تۈرك تىللىرىنىڭ سېھىرلىك دۇنياسى (02)

ئۇيغۇر تۈركچىسى -01

2158453
تۈرك تىللىرىنىڭ سېھىرلىك دۇنياسى (02)

تۈرك تىللىرىنىڭ سېھىرلىك دۇنياسى (02)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «تۈرك تىللىرىنىڭ سېھىرلىك دۇنياسى» ناملىق پروگراممىمىزنىڭ بۇ بۆلۈمىدە، تۈركىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى ئۈچۈن پىروفېسسور دوكتور گۈلسۇم قىللى يىلمازنىڭ نازارىتى ئاستىدا، خىزمەتدىشىمىز دوكتور سەيدا بۇرخانۇددىنوۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان قەدىمكىي ئۇيغۇر تۈركچىسى ھەققىدە توختىلىمىز...

ھازىرقى زامان تۈرك تىللىرى ساھەسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە تىل قائىدىلىرى بويىچە شەرقىي جەنۇب ياكى قارلۇق گۇرۇپپىسىدا ئورۇن ئالغان ئۇيغۇر تۈركچىسى بۈگۈن ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلىتىلىدۇ. تۈركلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكىى ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان ۋە تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مول يادىكارلىقلىرىنى باغرىغا باسقان شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئىسىممۇ تارىختا «تۈركلەر ياشايدىغان جاي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سىياسىي ۋە جۇغراپىيەلىك ئاتالغۇ سۈپىتىدە «تۈركىستاننىڭ شەرقىگە جايلاشقان رايون» مەنىدە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە بۇ رايون خىتاينىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، 1884-يىلى 18- نويابىردا، «شىنجاڭ» دېگەن نام بىلەن بىۋاستە خىتاي ئىمپېرىيەسىگە قوشۇۋېلىنغان ئىدى.  «شىن جاڭ» دېگەن سۆز «يېڭى يەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 1955-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى يەنە ئوخشاش ئىسىم بىلەن بۈگۈنكى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ياكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغان بولدى. رايون پايتەختىنىڭ ئىسمى «ئۈرۈمچى» بولدى.

شەرقىي تۈركىستاندا تۇرپان، قۇمۇل، ئاقسۇ، قەشقەر، ئاتۇش، خوتەن، ئىلى، چۆچەك ۋە ئالتاي قاتارلىق ئون نەچچە مەمۇرىي رايون بار. گەرچە ئىشەنچلىك سانلىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، نوپۇسى 1993-يىلدىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا 16 مىليوندىن ئاشىدۇ. بۇ نوپۇسنىڭ %47 ى ئۇيغۇر تۈركلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىن باشقا يەنە، قوشنا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان، شۇنداقلا تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا 500 مىڭدىن 2 مىليونغا قەدەر ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ بارلىقى پەرەز قىلىنىدۇ.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلار بىرى 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۈگۈنكى موڭغۇلىيە زېمىنىدا (745 - 840)، يەنە بىرى 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا (850 - 1250) بولۇپ  ئىككى ئىمپېرىيە قۇرغان قەدىمكىي تۈركلەرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. كېيىن ئۇلار «ئۇيغۇر» دېگەن نامنى ئالغان بولۇپ، بىلگە خاقان تاش ئويما يازمىسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى 37-قۇردا، ئۇيغۇر ئىلتەبىرنىڭ ئىسمى بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ.  بىلگە خاقان تاش ئويما يازمىسىدىن باشقا ھەر خىل مەنبەلەردىمۇ «ئۇيغۇر» نامىنىڭ ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرىمىز. مەنىسى ۋە كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. ئۇلاردىن بىرسى، تېخىمۇ توغرىراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر تۈركلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغىنى، «ئۇيغۇر» دېگەن ئىسىمنىڭ «ئىتتىپاقلاشقۇچىلار» ياكى «ھەمكارلاشقۇچىلار» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغانلىقىدۇر. «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنىڭ بۇ مەنىسى 1070-يىلى ئۇيغۇر دۆلىتىدە تاماملانغان ۋە مۇسۇلمان تۈرك مەدەنىيەتىنىڭ ئەڭ مۇھىم شاھ ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان «قۇتادغۇ بىلىگ» ئۈچۈن كىرىش سۆزىدە بىر رىۋايەتكە ئاساسەن ئىشلىتىلگەنلىكىنى مەشھۇر تۈركولوگ رادلوفمۇ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر تۈركلىرى تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. بۈگۈنكى كۈندە تۈركشۇناسلار ۋە تىلشۇناسلار تەرىپىدىن كونا ۋە يېڭى دەپ ئىككى دەۋرگە ئايرىپ تەتقىق قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تۈركچىسى، كۆكتۈرك يېزىق تىلىدىن كېيىن ئەسەرلەرنى يارىتىىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە.

بىر خەلقنىڭ يېزىق تىلىنىڭ بولۇشى، شۇۇنداقلا  ئۇ يېزىق بىلەن مائارىپ، ئىلمىي تېكىستلەر ۋە تەپەككۇر مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشى شۇ خەلقنىڭ مەدەنىي خەلق ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.

قەدىمكىي ئۇيغۇر تۈركلىرى دەسلەپتە كۆكتۈرك يېزىقىنى قوللانغان بولۇپ،  ئۇلار قالدۇرغان ئەسەرلەرنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى سوغدى ئېلىپبەسىدە يېزىلغان، كۆپىنچىسى سوغدى يېزىقىنىڭ فۇنكسىيە شەكلىدىن تەرەققىي قىلغان ئۇيغۇر ئېلىپبەسى بىلەن يېزىلغان، تولىمۇ ئاز بىر قىسمى بولسا، مانىچە ئېلىپبەسىدە يېزىلغان بولۇپ، ئاز ساندا براھمى ۋە تىبەت ئېلىپبەسىدە يېزىلغان ئۇيغۇر تۈركچىسى تېكىستلىرىمۇ ئۇچرايدۇ.

ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تۈركلىرى ئىلگىرى مانى دىنى، بۇددا دىنى ۋە خىرىستىئان دىنىغىمۇ كىرگەن ئىدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭ تەرجىمە ھەرىكىتى باشلانغاندىن كېيىن، سوغدى، خىتايچە، تۇخارچە، سانسكرىتچە ۋە تىبەتچە مەنبەلەردىن نۇرغۇن ئەسەرلەر تەرجىمە قىلىنغان. بۇ تەرجىمە ئارقىلىق، بۇ تىللاردىكى نۇرغۇن يات سۆزلەر ئۇيغۇر تۈركچىسىگە كىرگەن. ئۇيغۇرلاردىن قالغان ئەسەرلەر ئىچىدە دىنىي تېكىستلەر، شېئىرلار، ماقال-تەمسىللەر ۋە ھېكايىلەردىن باشقا يەنە، كۆپىنچىسى ئەسلى ۋە بەزى تەرجىمە ئەسەرلەر بولۇپ، ئاسترونومىيە، تىبابەت ۋە قانۇن ھۆججەتلىرىمۇ بار. گېرمانىيەلىك ئارخېئولوگ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى ئا. فون لېكوك (A. von Le Coq) مەزكۇر قانۇنىي ھۆججەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ: «ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋروپاغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلار بۇ ساھەدىمۇ ئۈستۈن ئىدى. ئەجىبا، ئۇ چاغلاردا زادى قانچىلىك ياۋروپالىق قەلئە خوجىسى، قوليازما ۋە مۇۋاپىق قانۇنىي ئىپادىلەر بىلەن توختام تۈزەلەيتتى؟ ۋاھالەنكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر دېھقان ۋە سودىگەرمۇ شۇنداق قىلالايتتى. قانۇن فورمۇلاسى ۋە بەلگىلىمىلىرى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان، ياخشى تەشكىللىك بولغان ئۇ قانۇنلار، ئىجرا قىلىىنغانلىقىغىمۇ گۇۋاھلىق بەرمەكتە» دېگەن ئىدى.

قەدىمكىي ئۇيغۇر تۈركچىسىدىن بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن ئەڭ مۇھىم ئەسەرلەر ئىچىدە «چاشتانى ئىلىك بەگ»، «ئالتۇن يارۇق»، «شاھزادە قاليانامقارا ۋە پاپامقارا» نىڭ داستانلىرىنى مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر