نەسىردىن ئەپەندىنى خاتىرىلەش ۋە لەتىپە كۈنلىرى

«نەسىردىن ئەپەندىنى خاتىرىلەش ۋە لەتىپە كۈنلىرى» پائالىيەتلىرى 5 – 10 – ئىيۇل كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1852194
نەسىردىن ئەپەندىنى خاتىرىلەش ۋە لەتىپە كۈنلىرى

نەسىردىن ئەپەندىنى خاتىرىلەش ۋە لەتىپە كۈنلىرى

بۈگۈن بىز مەملىكىتىمىزنىڭ ئەڭ داڭلىق لەتىپىلىرىنىڭ مەنبەسى بولغان نەسىردىن ئەپەندىنى چەكسىز مىننەتدارلىق ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىمىز.

 نەسىردىن ئەپەندى ئومۇمىي قاراشقا ئاساسلانغاندا، ئاقشەھىردە ياشاپ ئۆتكەن. ئۇ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى سۇلتانى يىلدىرىم بەيازىت دەۋرىدە ياشىغان، دەپ قارىلىدۇ.

ھازىر جاۋاب ۋە زېھنى ئۆتكۈر نەسىردىن ئەپەندى، ئىنسانلارنى كۆلدۈرۈۋېتىپمۇ چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان لەتىپىلىرى، رەڭدار، تارىخىي  ۋە دانا مىجەز – خاراكتېرى بىلەن تونۇلغان مۇھىم شەخس ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغان نۇرغۇن لەتىپىلەرنىڭ ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلەردىكى بەلكى بىرقانچە كىشىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن قىزىقارلىق ئىشلارنىڭ ئوخشاش بىر ئادەمگە مەنسۇپ بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىدۇ.

نەسىردىن ئەپەندى مەنىلىك ھەم تولىمۇ ئەھمىيەتلىك لەتىپىلىرى بىلەن بىر قانچە ئەسىرلەردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ماڭىدىغان يولىنى داۋاملىق يورۇتۇپ بەرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر