كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - سامسۇن (3)...
نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىدا، سامسۇندىكى قىزىل ئىرماق (دەريا / ئېقىن) ۋە يېشىل ئىرماق دېلتالىرىنى سەيلە قىلىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!
1996821

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - سامسۇن (3)...
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئانادولۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان ھەيۋەتلىك بىر دەريا بار؛ ئۇ بولسىمۇ، ئىسمى تېگىنىڭ قىزىل رەڭگىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان قىزىل ئىرماقتۇر. قىزىل ئىرماق تۈركىيە زېمىنلىرىدا ھاسىل بولۇپ، يەنە بۇ زېمىنلاردا دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان دەريالارنىڭ ئەڭ ئۇزۇنى. ئۇ ئۆزى بېسىپ ئۆتكەن ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپىلەردىكى نۇرغۇن تۇپراقلارغا ھاياتلىق بېغىشلىغان ھالدا، سامسۇندا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. بىز بۈگۈن ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ»قا ئولتۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز رايونى قىرغىقىدىكى سامسۇننىڭ قىزىل ئىرماق دېلتىسىنى سەيلە قىلىمىز. مەن سىلەرگە قىرغاقتىن بىر ئاز يىراق يەردە قىزىل ئىرماق سايىسىدا ھاسىل بولغان ئۆزگىچە بىر دۇنيانى كۆرسەتمەكچىمەن. شۇنداق، دېڭىزدىن يىراقلاشساقمۇ، سۇلاردىن يىراقلاشمايمىز.