تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى

بىلىۋېلىڭ (60)

2056837
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنىشتىن بىر قانچە يىل بۇرۇن ، مۇستاپا كامالنىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىلى تەبرىكلەنمەكتە.

1923-يىلى 29-ئۆكتەبىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىندى. ھالبۇكى، مۇستاپا كامال بۇنىڭدىن بىرقانچە يىل بۇرۇن جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى قارار قىلغانىدى.

 بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا مەغلۇب بولغان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئۆزى ئۈچۈن «ئۆلۈم جازاسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ۋە ئېغىر شەرتلەر بىلەن تولۇپ تاشقان «سەۋر شەرتنامىسى» گە ئىمزا قويدى، ئارقىدىنلا زېمىنلىرى ئىشغال قىلىندى.

 1919-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى سامسۇندا تۈركىيە خەلقىنىڭ ئازادلىق كۈرىشىنى باشلىغان مۇستاپا كامال، بارلىق قىيىن شارائىتلارغا قارىماي،  بۇ كۈرەشنىڭ ئاخىرىدا غەلىبە بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا چىن دىلىدىن ئىشىنەتتى. ئەمەلىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، مۇستەقىللىق ئۇرۇشى تېخى باشلانمىغانىدى، ھەتتا مۇنتىزىم تۈركىيە ئارمىيەسىمۇ يوق ئىدى.

1919-يىلى 7-ئايدا، ئەرزۇرۇمدا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى پىلانلاش ئۈچۈن قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈلىدۇ. بىر كۈنى كەچتە، مۇستاپا كامال مۇشۇ يەردە دوست بولغان مازھار مۈفىت قانسۇغا، مۇستەقىللىق ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسىنىڭ جۇمھۇرىيەت بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. لېكىن، شۇ كۈن يېتىپ كەلگەنگە قەدەر بۇنىڭ چوقۇم سىر پېتى قېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئىككى دوست ئوتتۇرىسىدىكى  بىردىنبىر سىر بۇلا ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە. شۇ كۈنى كەچتە، مۇستاپا كامال ھېلىقى دوستىغا، كىيىم-كېچەك ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەسىرلەردىن بۇيان قوللىنىلىۋاتقان ئەرەب ئېلىپبەسىنىڭ ئورنىغا لاتىن ئېلىپبەسىنى ئىشلىتىشكە باشلايدۇ.

ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇرۇش تۈركىيە خەلقىنىڭ مىسلىسىز غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ؛ «لوزان تىنچلىق شەرتنامىسى» قوبۇل قىلىنىدۇ، سۇلتانلىق تۈزۈمى بىكار قىلىنىدۇ.

 1923-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە مۇستاپا كامال دوستلىرىغا: «ئەتە جۇمھۇرىيەتنى ئېلان قىلىمىز» دەيدۇ. 10-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇمھۇرىيەت خىتابنامىسى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە قوبۇل قىلىنىدۇ. ئارقىدىنلا، مەخپىي بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 158 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ھەممىسى مۇستاپا كامال پاشانى يېڭى تۈركىيە دۆلىتىنىڭ بىرىنچى جۇمھۇر رەئىسى قىلىپ سايلايدۇ.

يېڭى تۈركىيە دۆلىتى پۈتكۈل دۇنياغا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مۇستاپا كامال نەچچە يىل ئىلگىرى پىلانلىغان باشقا قەدەملەر بىر-بىرلەپ تاشلىنىدۇ. پەقەت كىيىم-كېچەك ساھەسىدىلا ئەمەس، مائارىپ، قانۇن چىقىرىش، مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە ئاياللارغا سىياسىي ھوقۇق بېرىش قاتارلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ كۆپلىگەن ساھەلىرىدىمۇ نۇرغۇن ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەرەب ئېلىپبەسىنىڭ ئورنىغا لاتىن ئېلىپبەسى قوبۇل قىلىنىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك نىشان قىلغان لائىك (دىن بىلەن دۆلەت بىر – بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن تۈزۈم)، زامانىۋى ۋە دېموكراتىك دۆلەت سۈپىتىدە دۇنيادىكى دۆلەتلەر قاتارىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر