ئىسرائىلىيە – ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (27)

2159388
ئىسرائىلىيە – ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى

ئىسرائىلىيە – ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى

(پىروفېسسور دوكتور مۇرات يېشىلتاش)

سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى

ئىسرائىلىيە-ھىزبۇللاھ سۈركىلىشى

ئىسرائىلىيە-ھىزبۇللاھ توقۇنۇشى ئوتتۇرا شەرقنى يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش گىردابىغا ئىتتىردى. پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى 2023-يىلى ئۆكتەبىردە قايتا ئەۋج ئېلىپ كەتكەندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا توقۇنۇشلىرىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپ قالدى. ھىزبۇللاھ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشىغا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي نۇقتىلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇردى. بۇنىڭغا ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ھىزبۇللاھنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى توپقا تۇتۇش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئىسرائىلىيە ۋە لىۋان تەرەپلىرىدىن يۈز مىڭلارچە  كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولدى.

ئىران ئامىلى

يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان توقۇنۇشتىكى بىرىنچى ۋە ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئامىل، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھىزبۇللاھقا قارشى ئۇرۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدۇر. ئىراننىڭ ھىزبۇللاھغا تۇتقان پوزىتسىيەسى پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) قا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە ئوخشىمايدۇ. ئىسرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقانداق شەكىلدىكى سۈركىلىش، ئىران-ئىسرائىلىيە  ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي سۈركىلىشنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ئىران يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھىزبۇللاھغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش، ئىلغار قورال – ياراغلار بىلەن تەمىنلەش ۋە مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق ھىزبۇللاھنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى. دەرۋەقە، ئىران ھىزبۇللاھنى ئوتتۇرا شەرقتىكى «تىركىشىش مەركىزى» نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى دەپ قارايدۇ.

ئىراننىڭ ھىزبۇللاھنى قوللىشى تېھراننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ  بۇ رايوندىكى تەسىر كۈچىگە قارشى تۇرۇشتىكى رايونلۇق ئاكتىيور بولۇش ئورنىنى كۈچەيتمەكتە. ئىران باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ باسقۇچ ۋە يۈز بەرگۈسى ئۇرۇشتا ھىزبۇللاھنىڭ كۈچىنى يوقىتىپ قويۇش ئەندىشەسى، تېھراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشىغا سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن.

ھىزبۇللاھنىڭ ھەربىي ئىقتىدارى

ھىزبۇللاھنىڭ ھەربىي ئىقتىدارى ئىسرائىلىيەنىڭ دىققەت قىلىشىغا تېگىشلىك يەنە بىر ئامىلدۇر. ھىزبۇللاھ سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا قاتناشقاندىن كېيىن ھەربىي ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى. بۇ ھىزبۇللاھنى ھەم جەڭ مەيدانى تەجرىبىسىگە قىلدى ھەم ئىلغار قورال - ياراغلار بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن، ھىزبۇللاھ رايوندىكى داڭلىق ئاكتىيورغا ئايلاندى.

ھىزبۇللاھ سۈرىيە توقۇنۇشى جەريانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىلدە قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرىنى كۆرۈنەرلىك يېڭىلىدى. بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئومۇمەن ئىران تەمىنلىگەن ئىلغار قورال - ياراغلارغا ئېرىشىشى ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇردى. ھىزبۇللاھنىڭ قول ئىلكىدە قىسقا مۇساپىلىك، ئوتتۇرا مۇساپىلىك ۋە يىراق مۇساپىلىك سىستېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئون مىڭ راكېتا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنىڭ بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ھىزبۇللاھنىڭ قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرىدا يەنە ئايروپىلانغا قارشى ئىلغار سىستېمىلار ۋە تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىمۇ بار، ئەلۋەتتە. بۇ گۇرۇپپا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ۋە كورنېت قاتارلىق ئىلغار تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ برونېۋىكلىرى ۋە ئايروپىلانلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. تېخىمۇ مۇھىمى، ھىزبۇللاھ رازۋېدكا ۋە ھۇجۇم ۋەزىپىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك ئۇچقۇلار ئارقىلىق كۈچلۈك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇردى. ھىزبۇللاھنىڭ ئۇچقۇلىرى ئىران تەمىنلىگەن كۆزىتىش ۋە ئەجەللىك زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە مودېللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھىزبۇللاھنىڭ ھەربىي ئىقتىدارى، 2023 – يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن بۇيان ئىراننىڭ ھىزبۇللاھغا بېرىۋاتقان ياردەملىرىنىڭ ئېشىشى ئاساسىدا كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى كېرەك. ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ «Fateh-110» ناملىق قىسقا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ سۈرىيەدىكى ئوخشاشلىرى بولغان «M-600»، فالاق راكېتالىرى، رۇسىيەدە ئىشلەنگەن «كورنېت» ناملىق تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى ۋە  يېڭىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان «بۇرقان» ناملىق راكېتامىيوت ئوقلىرى بىلەن بىرلىكتە ھىزبۇللاھغا ئەۋەتىلدى.

ئۇرۇش تاكتىكىسى جەھەتتە، ھىزبۇللاھ ئەنئەنىۋى ئۇرۇش تاكتىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇردى، جۈملىدىن، ئادەتتىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە پارتىزانلار ئۇرۇشى تاكتىكىلىرى بىلەن قائىدىسىز ئۇرۇش تاكتىكىلىرىنى بىرلەشتۈردى. بۇ مېتود ھىزبۇللاھنى ئىسرائىلىيەگە ئوخشىغان ئەنئەنىۋى قوشۇنلارنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان توقۇنۇشلارنى داۋاملاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ.

رايونلۇق، خەلقئارالىق دىنامىكالار

ئىسرائىلىيەنىڭ ھىزبۇللاھغا قارشى ئۇرۇشى رايونلۇق توقۇنۇشنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، ئىسرائىلىيە ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ تالاپەتلەرنى يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن، ئىسرائىلىيە-ھىزبۇللاھ توقۇنۇشىنىڭ داۋامى ھەر خىل يوللار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن، بۇلارنىڭ ھەر بىرىدە مۇھىم جۇغراپىيەلىك ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، ھەر بىرى بۇ رايوننى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىرىشى مۇمكىن.

بىرىنچىدىن، ئەگەر توقۇنۇش ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتسە، لىۋاندا ئېغىر ئاقىۋەتلەر، تېخىمۇ چوڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇقىمسىزلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.  بولۇپمۇ  رەئىسىدىن كېيىنكى مەزگىلدىكى ئىران سىياسىتىدىكى ئېنىقسىز ئامىللارنى كۆزدە تۇتقاندا، ئىراننىڭ داخىل بولۇشى  تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك رايونلۇق توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. سۈرىيە، ئىراق قاتارلىق ئاجىز دۆلەتلەر تېخىمۇ كۆپ قالايمىقانچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

ئاقدېڭىزنىڭ مۇقىملىقىمۇ خەتەر ئاستىدا. ھىزبۇللاھ رەھبىرى ھەسەن نەسرۇللاھ: «دۈشمەن ئاقدېڭىزدا ئۆزىنى كۈتۈۋاتقان نەرسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلىدۇ. جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى، دۈشمەننىڭ لىۋاننى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى ئۈچۈن ئايرودۇرۇملىرى بىلەن ھەربىي بازىلىرىنى ئېچىشىنىڭ، ئۇرۇشنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلۇشى كېرەك» دېدى. قىبرىس ئارىلى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئارالدىكى ھەربىي ۋە ئاخبارات پائالىيەتلىرىنى تەنقىد قىلغانلىقى سەۋەبلىك، تۈركىيە ئۈچۈنمۇ بىخەتەرلىك ئەندىشە مەنبەسىدۇر. شۇ ۋەجىدىن، ئىسرائىلىيەنىڭ ھىزبۇللاھغا قارشى ئۇرۇشى، رايوندىكى دۆلەتلەر ئۈچۈن  ئەندىشە مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ توقۇنۇشنىڭ بىر پارچىسىغا ئايىلىنىپ قالىدۇ.

ئىككىنچىدىن، ھىزبۇللاھغا قارشى بىر ئۇرۇش ھىزبۇللاھنىڭ ھەربىي ئىقتىدارى سەۋەبىدىن رايوندىكى دېڭىز بىخەتەرلىكىنى تەۋرىتىۋېتىدۇ. ھۇسىيلارنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان دېڭىز بىخەتەرلىكىنى قانداق مۇقىمسىزلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، ھىزبۇللاھنىڭ ئاقدېڭىزنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور يوشۇرۇن كۈچى بارلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ ئېنېرگىيە جەھەتتىكى جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ دىنامىكالىرى نەزەردە تۇتۇلغىنىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھىزبۇللاھغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىشى يېڭى جىددىيچىلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ ھەمدە ئېنېرگىيە تەمىناتىغا، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە بازىرىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئىسرائىلىيە-ھىزبۇللاھ ئۇرۇشىنىڭ يەنە بىر ئاقىۋىتى بولسا خەلقئارا تەرتىپنىڭ قائىدە – تۈزۈملەرگە ئاساسلىنىدىغان قۇرۇلمىسىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇش ئېھتىماللىقىدۇر. ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەيرانچىلىقلارنى كۆزدە تۇتقاندا، يېڭى بىر ئۇرۇش خەلقئارا باشقۇرۇش مېخانىزىمىنىڭ ئەمدى تولۇق ئىشلىمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ باشقا تاجاۋۇزچى دۆلەتلەرگە ئۈلگە بولۇپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشلارغا يول ئېچىشى مۇمكىن. تۈركىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان دائىم دېگۈدەك تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنىدەك، ئەگەر ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارشى ئۇرۇشى توختىتىلمىسا، بۇ رايوندا تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشنىڭ پارتلىشى تۇرغانلا گەپ.

ئىسرائىلىيە غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۆتەلمەيۋاتقان قىيىن ئۆتكەل كىرىزىسى سەۋەبىدىن، پۈتكۈل رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان بىر ئاكتىيورغا ئايلىنىپ قالدى. غەربلىك ئاكتىيورلارنىڭ، بولۇپمۇ بايدىن ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىرىسنى كۆرمەسكە سېلىشى، ئالدىنى ئېلىش تېخىمۇ قىيىن بولغان كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشلارنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئىسرائىلىيەنى توسۇشنىڭ بىردىنبىر يولى،  مەسئۇلىيەتچان دۆلەت سۈپىتىدە غەززەدىكى قىلمىشلىرى تۈپەيلى جاۋابكارلىققا تارتىشتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر