سۈرىيەدىكى قاتمال ھالەتنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ
سۈرىيەدىكى قاتمال ھالەتنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (55)

سۈرىيەدىكى قاتمال ھالەتنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ
كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (55)
(جان ئاجۇن)
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «سۈرىيەدىكى قاتمال ھالەتنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
***** ** **** *** *** ****
سۈرىيەدىكى ئۇرۇش مەيدانى خېلى مەزگىلدىن بېرى جىمجىتتەك قىلسىمۇ، يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە قايتىدىن ئوت ئېلىشقا باشلىدى. دەسلەپتە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا، بولۇپمۇ سۇۋايدا رايونىدا، ئاندىن ھاكىمىيەت قىسىملىرى ۋە رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئىدلىبنى بومباردىمان قىلغان مەزگىللەردە ئارقا-ئارقىدىن نامايىشلار باشلاندى. ئەمدىلىكتە دەير ئەززور رايونىدىكى ئەرەب قەبىلىلىرى پ ك ك/ي پ گ غا قارشى ئىسيان بايرىقىنى ئاچتى. بۇ بارلىق ۋەقەلەر سۈرىيەدىكى مەۋجۇت قاتمال ھالەتنىڭ داۋاملىشالمايدىغانلىقىنىڭ ئاخىرقى ئالامەتلىرى بولدى.
سۈرىيە يېقىنقى ئايلاردا قارىماققا بىر قەدەر تىنچ مەزگىلنى باشتىن كەچۈرگەندەك بولدى. بىر تەرەپتە تۈركىيەنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى ئۆكتىچىلەر رايونلىرى، يەنە بىر تەرەپتە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ قوللىشى بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلار ۋە ئامېرىكا ھىمايىسىدىكى پ ك ك/ي پ گ تېرورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە رايونلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شۇنداق بولدى.
سۈرىيەدە بۇ بارلىق كۈچلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بىر قاتمال ھالەت ھاكىم ئورۇنغا ئۆتۈشكە باشلىغان ئىدى. تۈركىيە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توختاتقان، ئەسەد قىسىملىرى ئۆكتىچىلەرگە ھۇجۇم قىلماي ئۆزىنى ساڭلاشقا تىرىشىۋاتقان، پ ك ك/ي پ گ بولسا، ئامېرىكانىڭ نەزىرىدىكى ئەھممىيىتىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇىۋاتقان ۋە مەلۇم سىياسىي مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان ئەھۋالدا ئىدى. لېكىن مەۋجۇت كۈچلەرنىڭ دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى نوپۇس قۇرۇلمىسى، جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە ئۇرۇش مەيدانى رېئاللىقىغا ماس كەلمەيۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىدىغان ۋەقەلەر ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىشكە باشلىدى.
دەسلەپتە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كونتىروللۇقىدىكى رايونلاردا چوڭ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلاندى. دەمەشىق، دەرا ۋە لازىقىيەدىمۇ پات-پات كۆرۈنۈشكە باشلىغان نامايىشلارنىڭ مەركىزى ئاساسەن دېگۈدەك سۇۋايدا رايونى بولدى. دۇرزى ئاز سانلىقلىرى ئولتۇراقلاشقان بۇ رايوندا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي مەسىلىلەر، سۈرىيە لىراسىنىڭ قورقۇنچلۇق دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن بىرلىكتە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن خەلق كوچىلارغا چىقىپ تەشكىللىك ھالدا نامايىش باشلىدى. شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرى كەڭ كۆلەمدە بۇزۇلغان ۋە يېڭىلىغىلى بولمايدىغان ھالەتتە ئىدى، ئېنېرگىيە ۋە يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشكىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولمىدى. پائال بىر ئىقتىسادىي سىستېما يوق دېيەرلىك ئىدى. ھاكىمىيەتكە تەۋە قىسىملار زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئەتكەسچىلىكى بىلەنلا شۇغۇللانماقتا ئىدى. لىۋاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارۋە رۇسىيە دۇچ كەلگەن ئۇكرائىنا پاتقىقى سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى. بۇ خىل ئەھۋالدا ھاكىمىيەت ئىدلىبنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ ھەربىي توقۇنۇشلار ئارقىلىق كۈن تەرتىپىنى ئۆزگەرتىشكە ۋە تەھدىتنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى شۇنداقلا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى قانۇنلۇق ھالغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشقا باشلىدى.
بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە كۈچلەر بىلەن رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىدلىبنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىغانلىقىنى كۆردۈق. ئۆكتىچى كۈچلەرمۇ ئالدىنقى سەپتە قارشى ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشقا تىرىشتى. بولۇپمۇ جابال زاۋىيە رايونىدا شىددەتلىك توقۇنۇش ۋە قايتۇرما ھۇجۇملار يۈز بەردى. ئاندىن دەير ئەززوردا قەبىلە ئىسيانلىرى باشلىدى.
دەير ئەززور مول ئېنېرگىيە مەنبەسى بولغان شەھەر بولۇپ، بۇ رايون سۈرىيە ئىنقىلابى بىلەن تەڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن ئىدى. كېيىن دائېش تەرىپىدىن ئۇزۇن مۇددەت ئىشغال قىلىنغان ئىدى. بۇ شەھەر ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكانىڭ ھاۋادىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن قىلغان ياردىمى بىلەن پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى ي پ گ ۋە ئۇنىڭغا چېتىشلىق بىر قىسىم ئەرەب كۈچلىرىنىڭ ئالقىنىغا ئۆتكەن ئىدى. دەير ئەززور ھازىر پ ك ك/ ي پ گ ۋە ئۇنىڭغا چېتىشلىق ھالدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان س د گ مىلىتانلىرىنىڭ كونتىروللۇقىدا تۇرماقتا. قىسقىسى، پ ك ك رايوندا قۇرماقچى بولغان تېرورلۇق دۆلتىنىڭ چېگراسى ئىچىدە ئورۇن ئالىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قەبىلىلەر كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان، ئىنسانلىرى قوپال، ئەرەب-سۈننىي رايونى دېيىشكە بولىدۇ. شەھەردە ئاقايدات ئابىد، كۇلاين، شەممار، زۇبەيد، دۇلەيىم، جابۇر، تاي، ئېبۇ سارايا ۋە ئەل رىفاي قەبىلىلىرى ياشايدۇ. بۇ شەھەر دەمەشىقتىن 450 كىلومىتىر ۋە تۈركىيەدىن 200 كىلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان.
ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم بۇ رايوندىكى خەلقلەر پ ك ك غا قارشى سەپەرۋەر بولۇپ ھەر خىل نامايىشلارنى قىلغان بولۇپ، ئەمما بۇ قېتىمقى چوڭ ئىسيان تۇنجى قېتىم كۆرۈلدى دېيىشكە بولىدۇ. رايوندىكى قەبىلىلەرنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ھەربىي كېڭەشنىڭ باشلىقى بولغان ئەبۇ ھاۋلە پ ك ك/ي پ گ تەرىپىدىن بىر يىغىنغا تەكلىپ قىلىنىپ نەزەربەند قىلىنىشى بىلەن تېخىمۇ چوڭ توقۇنۇشلار يۈز بەردى. ئەرەب قەبىلىلىرىگە قاراشلىق قوراللىق كۈچلەر سەپەرۋەر بولۇپ، نۇرغۇنلىغان يېزا-بازارلاردىن پ ك ك/ ي پ گ ئۇنسۇرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشقا باشلىدى. پ ك ك نىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاشنى خالىمايدىغان رايون خەلقى بۇ ئىسياننى ئومۇمي يۈزلۈك قوللىدى.
توقۇنۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلدى، تۈركىيەنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى رايونلاردا ياشايدىغان مۇناسىۋەتلىك قەبىلىلەرمۇ بۇ جەرياننى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ پ ك ك/ي پ گ غا قارشى ھۇجۇم باشلىدى. ئامېرىكا بولسا كۆرۈنۈشتە سۈكۈت قىلىپ، تەرەپ تۇتۇشنىڭ ئورنىغا مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئويناشقا تىرىشتى. پ ك ك/ي پ گ نىڭ قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ۋە ئامېرىكانىڭ مۇرەسسەچىلىك رولى بىلەن ۋەقەلەرنىڭ تىنچلىنىشقا باشلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. ئاخىرىدا پ ك ك/ي پ گ غا تەۋە ئۇنسۇرلار ھازىرچە قەبىلە كۈچلىرىنى باستۇرغان بولدى، ئەمما ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەردە پ ك ك/ ي پ گ نىڭ دەير ئەززور غا ئوخشاش مۇرەككەپ رايونلاردىكى قەبىلە قۇرۇلمىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىش قاتارلىق يول قويۇشلارغا مەجبۇر بولغانلىقى مەلۇم. بۇنىڭدىن باشقا يەنە شۇنىمۇ تەكىتلەش كېرەككى، بۇ قېتىمقى ئىسيان پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئامېرىكانىڭ پۈتۈن قولللاشلىرىغا قارىماي، رايوندا سىجىل بىرەر سىستېما ئورنىتالمىغانلىقى، بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.
نەتىجىدە، سۈرىيەدىكى يالغان باھارنىڭ تۇيۇقسىز يىمىرىلىپ چۈشكەنلىكىنى ھەمدە توقۇنۇش ۋە ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنىڭ قايتىدىن باشلانغانلىقىنى كۆردۇق. سۈرىيەدىكى ئېتنىك ۋە مەزھەبىي قۇرۇلمىلارغا شۇنداقلا نوپۇس قۇرۇلمىسى ۋە جەمئىيەت رېئاللىقىغا ماس كېلىدىغان سىياسىي تۈزۈم ۋە تەرتىپ تۇرغۇزۇلماي تۇرۇپ، سۈرىيەدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئانچە مۇمكىن ئەمەس. ئەپسۇسكى، ھازىر سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئۈمىدبەخش بىرەر ئىجابىي تەخمىندە بولۇشمۇ مۇمكىن ئەمەس.