رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئېنېرگىيە سىياسىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى

ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئېنېرگىيە سىياسىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

2160531
رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئېنېرگىيە سىياسىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئېنېرگىيە سىياسىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 2022-يىلى فېۋرالدا باشلانغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، تەبىئىي گازىنىڭ زور قىسمىنى رۇسىيەدىن سېتىۋالىدىغان ياۋروپادا زور  ئەندىشە پەيدا قىلدى. رۇسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىگە قاراتقان چەكلىمىلىرىدىن كېيىن، تەبىئىي گازنى پەقەت رۇبلىغىلا ساتىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىدىغان گازغا چەكلىمە قويدى. بۇ ئەھۋال بولۇپمۇ 2022-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا گاز ۋە توك باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دەل شۇ كۈنلەردە رۇسىيە تەبىئىي گازىنى بالتىق ئارقىلىق گېرمانىيەگە توشۇيدىغان شىمالىي ئېقىم تۇرۇبا لىنىيەسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. تەلەپنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تەبىئىي گاز ۋە توك باھاسى ئۆرلىدى. بۇ ئەھۋال ياۋروپا باشتا بولۇپ پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى.

تەبىئىي گازىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك رۇسىيەدىن سېتىۋالىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى، گاز ئېقىشىنىڭ توختىتىشى بىلەن تەڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازغا (LNG) يۈزلەندى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىشى 2023-يىلى 2019-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسە ئاشتى. بۇ مەزگىلدە نورۋېگىيە %53.4 لىك نسىبەت بىلەن ياۋروپانىڭ ئەڭ كۆپ تەبىئىي گاز سېتىۋالغان دۆلىتىگە ئايلاندى. نورۋېگىيەگە %15.9 لىك نىسبەت بىلەن ئالجىرىيە ئەگەشتى.

لېكىن، كىرىزىس ياۋروپاغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. 2022-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە تېجەش پىلانىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئىدارە-ئورگانلىرىنىڭ ئىسسىتىش ۋە يورۇتۇش ئىشلىرىغا كەڭ دائىرىلىك چەكلىمىلەرنى قويدى.

ئۇرۇشنىڭ باشلانغىنىغا ئۈچ يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازغا بولغان ئېھتىياجى داۋاملاشماقتا. ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ <ياۋروپا ئىتتىپاقى تەبىئىي گاز باشقۇرغۇچىلىرى ھەمكارلىق ئاگېنتلىقىنىڭ دوكلاتىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە،  خەلقئارادىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئىستېمالى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان رېكورت دەرىجىدە ئاشقان. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، 40 مىليارد كۇب مېتىردىن كۆپرەك ئېشىپ، 557 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكەن.

ياۋروپا، 2021-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 57 مىليارد كۇب مېتىرلىق ئۆرلەش بىلەن ئېھتىياج ئەڭ كۆپ ئاشقان رايونغا ئايلانغان بولۇپ، جەمئىي سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز سودا ھەجىمنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى شەكىللەندۈرگەن.

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياۋروپادا پەيدا بولغان ئېنېرگىيە كىرىزىسنى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ۋە زاپاسلاش ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولغان دۆلەتلەر ئارىسىدا گېرمانىيە ئەڭ كۆپ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلغان دۆلەتكە ئايلانغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بۇلتۇر 134 مىليارد كۇب مېتىر سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ تەخمىنەن 18 مىليارد كۇب مېتىرى رۇسىيەدىن سېتىۋېلىندى؛ فىرانسىيە 30 مىليارد كۇب مېتىر، ئىسپانىيە 25 مىليارد كۇب مېتىر سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلدى. گوللاندىيە، ئىتالىيە ۋە بېلگىيە بۇ دۆلەتلەرگە ئەگەشتى.

گاز ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر مۇنبىرىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى مارتتا تۇرۇبا لىنىيەلىرى ئارقىلىق جەمئىي 14 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ ھەجىم ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا %4 ئۆرلىگەن.

رۇسىيەنىڭ 2023-يىلىنىڭ بىرىنچى چارىكىدىكى سېلىشتۇرغاندا بۇ يىلىنىڭ بىرىنچى چارىكىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق ئەۋەتكەن تەبىئىي گاز مىقدارى %23 ئۆرلەپ 7 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشتى. رۇسىيەدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەۋەتىلگەن گازنىڭ %53 تۈركىيە ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى.

مارت ئېيىدىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق سېتىۋالغان تەبىئىي گاز مىقدارى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا %4 ئۆرلىدى. ياۋروپانىڭ مارتتىكى تەبىئىي گاز ئىمپورتى، دېكابىر 2022-يىلىدىن بۇيان ئايلىق مىقداردىكى تۇرۇبا گازى ئىمپورتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تەشكىل قىلدى.

بۇ يىلىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق ئەڭ كۆپ گاز ئېكسپورت قىلغان دۆلەت %57 لىك ئۆلچەم بىلەن نورۋېگىيە بولۇپ، ئۇنىڭغا %18 بىلەن رۇسىيە ۋە %17 بىلەن ئالجىرىيە ئەگەشتى.

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە سېلىنمىلىرىنى تېزلەتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى 2023-يىلى توكىنىڭ %44 نى يېشىل ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن ئىشلەپ چىقىرىپ رېكورت ياراتتى. بۇنىڭ %27ىنى شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىگىلىدى.

بىر قاتار دۆلەتلەر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى تاقاش توغرىسىدىكى پىلانلىرىنى كېچىكتۈردى. گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە ئېغىر بېسىم ئاستىدا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى «يېشىل ئېنېرگىيە» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزدى.

ئۇرۇش ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىمۇ ياۋروپا ئېنېرگىيە بازىرىغا سۆرەپ كىردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 2022-يىلى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالىدى. كېلىشىم ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن يىلىغا 50 مىليارد كۇب مېتىرغا قەدەر سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز سېتىۋېلىشىنى مەزمۇن قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر