغۇلات سۇپىسى پاراخوتىمۇ قوشۇلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ نە باشلانغۇچ، نە ئاخىرلىشىش ئەمەس ...

تۈركىيە قىبرىس ئارىلى ئەتراپىدىكى ھىدرو كاربون كىرىزىسىدىن كېيىن تۇنجى چارلاش پاراخوتىنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى. قىبرىس رۇم تەرەپنىڭ تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ھەمدە خەلقئارا قانۇنغا پىسەنت قىلماستىن، 13 ئوخشىمىغان ساھەدە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز چارلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى؛ ئارقىدىنلا بىر قىسىم خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ چارلاش ۋە بۇرغىلاش پاراخوتلىرىنىڭ رايونغا كىرىشكە ئۇرۇنۇشى، ئەنقەرەدە كۈچلۈك بىئاراملىق پەيدا قىلدى.

تۈركىيە قىبرىس رۇم تەرەپنىڭ بولۇپمۇ تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدىكى جايلاردا چارلاش ۋە بۇرغىلاش پائالىيەتلىرىنى باشلىشىشىغا يول قويمىدى.

چارلاش پائالىيىتى ئۈچۈن چارلاش تەتقىقاتى پاراخوتى سېتىۋېلىش قارار قىلىندى. 2012-يىلى تۈركىيە نېفىت پاي چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى پاراخوتلىرى سېپىگە بارباروس ھايرەتتىن پاشا پاراخوتى قوشۇلدى. دېڭىزنىڭ 8 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقىدىكى گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىلارنى تەكشۈرەلەيدىغان بۇ پاراخوت تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى تۇنجى قەدەم تىۋىشلىرىنىڭ ئاڭلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

بارباروس ھايرەتتىن پاشا پاراخوتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 84 مېتىر، كەڭلىكى 17 مېتىر، سائەتلىك سۈرئىتى 31.34 كىلومېتىر بولۇپ، ئۈستىدە بىر تىك ئۇچار پورتى ۋە بىر تىك ئۇچار بار. بۇ پاراخوت ئاقدېڭىزدا بايراق لەپىلدەتكەندىن كېيىن، تۇنجى چارلاش تەتقىقاتىنى قارا دېڭىزدا ئىشقا ئاشۇردى... قىسقىسى، قارا دېڭىزدىكى يوشۇرۇن كۈچ، ئاق دېڭىز ۋە ئەگە دېڭىزىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتلەر نەزەردە تۇتۇلۇپ، پاراخوت ئەترىتىنى تېزدىن كېڭەيتىش قارار قىلىندى.

بايلىق تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئورگىنى ئورۇچ رەئىس پاراخوتى ياساش خىزمەتلىرىنى 2012-يىلى تۇزلا كېمىسازلىق زاۋۇتىدا باشلىدى. پاراخوت 2015-يىلى دېڭىزغا چۈشۈرۈلدى. 2017-يىلى 4-ئايدا ئاقدېڭىزدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز چارلاش پائالىيەتلىرىنى باشلىدى.

بايلىق تەتقىق قىلىش ۋە چارلاش ئىدارىسىنىڭ قارمىقىدىكى ئورۇچ رەئىس پاراخوتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 87 مېتىر، كەڭلىكى 23 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، دېڭىزنىڭ 15 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقىدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىزدىيەلەيدۇ؛ پاراخوتنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 31.34 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

ئەلۋەتتە، چارلاش بىلەنلا بولدى قىلىنماي، بۇرغىلاش پائالىيەتلىرىنىمۇ باشلاش قارار قىلىندى. جەنۇبىي كورېيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتى نورۋېگىيەدىن سېتىۋېلىندى. فاتىھ يۇقىرى تېخنىكىلىق پاراخوتلاردا ئىشلىتىلىدىغان 6-ئەۋلاد سەپلىمىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۆز تۈرىدىكى 16 پاراخوت ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى بەشنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر رايون مارىئانا ئويمانلىقىدىنمۇ چوڭقۇر بولغان 12.120 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ئىنتايىن يۇقىرى بېسىم ئاستىدىمۇ بۇرغىلاش ئېلىپ بارالايدۇ. دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇرلۇقتا بۇرغىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇ پاراخوتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 229 مېتىر، كەڭلىكى 36 مېتىر كېلىدۇ؛ پاراخوتنىڭ ئېگىزلىكى 64 مېتىر كېلىدىغان ئىككى مۇنارىنىڭ يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارى 1750 توننا. فاتىھنىڭ ئاكتىپ ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنىڭ ياردىمىدە، 6 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دولقۇنلاردىمۇ مۇقىملىقنى ساقلاپ مەشغۇلاتلىرىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ. فاتىھ 2018-يىلى تۈركىيە نېفىت چەلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلاندى. ئۇ تۇنجى مەشغۇلاتىنى ئاق دېڭىزدا ئېلىپ باردى، 2018-يىلى 29-ئۆكتەبىر ئالانيا -1 مەيدانىدا چوڭقۇر دېڭىزدا بۇرغىلاشنى باشلىدى.

فاتىھ يەنە 2020-يىلى ئىستانبۇلنىڭ فەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 567 -يىلىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە تۇنجى قېتىم قارا دېڭىزدا بۇرغىلاش ئېلىپ باردى. تۇنا 1 مەيدانىدىكى خىزمەتلەر ئاۋغۇستتا نەتىجىگە ئېرىشتى. فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتى تۇنا 1 مەيدانىنىڭ 2 مىڭ 100 مېتىر چوڭقۇرلۇقىدا 320 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بايقىدى. ئۇ يەنە ئارىدىن 1 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئاماسرا 1 قۇدۇقىدا 135 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بايقىدى.

تۈركىيە بايقاشلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەمدە قارادېڭىز بىلەن بىرلىكتە ئەگە دېڭىزى ۋە ئاق دېڭىزدىكى يوشۇرۇن مەنبەنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى قارار قىلدى؛ 2018-يىلى ياۋۇز بۇرغىلاش پاراخوتى پاراخوت ئەترىتىگە قوشۇلدى. بۇ پاراخوت ئىسپانىيەنىڭ ئالگېكىراس پورتىدىن يولغا چىقىپ، 2019-يىلى 22-فېۋرال مارمارا دېڭىزىغا يېتىپ كەلدى. رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش خىزمىتى تاماملانغان ياۋۇز بۇرغىلاش پاراخوتى 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى شەرقىي ئاق دېڭىزدا مەشغۇلات باشلىدى.

فاتىھقا ئوخشاشلا 6-ئەۋلاد دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر سۇدا بۇرغىلاش پاراخوتى بولغان ياۋۇزنىڭ ئۇزۇنلۇقى 230 مېتىر، كەڭلىكى 36 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ھەم ئاساسىي ھەمدە ياردەمچى مەشغۇلاتلارنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.

پاراخوتلار ئەترىتىگە قوشۇلغان ئۈچىنچى پاراخوت قانۇنى سۇلتان سەلىم پاراخوتى بولدى. تۈركىيە ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، 2012-يىلى جەنۇبىي كورېيەدە ئىشلەپچىقىرىلىپ، بىرازىلىيەدە مەشغۇلات ئېلىپ بارغان «سېرتاو» ناملىق پاراخوتنى سېتىۋېلىش قارار قىلىندى. 2020-يىلى تۈركىيە نېفىت چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى بۇ پاراخوتنىمۇ پاراخوتلىرى سېپىگە قوشتى. تاشئۇچۇ پورتىغا ئېلىپ كېلىنگەن پاراخوتنىڭ ئىسمى قانۇنى سۇلتان سۇلەيمانغا ئۆزگەرتىلدى.

ئۇزۇنلۇقى 227 مېتىر، كەڭلىكى 42 مېتىر كېلىدىغان بۇ پاراخوت تۇنجى چوڭقۇر دېڭىزدا بۇرغىلاش سىنىقىنى تۈركئالى-2 قۇدۇقىدا ئېلىپ باردى.

2022-يىلىغا كەلگەندە، ئابدۇلھەمىد خان بۇرغىلاش پاراخوتى پاراخوتلار سېپىگە سەپلەندى. دۇنيا مىقياسىدىكى 7-ئەۋلاد ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە 5 بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ بىرى بولغان ئابدۇلھەمىد خاننىڭ ئۇزۇنلۇقى 238 مېتىر، كەڭلىكى 42 مېتىر كېلىدۇ؛ تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلىرى ۋە فىزىكىلىق ئالاھىدىلىكى بىلەن ھىدرو كاربون ئىزدەۋاتقان پاراخوت ئەترىتىنىڭ ئەڭ چوڭ پاراخوتى بولغان ئابدۇلھەمىد خان پاراخوتى قوش بىخەتەرلىك سىستېمىسى بىلەن ھىدرو كاربون چارلاش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. ئۇ 12 مىڭ 200 مېتىرغىچە بولغان چوڭقۇرلۇقتا بۇرغىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارالايدۇ.

تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە پاراخوتلىرى ئەترىتى بۇلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى... ئىزمىر ئالىئاغا ۋە خاتاي دۆرتيولدىكى لەيلىمە LNG ساقلاش ۋە تەڭشەش تېرمىنالى ئەترەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

چارلاش، بۇرغىلاش ۋە ساقلاش پاراخوتلىرىدىن كېيىن، تۈركىيە نۆۋەتتە يەنە بىر مۇھىم قەدەمنى تاشلاپ، لەيلىمە گاز بىر تەرەپ قىلىش سۇپىسىنى ئېنېرگىيە ئەترىتىگە قوشۇشقا تەييارلىق قىلماقتا. يېڭى پاراخوت ئارقىلىق توشۇشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتا. مەزكۇر مەشغۇلات پاراخوتى بىلەن خام تەبىئىي گازنى دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تەرەپ قىلغىلى ۋە ئۇنى پاراخوتتىن فىليوس تۇرۇبا يولىغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

ساكارىيا تەبىئىي گاز مەيدانىدا مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان 360 مېتىر كەڭلىكتىكى لەيلىمە سۇپا 5 مىليون ئائىلىنىڭ تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. سىنگاپوردىن يولغا چىققان پاراخوت تەخمىنەن 2 ئاي داۋاملاشقان سەپەردىن كېيىن فىليوس پورتىغا يېتىپ كېلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر