كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - سامسۇن (2)...
نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىدا، سامسۇننىڭ تەبىئىي مەنزىرىلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!
1993922

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - سامسۇن (2)...
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ»نىڭ ھۆرمەتلىك يولۇچىلىرى! بۈگۈن بىز قارا دېڭىز رايونىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئولتۇراق رايونى — سامسۇن شەھىرىدىمىز.
سامسۇن ئىستراتېگىيەلىك ئورنى سەۋەبىدىن ئەسىرلەردىن بۇيان قارا دېڭىزنىڭ ئانادولۇنىڭ ئىچكى قىسىملىرىغا ئېچىلغان ئېغىزى بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ تارىخى قەدىمكى تاش دەۋرىگە تۇتىشىدۇ. ھەتتا رايوندىكى ئۆڭكۈرلەردە ئېلىپ بېرىلغان قېزىشلاردا، كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن 60 مىڭ يىل ئىلگىرى بۇ يەرگە ئولتۇراقلاشقانلىقى ئاشكارىلاندى. چۈنكى بۇ رايونغا ھاياتلىق ئاتا قىلىۋاتقان ئىنتايىن مۇھىم دەريالارنىڭ بىرى — قىزىل دەريا (قىزىل ئىرماق) بۇ يەردىن ئۆتىدۇ. مۇنبەت تۈزلەڭلىكلىرى، كىلىماتى ۋە مىس كانلىرى ھەر دەۋردە كىشىلەرنىڭ سامسۇن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولتۇراقلىشىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ھىتىت، پارس، پونتۇس، رىم، ۋىزانتىيە ۋە ئوسمانلىلارغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ.
بىز بۈگۈنكى سەيلىمىزنى ھىتىتلار دەۋرى قالدۇقلىرى تېپىلغان تەككەكۆي ئۆڭكۈرلىرىدىن باشلايلى. تەككەكۆي ئۆڭكۈرلىرى جايلاشقان جىلغا 60 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى ئولتۇراق رايونلارنىڭ بىرى، دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئۆڭكۈرلەر يەنە قارا دېڭىزدىكى كىشىلەر ئەڭ دەسلەپ ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇش ئالاھىدىلىكىگىمۇ ئىگە. تەككەكۆي ئۆڭكۈرلىرى ئوخشىمىغان دەۋرلەرگە تەۋە نۇرغۇن قاتلاملاردىن تەركىب تاپىدۇ. قېزىش — تەكشۈرۈش جەريانىدا، قىزىل رەڭلىك ساپال بۇيۇملار، قارا تەگلىك ئۈستىگە ئاق بوياق بىلەن گېئومېتىرىيەلىك نەقىشلەر سىزىلغان قاچا- قۇچىلار، گۈلدانلار قېزىۋېلىندى. تەككەكۆي ئۆڭكۈرلىرى ئارخېئولوگىيە ۋادىسىدىكى تېپىلمىلار ئۈستى ئوچۇق مۇزېي شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئۆتمۈشىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.
بۇ رايون باغرىغا بېسىپ ياتقان مەدەنىيەتلەرنى يېقىندىن كۆرۈشىمىزگە كاپالەتلىك قىلىدىغان يەنە بىر جاي ئاسارقەلئە بىلەن ئۇ يەردىكى تاش قەبرىلەردۇر. ئاسارقەلئە يۇنان دەۋرىدە مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ياسالغان بولۇپ، بۇ يەردە چوڭ تاشقا ئويۇپ ياسالغان ئۈچ دانە تاش قەبرە بار.
ئەمدى ھىتىت دەۋرىدىن قالغان نەرىك ئارخېئولوگىيە شەھىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلايلى. نەرىك ھىتىت جۇغراپىيەسىدىكى بىر قانچە مۇقەددەس شەھەرنىڭ بىرى. مۇقەددەس شەھەر نەرىك سامسۇننىڭ ۋەزىركۆپرە رايونىدىكى ئويمائا(يا)غاچ تۆپىلىكىدە جايلاشقان بولۇپ، قېزىش جەريانىدا، مىخ يېزىقلىق تاختايلار، قوراللار، دېھقانچىلىق قوراللىرى، يەر ئاستى پەلەمپىيى ۋە مۇقەددەس بۇلاق ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى.
ئەمدى تارىخى مىلادىدىن 4000 يىل بۇرۇن باشلانغان قەدىمكى شەھەر نەرىكتىن ئايرىلىپ، ئۇنىڭدىن تەخمىنەن 10 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شاھىنقايا جىلغىسىغا قاراپ يولغا چىقايلى. بۇ جىلغا قىزىل ئىرماق دەرياسى بويىدىكى ئالتىنقايا توسمىسىغا تۇتۇشىدۇ. شاھىنقايا جىلغىسى تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ سۇلۇق جىلغىسى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ۋە چوڭقۇرلۇقى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئاز ئۇچرايدىغان بۇ جىلغا بويىدا چېدىر تىكىشكە، تاغقا يامىشىش، پاراشۇتتىن سەكرەش، سۇغا شۇڭغۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقىدەك ھاياجانلىق تەنھەرىكەتلەرنى ياقتۇرمىسىڭىز، كېمە ساياھىتىگە چىقسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەممىمىز بىرلىكتە بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ، مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنايلى. شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، جىلغا تارىيىدىغان بوغۇزدىن ئۆتۈش جەريانىدا، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە ئىككى تەرەپتىكى تىك يانتۇلۇقلارنى كۆرۈپ، ئەنسىزلىكتىن نەپىسىڭلارنى تۇتۇشقا مەجبۇر بولىسىلەر.
* * * *
ئەمدى سامسۇننىڭ تەبىئەت ۋە پىيادە يول يۈرۈش ھەۋەسكارلىرىغا سۇنغان باشقا مەنزىرىلىك جايلىرىنى سەيلە قىلايلى. ئاقئالان شارقىراتمىلىرى ئېگىزلىكتىن ئوخچۇپ چۈشىدىغان 18 شارقىراتمىدىن تەركىب تاپىدىغان بولۇپ، كىشىنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغايدۇ. دالا سەيلىسى چېدىرى قۇرۇش، قۇلۋاق سەيلىسى قىلىش ۋە سۈرەت تارتىش ئۈچۈن ئۆزگىچە مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدىغان كاباجەۋىز شارقىراتمىلىرى، تەڭداشسىز كۆل مەنزىرىسى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن تاۋشان (توشقان) تېغى، يەنە نۇرغۇن شارقىراتمىلاردىن ھاسىل بولغان گۆلئالان شارقىراتمىسى، ياۋايى ھايۋانلىرى ۋە سۇلۇق يەرلىرى بىلەن كىشىنىڭ دىققتىنى تارتىدىغان ئامازون تەبىئەت باغچىسى قاتارلىقلار سامسوندىكى يېشىللىق بىلەن خاتىرجەملىك ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن جايلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
بىزنىڭ قىزىل ئىرماق دېلتاسى خەلقئارا سۇلۇق ساھەسى ۋە قۇشلار جەننىتى، تۈركىيەنىڭ مۇھىم ئۆسۈملۈك رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان يېشىل ئىرماق دېلتاسى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشكە ۋاقتىمىز يەتمىدى. سەھىپىمىزنىڭ كېيىنكى سانىدا سىلەرنى تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيا ئۈچۈنمۇ مۇھىم بولغان مەزكۇر ئىككى جايغا ئېلىپ بارىمەن.
ئالدىنقى ھەپتە سەپىرىمىزگە قاتنىشالمىغان يولۇچىلىرىمىزغا قىسقىغا ئەسكەرتىش بېرىش ئارقىلىق بۈگۈنكى سەپىرىمىزنى ئاخىرلاشتۇرايلى. سامسۇن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېقىنقى تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. چۈنكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك مۇستەقىل بولۇش يولىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى سامسۇندىن باشلىغان. بۇ سەۋەبتىن، سامسۇن ۋە ئۇنىڭ ناھىيەلىرىدە ئاتاتۈركنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلاپ سېلىنغان مۇزېيلار بار. ھاۋزا ئاتاتۈرك ئۆيى مۇزېيى، غازى مۇزېيى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ شەخسىي بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان مۇزېيلارنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق
ئۇ (يەنى ئۇلارنى بىكار يارىتىلغان دەپ قاراش) كاپىرلارنىڭ گۇمانىدۇر، كاپىرلارغا دوزاختىن ۋاي!