بىر قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى -بۇنىڭدىن قايسى دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ بەھرىمەن بولالايدۇ؟

كۆزنەك (56)

2042516
بىر قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى -بۇنىڭدىن قايسى دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ بەھرىمەن بولالايدۇ؟

بىر قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى - بۇنىڭدىن قايسى دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ بەھرىمەن بولالايدۇ؟

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئېفىيوپىيە، ئىران، مىسىر، ئارگېنتىنا قاتارلىق ئالتە دۆلەت «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتى» غا ئەزا بولىدىغان دۆلەتلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىتاينى مەركەز قىلغان ھالدا شەكىللەنگەن بىر كۈچنىڭ مەۋجۇت دۇنيا تەرتىپىگە دۇئېل ئېلان قىلىدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى. بىراق، تۈركىيەگە ئوخشىغان نە ۋاشىنگىتوننى نە بېيجىڭنى مەركەز قىلغان ھالدا شەكىللەنگەن كۈچ تەرەپتە تۇرماستىن، ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىنى چىقىش نۇقتا قىلغان ھالدا ھەرىكەت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بۇ تەرتىپتىن ئەڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رەھبەرلىكىدىكى بىر قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان غەربكە قارشى دۇئېل ئېلان قىلىنماقتا.

گەرچە نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئىككى قۇتۇپنى شەكىللەندۈرىدىغان يېڭى دۇنيا تەرتىپى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن بىر سەپتە تۇرماستىن، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋاتقان كۈچلەرمۇ بار.

تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ھىندىستان ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ كۈچلەرگە مىسال بولالايدۇ، ئەلۋەتتە.

بىۋاسىتە بىر قۇتۇپقا داخىل بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا تۈركىيە كېلىدۇ.

تۈركىيە كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىگە ماس كېلىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، غەرب ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ يېنىدىن شەرتسىز ھالدا ئورۇن ئالمايۋاتىدۇ. تۈركىيەنىڭ رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۇتقان ئاقىلانە پوزىتسىيەسى بۇنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا بولۇشى مەسىلىسىدىكى مەيدانى، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشنى چىقىش نۇقتا قىلىدىغان مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ھىندىستانمۇ ئۈلگىلىك دۆلەتلەر

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان مەنپەئەت توقۇنۇشىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت تەمىناتىنى ئۆزگەرتىش قارارلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يىرىكچىلىك پەيدا قىلماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى نوپۇز ساھەلىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن خىتايغا يېقىنلىشىش يولىنى تاللىماقتا.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئەزاسى بولغان ھىندىستان، خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قېلىشتىن قورقماقتا.

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىنىڭ ۋاشىنگتون ۋە پارىژ زىيارەتلىرى ھىندىستاننىڭ ھەرقانداق ئەھۋالدا خىتاي تەرەپتە تۇرمايدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى.

ھىندىستاننىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ دوللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئورتاق پۇل بىرلىكى تەكلىپىنى رەت قىلىشىمۇ بۇنىڭ موھىم مىسالىدۇر.

گېرمانىيەمۇ ئىككى قۇتۇپتىن ھېچبىرى تەرەپتە تۇرماي، ئۆزىنىڭ رايونلۇق قۇتۇبىنى شەكىللەندۈرۈشكە نامزات دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا. بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، ياۋروپانىڭ نىشانلىرى ئانگلو - ساكسون گۇرۇھى دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىدىن پەرقلىق.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى لاگېردىن يىراقلىشىپ، ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشنى چىقىش نۇقتا قىلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى يېڭى رايونلۇق قۇتۇپ شەكىللەندۈرۈش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يولى گېرمانىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە رايونلۇق قۇتۇپ بەرپا قىلىشتۇر.

يېڭى دۇنيا تەرتىپىگە ئۆتۈش مەزگىلىدە تاشلىنىدىغان قەدەملەر ناھايىتى مۇھىم

ئۆزىنىڭ رايونلۇق قۇتۇپلىرىنى شەكىللەندۈرەلىگۈدەك دەرىجىدە كۈچلۈك بولغان دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئەڭ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. بۇنىڭدىكى سەۋەب، بۇ دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇق سىياسىتى ۋە تەرەپلەرنى بىر-بىرىگە دۈشمەن قىلىش ئارقىلىق نىشانىغا يېتىشتۇر.

ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ رىقابەتچىلىك دائىرىسىدىن ھالقىپ دۈشمەنلىك دائىرىسىگە يېقىنلىشىشى بۇنىڭغا ئاساس ھازىر تەييارلاپ بەرمەكتە.

يېڭى دۇنيا تەرتىپىگە ئۆتۈشتە پەيدا بولغان بوشلۇقتىن ياخشى پايدىلىنىدىغان دۆلەتلەر 21-ئەسىردە قەد كۆتۈرگەن دۆلەتلەر  بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر