كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - سامسۇن ۋە 19 - ماينىڭ ئەھمىيىتى...

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىدا، سامسۇننى ساياھەت قىلىپ، 19 – ماينىڭ تۈركىيە تارىخىدىكى ئەھمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

1990482
كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - سامسۇن ۋە 19 - ماينىڭ ئەھمىيىتى...

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - سامسۇن ۋە 19 - ماينىڭ ئەھمىيىتى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 1919 - يىلىنىڭ 19 - ماي كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىشقا  — ئۆزئارا تەقسىملىشىشكە باشلىغانىدى. خەلق مەھەللىي سەۋىيەدە ئىشغال ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشىلىق كۆرسىتىشكە باشلىغانىدى. سامسۇن ئەنە شۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى باش كۆتۈرگەن جايلارنىڭ بىرى ئىدى. ئوسمانلى ئارمىيەسىنىڭ مۇھىم قوماندانلىرىدىن مۇستاپا كامال ئەڭ ئاخىرقى ئوسمانلى سۇلتانى ۋاھدەتتىن تەرىپىدىن سامسۇندىكى گىرېتسىيەلىكلەر بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىش ۋە تۈركلەرنىڭ قوللىرىدىكى قوراللارنى يىغىۋېلىشقا بۇيرۇلدى. مۇستاپا كامال ئۇزۇندىن بېرى دۆلەت چۈشۈپ قالغان ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىدى. ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغان بۇ ۋەزىپە ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنىڭ، باشقىچە ئېيتقاندا، ۋەتەننى ئازاد قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. ئۇ بىرلىكتە بارىدىغان قوماندان ۋە خادىملارنى ئۆزى بەلگىلىگەندىن كېيىن، ئىستانبۇلدىن «باندىرما» ناملىق كونا بىر پاراخوتقا ئولتۇرۇپ، سامسونغا قاراپ يولغا چىقتى.

ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ»نىڭ ھۆرمەتلىك يولۇچىلىرى، بۈگۈن مەن سىلەرنى بىر مىللەتنىڭ يوقىلىشتىن قۇتۇلۇپ، قايتىدىن قەد كۆتۈرۈشكە يۈزلىنىشىگە، قىسقىچە ئېيتقاندا، تۈركىيە تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرىگە شاھىت بولغان جاي —  سامسۇنغا ئېلىپ بارىمەن.

*  *  *  *

باندىرما ئىككى قېتىم چۆكۈپ كېتىپ قايتا رېمونت قىلىنغان كونا پاراخوت ئىدى. ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ئۇنى چۆكتۈرۈۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا مىش - مىش پاراڭلارمۇ بار ئىدى. مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى بۇلارنىڭ ھەممىسىگە تەۋەككۈل قىلىپ، 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى باندىرما پاراخوتى بىلەن ئىستانبۇلدىن يولغا چىقىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن يەنى 1919 - يىلى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سامسونغا يېتىپ بارالىدى. بىز بۈگۈنكى ساياھىتىمىزنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك سامسۇنغا تۇنجى قەدىمىنى قويغان — تۈتۈن پىرىستانىدىن باشلايمىز. بۇ تۈركىيە تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم دەقىقىلەرنىڭ بىرىگە شاھىت بولغان تارىخىي پىرىستان؛ باشقىچە ئېيتقاندا، بۇ يەر ئاتاتۈرك تۈرك مىللىتىنى ئازاد قىلىش مىللىي كۈرىشىنى باشلىغان جاي. تۈتۈن پىرىستانى ئەسلىگە ئاساسەن قايتا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يەردىكى سىلەر كۆرۈۋاتقان بۇ موم ھەيكەللەر مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنى قارشى ئېلىشقا بارغان سامسۇن خەلقىگە مەنسۇپ. پىرىستاندىن تارتىپ تاكى غازى مۇزېيىغىچە بولغان جايغا «ئازادلىق يولى» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، پىيادىلەر يولى قىلىنغان.

بىزمۇ بۇ يولنى بويلاپ مېڭىپ، غازى مۇزېيىغا بارايلى. بۈگۈنكى كۈندە مۇزېي قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان بۇ بىنا، ئەينى چاغدىكى مىنتىقا پالاس مېھمانخانىسى بولۇپ، مۇستاپا كامال پاشا 1919 - يىلى سامسونغا كەلگەندە مۇشۇ يەردە تۇرغانىدى. بۇ ئاددىيغىنا قىلىپ سېلىنغان ئىككى قەۋەتلىك بىنا. مۇزېينىڭ تۆۋەنكى قەۋىتىدە ئاتاتۈرك ئىشلەتكەن قورال ۋە كىيىملەر كۆرگەزمە قىلىنماقتا. ئۈستۈنكى قەۋەتىدە بولسا، ئاتاتۈركنىڭ نەرسە - كېرەكلىرى، ياتىقى، ئاتاتۈرك ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ موم ھەيكەللىرى بار. مۇزېيغا يېقىن ئاتاتۈرك باغچىسىدىكى «شەرەپ ئابىدىسى» سامسۇننىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ. ئاۋستىرىيەلىك ھەيكەلتىراش خېنىرىچ كىرىپپېل لايىھەلىگەن بۇ ئابىدە، مۇستەقىللىق ئۇرۇشى باشلانغان پەيتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئەمدى سىلەرنى باندىرما دېڭىز ساھىلىغا ئېلىپ بېرىپ، باندىرما پاراخوت مۇزېيى ۋە مىللىي مۇجادەلە ئوچۇق ھاۋا مۇزېيىنى كۆرسىتىمەن. بىر مىللەتنىڭ قايتا تۇغۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان بۇ <پىشقەدەم> پاراخوتنى تۈركىيە ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ناھايىتى قىزىقىش ئىچىدە زىيارەت قىلىدۇ. بۇ كونا پاراخوت ئاتاتۈرك ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى قارا دېڭىزنىڭ شىددەتلىك دولقۇنلىرىغا قارىماي، ئىستانبۇلدىن سامسونغا ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئورۇندىغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل پوچتا مۇلازىمەتلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، خىزمەتتىن توختىتىلىدۇ. سىلەر كۆرۈۋاتقان بۇ پاراخوت  ياكى مۇزېي، باندىرما پاراخوتىنىڭ رەسىملىرىگە ئاساسەن، ئوخشاش چوڭلۇقتا قايتا ياسالغان نۇسخىسى. قېنى ھەممىمىز بىرلىكتە پاراخوتقا چىقىپ، مۇزېينى زىيارەت قىلايلى. سىلەر بۇنىڭدىن بۇرۇن تارىخنىڭ يۆنىلىنىش ئۆزگەرتىشىگە شاھىت بولغان بىرەر پاراخوتقا چىقىپ باققانمىدىڭلار؟!

پاراخوت مۇزېيىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، نۆۋەت مۇزېينىڭ ئوچۇق ھاۋا قىسمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا كەلدى. مىللىي مۇجادەلە ئۈستى ئوچۇق مۇزېيىنىڭ كۆلىمى چوڭ بولۇپ، بۇ يەردە تۈرك مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىللىرىدىكى تىللاردا داستان كۈرەشلىرى تەسۋىرلەنگەن تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ساپال بۇيۇم رەسىملىرى ساھەسى بار.

1919 - يىلى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تۈرك مىللىتىگە نىسبەتەن تارىخنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگەرگەن كۈن،  ئۇنىڭغا شاھىت بولغان جاي بولسا، سامسۇندۇر. بۈگۈن سىلەرگە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىم تارىخلىرىنىڭ بىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ھالدا سامسوننى ئايلىنىپ چىقتۇق. ئەلۋەتتە، سامسۇن بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. كېلەر ھەپتە مۇشۇ يەر ۋە دەل مۇشۇ ۋاقىتتا «سەيياھ»ىمىزغا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ بىر – بىرىدىن ھەيران قالارلىق تەبىئىي مەنزىرىلىرىنى كۆرۈشنى باشلايمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر