ئىنسۇلىن قارشىلىقى كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەبىئىي چارە - تەدبىرلىرى

شىپا بۇلىقى (39)

1993592
ئىنسۇلىن قارشىلىقى كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەبىئىي چارە - تەدبىرلىرى

ئىنسۇلىن قارشىلىقى كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەبىئىي چارە - تەدبىرلىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ئىنسۇلىن قارشىلىقى كېسىلى ھۈجەيرىلەر قان ئايلىنىش جەريانىدا قاندىكى قەنتنىڭ بەك كۆپ ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىنسۇلىنغا ئىنكاس قايتۇرۇشنى توختاتقاندا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ ئىنسۇلىن قارشىلىقى كېسىلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋە ئىنسۇلىن سەزگۈرلۈكىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

داۋاملىق ئۈنۈملۈك ئورۇقلاشقا تىرىشىڭ

ئورۇقلاش ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر. ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقى جەھەتتىن ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ ئاستىدا بولسىڭىز، دەسلەپكى بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى % 5-10 تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق دىيابېت كېسلىنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. بۇ بەدەن ئېغىرلىقى 200 كىلوگىرام كېلىدىغان بىر كىشىنىڭ 10 - 20 كىلوگىرام ئورۇقلىغانلىقىغا توغرا كېلىدۇ.

ھەددىدىن زىيادە بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈش ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى ياخشىلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك تەبىئىي چارە – تەدبىرلىرىدىن بىرى.

بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈندىلىك ھاياتىڭىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇڭ

ھەرىكەتسىزلىك سەۋەبىدىن ئوزۇقلۇق ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان كالورىيەلەر بەدەندە ماي سۈپىتىدە يىغىلىپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سېمىزلىك بولسا ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، كۈندىلىك ھەرىكەت مىقدارىنى ئاشۇرۇش تولىمۇ مۇھىم.

چېنىقىش ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىنسۇلىنغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغان بەدەندىكى ماينى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ. بۇ بەدەننىڭ ئىنسۇلىننى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشىگە ياردەم بېرىدىغان مۇسكۇللارنى ھاسىل قىلىدۇ.

لىفتنىڭ ئورنىغا پەلەمپەينى ئىشلىتىڭ، يېقىن جايغا ماشىنا بىلەن ئەمەس، مېڭىپ بېرىڭ، ئۇزۇن ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىڭ. ھەر كۈنى تەرتىپلىك چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. سالامەتلىك ئەھۋالىڭىزغا قاراپ تېز ياكى تەرتىپلىك ھالەتتە ئاستا يۈگۈرۈڭ، ۋېلىسىپىت مىنىڭ، سۇ ئۈزۈڭ، ئوكسـىگېنلىق شـارائىتتا ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىڭ.

ئەگەر ۋاقتىڭىز چەكلىك بولسا، ھەپتىدە كەم دېگەندە 3 كۈن 45 مىنۇت ئەتراپىدا تېز مېڭىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ.

ئاز-ئازدىن ۋە پات – پات يەڭ

تاماق قاچىلىرىڭىزغا كۆپ مىقداردا يېمەكلىك ئالماڭ. ئاز-ئازدىن پات – پات يەڭ. يۇقىرى كالورىيەلىك، ماي تەركىبى يۇقىرى ياكى تەييار يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىڭ.

مېتابولىزىمنى كۈچلەندۈرۈڭ

ئىنسۇلىن قارشىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىشىڭىز ۋە بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك. مېتابولىزىمنى تېزلىتىش ئۈچۈن ھەر كۈنى كەم دېگەندە 8 ئىستاكان سۇ ئىچىڭ.

ئوزۇقلۇق ماددىلارغا دىققەت قىلىڭ

ئەگەر سىزدە ئىنسۇلىن قارشىلىقى كېسىلى بولسا، قان قەنتى بەك يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇڭ، يەنى قاندىكى قەنت مىقدارىنى تېز كۆپەيتىۋېتىدىغان يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇڭ. چۈنكى قان قەنتى بەك يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر قاندىكى ئىنسۇلىننىڭ سەۋىيەسىنى تېز ئاشۇرۇپ، ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. قان قەنتى بەك يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىر قىسمى تۆۋەندىكىچە:

• ئاق نان،

• بەرەڭگە ۋە بەرەڭگە بىلەن تەييارلانغان تاماقلار،

• ئاق گۈرۈچ ۋە گۈرۈچ بىلەن تەييارلانغان پولۇ قاتارلىق يېمەكلىكلەر،

• تەييار مېۋە شەربەتلىرى،  شىرىن - شەربەتلىك تاتلىق – تۇرۇملار، تاتلىق يېمەكلىكلەر قاتارلىق پىششىق شېكەر بىلەن تەييارلانغان يېمەكلىكلەر.

مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىڭ

مېۋە - چىۋە ۋە كۆكتاتلار  پەقەت ئىنسۇلىنغا قارشى تۇرۇش بىلەنلا قالماي يەنە ئېرىشچان تالانىڭمۇ ئەڭ مول مەنبەسىدۇر. ئەڭ ياخشى تاللاشلار تۆۋەندىكىچە:

• ئالما،

• ئۆرۈك،

• پېرسېيە نەشپۈتى،

• بانان،

• بۆلجۈرگەن،

• بروككولى،

• بىريۇسسېل مايسىسى،

• سەۋزە،

• نەشپۈت،

• تاتلىق بەرەڭگە.

 

 تائاملىرىڭىزغا ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرىدىغان ئۆسۈملۈك ۋە تېتىتقۇلارنى ئىلاۋە قىلىڭ

ئۆسۈملۈك ۋە تېتىتقۇلار يېمەكلىكلىرىمىزنىڭ تەمىنى تېتىتقاندىن سىرت يەنە شىپا مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

• دارچىن،

• يۇمغاقسۈت،

• زەنجىۋىل،

• قىزىلمۇچ

• زەپەر،

• زەرچىۋە،

• بۆلجۈرگەن،

يېشىل چاي،

ئورمان ياڭىقى ۋە ئۇرۇقلار،

• قىزىلچا،

• قارىمۇچ،

• سامساق.

بېسىمدىن ساقلىنىڭ

ھەممە ئادەم دېگۈدەك پات-پات بېسىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇ نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، توختىماي بېسىمغا دۇچ كەلگەن كىشىلەردە بېسىم ھورمۇنى تېخىمۇ كۆپ ئاجرىلىپ چىقىدۇ. بۇ ھورمونلار ئىنسۇلىن قارشىلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇيقۇسىز قالماڭ

نورمال ئەھۋال ئاستىدا، كېچىلىرى بېسىم ھورمۇنلىرىنىڭ سەۋىيەسى تۆۋەنلەيدۇ. ئۇخلاش قىيىن بولۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان بېسىم بولسا  ئىنسۇلىن قارشىلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن،  ئىنسۇلىن قارشىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك ۋە سۈپەتلىك ئۇخلاش ئىنتايىن مۇھىم.

بالدۇر ناشتا قىلىش زۆرۈر

بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە ئىسپاتلىنىشىچە، ئىنسۇلىن قارشىلىقى كېسىلى ئەتىگەن سائەت 8:30 دىن بۇرۇن ناشتا قىلغانلاردا كىچىكىپ ناش قىلغانلارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئاز كۆرۈلىدىكەن.

ئالما سىركەسى ئىستېمال قىلىڭ. چۈنكى ئورگانىك ئالما سىركەسى ئىستېمال قىلغاندا، يۇقىرى كاربونلۇق تاماق ۋاقتىدا ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر