تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى سىياسىي سايلام

بىلىۋېلىڭ (39)

1995370
تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى سىياسىي سايلام

تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى سىياسىي سايلام

تۈركىيەدە تۇنجى قېتىملىق سىياسىي سايلامنىڭ  1909-يىلى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلەمسىز؟

تۈركىيەدە سىياسىي پارتىيەلەر قاتناشقان تۇنجى سايلام ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدە 1908-يىلى ئېلان قىلىنغان ئىككىنچى مەشرۇتىيەت (ئاساسىي قانۇن چىقىرىش) تىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەنىدى. بۇ ئىككى پارتىيە رىقابەتلەشكەن بىر سايلام ئىدى. خەلق ئىككىنچى مەشرۇتىيەتتىن كېيىن بېرىلگەن ئەركىنلىك دائىرىسىدە سايلامغا ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىدۇ. سايلام كۈنى داقا – دمباق چېلېنىپ، خۇددىي توي مۇراسىمىغا ئوخشاش بېلەت تاشلاش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇ ۋاقىتلاردا سايلام ھازىرقىدەك بىر كۈندە ئۆتكۈزۈلمەيتتى، سايلام پائالىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن بىر قانچە ئاي ۋاقىت كېتەتتى.

ئوسمانلى دەۋرىدىكى پەقەت ئەرلەرلا سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىككى باسقۇچلۇق سايلام تۈزۈمى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدىمۇ ئۇزۇن مۇددەت يولغا قويۇلىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تېخى ئېلان قىلىنمىغان  1923-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 2-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن سايلام تۈركىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئومۇمىي سايلام ھېسابلىنىدۇ. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن، مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك تۇنجى جۇمھۇر رەئىس بولۇپ سايلىدۇ.

گەرچە تۇنجى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە سايلامنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىر ئاز كېچىكىپ ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئاياللارغا سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بەرگەن باشلامچى دۆلەتلەردىن بىرى بولىدۇ.

مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك 1930-يىلى ئاياللارنىڭمۇ يەرلىك سايلامغا قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلغانىدى. ئەمما، تۈرك ئاياللىرى سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا 1934-يىلى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئېرىشكەنىدى. شۇنداق قىلىپ، 1935-يىلدىكى ئومۇمىي سايلامدا نامزات بولغان 18 ئايال پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىپ، پارلامېنتقا كىرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر