كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ساكاريا (1)

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىدا، ساكاريانى سەيلە قىلىمىز.

2037086
كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ساكاريا (1)

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ساكاريا (1)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ»نىڭ ھۆرمەتلىك يولۇچىلىرى، بىز سىلەر بىلەن بىرلىكتە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان سەپىرىمىزدە يەتتە ئايغا يېقىن ۋاقىتنى ئارقىدا قالدۇردۇق. بۇ جەرياندا بىز قارا دېڭىز قىرغاقلىرىنى، دېڭىز بويىدىكى نۇرغۇن شەھەر ۋە بازارلارنى زىيارەت قىلدۇق. پات- پات سىلەرنى دېڭىز قىرغاقلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئىچكى رايونلارغا ۋە تاغلارغا ئېلىپ باردىم. سىلەرگە قارا دېڭىز رايونىنىڭ تەڭداشسىز گۈزەل تاغ – يايلاقلىرىنى، دەرەخزارلىقلىرىنى، دېگەندەك تونۇلۇپ كەتمىگەن قەدىمكى شەھەرلىرىنى كۆرسىتىشكە تىرىشتىم. بىزنىڭ قارا دېڭىزدىكى سەپىرىمىز داۋاملىشىدۇ، ئەمما بىز بۇ قېتىم تۈركىيەنىڭ باشقا بىر جۇغراپىيەلىك رايونىغا ئۆتىمىز. بۈگۈندىن باشلاپ، بىز مارمارا رايونىنىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىمىز. ئەگەر تەييار بولغان بولساڭلار، ساكارياغا قاراپ يولغا چىقايلى.

*  *  *  *

ساكاريا قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا مۇھىم شەھەر بولۇپ كەلگەن. ئۇ مۇنبەت دېھقانچىلىق رايونلىرى، مول سۇ مەنبەسى ۋە ئورمانلىرى سەۋەبىدىن تارىختىن بۇيان كىشىلەر ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن جاي. ساكاريا رىم ۋە ۋىزانتىيە دەۋرىدە سودا مەركىزى ئىدى. ئوسمانلى دەۋرىدىمۇ پايتەخت ئىستانبۇلغا كېرەكلىك مەھسۇلاتلار تۇنجى بولۇپ تەلەپ قىلىنىدىغان جايلارنىڭ بىرى ساكاريا ئىدى. پايتەختكە يېقىن بولۇشى، دېڭىز بويىغا جايلاشقان بولۇشى ۋە ساكاريا دەرياسى، شەھەرنى مۇھىم ئەۋزەللىك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

سەپىرىمىز داۋام قىلىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا سىلەردىن بىر سوئال سورىغۇم بار. قەدىمكى دەۋرلەردىكى بۇتخانا، ھەيكەللەر، ئابىدىلەر ۋە قەبرە تاشلىرىنىڭ بىر ئورتاقلىقى بار. سىلەرنىڭ قارىشىڭلارچە بۇ ئورتاق ئالاھىدىلىك نېمە؟ بۇ توغرىدا بىرەر پىكىر ياكى پەرىزىڭلار بارمۇ؟ ئەلۋەتتە، مەرمەر دېگۈچىلەر سوئالىمغا توغرا جاۋاب بەرگەن بولىدۇ. ئانادولۇدا، رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ مەرمەر ئېھتىياجى قاندۇرۇلغان جاي ئافيۇنقاراھىسار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى ئىدى. بۇ جايلاردىن قېزىۋېلىنغان ئاق مەرمەر تاشلار ھەم چوڭلۇقى ھەمدە سۈپىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە مەرمەرلەر بىناكارلار ۋە ھەيكەلتىراشلارنىڭ نۇقتىلىق تاللىشى بولىدۇ. ئېغىرلىقى نەچچە توننا كېلىدىغان بۇ ماتېرىيالنى قۇرۇقلۇق يولى بىلەن توشۇش تولىمۇ جاپالىق بولغاچقا، سۇنىڭ، يەنى دەريانىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىدۇ. ئەنە شۇ دەريالارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ۋە ئەڭ كۆپ پايدىلىنىلغىنى ساكارىيا دەرياسى بولىدۇ. ساكاريا دەرياسى ئەينى ۋاقىتتا سانگارىئوس دەپ ئاتىلاتتى. رىم دەۋرىدىكى بەزى تارىخچىلار دولقۇنلاپ ئاقىدىغان بۇ ئەزىم دەريانى «ئۆتكىلى بولمايدىغان ئېقىن» دەپ تەسۋىرلىگەنىدى. ئىمپېراتور بۇ دەرياغا بىر كۆۋرۈك سالدۇرىدۇ. شۇنداق، ساكاريا تىلغا ئېلىنغان ھامان، تۇنجى بولۇپ كىشىنىڭ ئېسىگە كېلىدىغان تارىخىي قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ئىمپېراتورنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان جاستىنيان كۆۋرۈكى. بۈگۈنكى كۈندە «بەشكۆپرۈ (بەش كۆۋرۈك) دەپ ئاتىلىدىغان جاستىنيان كۆۋرۈكى، ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى - يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇۋەققەت تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا. ئەمدى «سەيياھ»نى پورتقا لەڭگەرلەپ،  دېگەندەك مەشھۇر بولمىسىمۇ، سېھرىي كۈچكە ئىگە بۇ سۇ قۇرۇلمىسىنى كۆرۈپ كېلەيلى.

جاستىنيان كۆۋرۈكى شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىن تاكى بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ قالغان دۇنيادىكى مۇھىم يادىكارلىقلارنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئون بەش ئەسىردىن بۇيان قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان بۇ كۆۋرۈك، ئاياسوفيائى كەبىر جامەسىگە ئوخشاشلا ئۇزۇن ئۆتمۈشكە ئىگە ئىكەن. ئىككى ئۇچىدىكى قۇرۇلمىلارنى نەزەرگە ئالمىغىنىمىزدىمۇ كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئۈچ يۈز ئەللىك مېتىر، كەڭلىكى ئۈچ لىنىيەلىك بىر يولچىلىك كېلىدۇ. دېمەك، ناھايىتى چوڭ. ئەينى دەۋر يازغۇچىلىرىمۇ ئەسەرلىرىدە جاستىنيان كۆۋرۈكىنىڭ پەۋقۇلئاددە چوڭلۇقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئىمپېراتورنىڭ پايتەخت بىلەن ئانادولۇنىڭ ئالاقىسىنى قولايلاشتۇرۇشئۈچۈن بۇ كۆۋرۈكنى سالدۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلارمۇ بار. كۆۋرۈك بۈگۈنكى كۈنگىچە ئەسلىدىكى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ فۇنكسيەسى ھەققىدە ئوخشاش سۆزنى قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، كۆرۈۋاتقىنىڭلاردەك، ساكاريا دەرياسى ئەمدى كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىن ئاقمايدۇ. شۇنداق، بىز ھەيۋەتلىك دەپ تەسۋىرلەۋاتقان بۇ غايەت زور كۆۋرۈك، بۈگۈنكى كۈندە يۆنىلىشى ئۆزگەرتىلگەن دەريانىڭ بۇرۇنقى ئورنىدا قالغان. قەدىمكى دەۋرلەردە ساكاريا دەرياسىنىڭ ئېقىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، دائىم دېگۈدەك كەلكۈن ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ تۇراتتى. كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ساكاريا دەرياسىنىڭ ئېقىن يۆنىلىشى ئۆزگەرتىلىدۇ. ئىمپېراتور جاستىنيان تەرىپىدىن دەريادىن ئۆتۈش ئۈچۈن سالدۇرۇلغان بۇ غايەت زور كۆۋرۈك، دەريانىڭ يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىدىن كېيىن فۇنكسىيەسىنى يوقىتىدۇ. ئارقىدا پەقەت تۈركىيە ۋە دۇنيادا ناھايىتى ئاز كىشى بىلىدىغان تەخمىنەن مىڭ بەش يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ ھەيۋەتلىك كۆۋرۈك قالىدۇ.

*  *  *  *

ساكاريانىڭ ئاجايىپ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلىك جايلىرى بار، ئەمما مەن بۇ قېتىم ئۇنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكلىرىنى بايان قىلىشنى باشلىيالمىدىم. مەن سىلەرنىڭ بىر زامانلارنىڭ سەلتەنەتلىرىگە شاھىت بولغان، ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر بىلىدىغان ئۇ ھەيۋەتلىك سۇ قۇرۇلمىسى — جاستىنيان كۆۋرۈكى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلدىم. سۆزلىرىمنى ئۇزارتىۋەتكەن بولۇشۇم مۇمكىن. كېلەر ھەپتە كەمچىلىكىمنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، سىلەرنى بۇ يەردە ساقلايمەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر