زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى (37)

1989725
زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

 (دوكتور مەھمەت ئۇچار)

زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرى قورساق ئاغرىش، چوڭ تەرەت قالايمىقانلىشىش، قورساق كۆپۈش ، ئىچ سۈرۈش ياكى قەۋزىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 مەخسۇس دىيەت تۇتۇڭ

توغرا دىيەت تۇتقاندا زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكى ئالامەتلىرىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىپ، سالامەتلىكىڭىزنى ياخشىلىيالايسىز.

زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكىنى تەبىئىي داۋالاشنىڭ بىرىنچى قەدىمى، زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكى ئالامەتلىرىنى قوزغايدىغان يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىشتۇر.  تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە، % 70 كىشىنىڭ بەزى يېمەكلىكلەر سەۋەبىدىن زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدىغانلىقى ۋە ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. بۇ يېمەكلىكلەر تۆۋەندىكىچە:

• پىياز، سامساق، بروككولى، گۈل كەرەم، كاللەكبەسەي قاتارلىق بىر قىسىم كۆكتاتلار،

• يېسسىمۇق، نوقۇت قاتارلىق قۇرۇق پۇرچاق تۈرىدىكىلەر،

• نان، ماكارنا، پىززا ، تورت قاتارلىق تەركىبىدە ئون تىلىپى بار يېمەكلىكلەر،

• كالا سۈتى، پىشلاق، قېتىق، ماروژنى قاتارلىق تەركىبىدە سۈت قەنتى بار يېمەكلىكلەر،

قەھۋە، ھاراق ۋە كاربونلانغان ئىچىملىكلەر،

• قەنتلىك، مايلىق ۋە دورا-دەرمانلىق يېمەك - ئىچىملىكلەر،

• سوربىتول ۋە تەركىبىدە سوربىتول بار تاتلىقلاشتۇرغۇچى مەھسۇلاتلار،

• تەركىبىدە ئىنسۇلىن قاتارلىق قوشۇمچە تالا بولغان ئۇزۇقلۇقلار ۋە مەھسۇلاتلار،

• بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كۈنىگە 3 قاچىدىن ئارتۇق مېۋە – چېۋە  ئىستېمال قىلىشمۇ زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

 

ئارىلاپ روزا تۇتۇڭ

ئارىلاپ-ئارىلاپ روزا تۇتۇش ۋاقىتنى ئاساس قىلىدىغان مودا دىيەت تۇتۇش ئۇسۇلىدۇر. بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈنگىچە (ياكى ھەر كۈنى)  ئادەتتە بىر قېتىمدا 14-20 سائەت بويىچە كالورىيە مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى چەكلەش مەقسەت قىلىنىدۇ.

كالورىيە مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى چەكلەش ئىنسانلاردا قان بېسىم ۋە ئىنسۇلىن سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

ئارىلاپ-ئارىلاپ روزا تۇتۇش زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكىنى تەبىئىي داۋالاش  ئۈچۈن ياخشى چارە بولالايدۇ.

 

چېنىقىش

دائىملىق بەدەن چېنىقتۇرۇش بەدەن كۈچى ۋە يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدۇ. بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، چېنىقىپ بەرگەندە زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكى ئالامەتلىرى ئازىيىدىكەن.

زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن بىرى يوگادۇر. دەرۋەقە، يوگا ھەم زېھنىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش ھەم بەدەن چېنىقتۇرۇش  پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

 

كۈندىلىك ھاياتىڭىزدىكى بېسىمنى ئازايتىڭ

سوزۇلما خاراكتېرلىك بېسىم كورتىزول ھورمۇنىنى ئاشۇرۇپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكىنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن  بېسىم ۋە تەشۋىشنى باشقۇرۇشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم.

زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنەسى بېسىم بولغان بىر خىل سەزگۈرلۈك كېسەللىكىدۇر. شۇ ۋەجىدىن، زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكىنى داۋالاشتا دىققەتنى بېسىم ۋە بېسىمنىڭ ئەكس تەسىرلىرىنى باشقۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. بېسىم خاراكتېرلىك تۇرمۇش ھادىسىلىرى زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ % 30 ىدە قورساق ئاغرىقى ۋە قورساق كۆپۈشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بېسىمنى ئازايتىش ئۈچۈن خىيال سۈرۈش ئۇسۇلىنى سىناپ بېقىڭ. يوگامۇ بېسىمڭىزنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى چېنىقىش پائالىيىتىدۇر. بەدەن بوشىتىش ئۇسۇللىرى ۋە تۆۋەن بېسىملىق تۇرمۇش ئۇسۇلى زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكىنى يېنىكلىتىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

 

يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئۇسۇلىنى سىناپ بېقىڭ

يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم نۇقتىلارغا ئىنچىكە يىڭنىنى ھەر خىل چوڭقۇرلۇقتا سانجىپ داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. دەرۋەقە، يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكىنى كۆرۈنەرلىك كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

 

پىروبىيوتىك دورىلارنى ئىستېمال قىلىڭ

پىروبىيوتىك دورىلار ھەزىم قىلىش سىستېمىڭىزغا پايدىلىق جانلىق  مىكرو ئورگانىزملار (باكتېرىيەلەر) بولۇپ، ئۈچەي ساغلاملىقىڭىزنى قوللايدۇ ھەمدە زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكىنىڭ بەزى مۇھىم ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.

قېتىق، دوغاپ، كېفىر، تارھانا شورپىسى قاتارلىق ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەر پىروبىيوتىك يېمەكلىكلەرنىڭ ياخشى مەنبەسىدۇر.

ئۇزۇقلىنىش تىزىملىكىڭىزگە يېمەكلىكلەردىن باشقا پىروبىيوتىك دورىلارنىمۇ ئىلاۋە قىلسىڭىز بولىدۇ. پىروبىيوتىك دورىلارنى قايتا ئىشلىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم دوختۇرىڭىزدىن مەسلىھەت سوراڭ.

 

پىروبىيوتىك دورىلار / تالا قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇڭ

پىروبىيوتىك دورىلار ئۈچەيلىرىڭىزدىكى ياخشى باكتېرىيەلەرنى ئۇزۇقلاندۇرىدىغان يېمەكلىك تالاسىدۇر. بۇ  ئۈچەي باكتېرىيەلىرىڭىزنىڭ ئۈچەي ھۈجەيرىلىرى ئۈچۈن ئوزۇقلۇق ھاسىل قىلىپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىڭىزنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىغا تۆھپە قوشىدۇ.

پىروبىيوتىك دورىلارنى نۇرغۇن مېۋە – چېۋە، كۆكتات ۋە دانلىق زىرائەتلەردىن تاپالايسىز. مەسىلەن:

• مەرۋايىتگۈل،

• بانان،

• ئارپا،

• پىياز،

• كاكائو،

• زىغىر ئۇرۇقى

• كاسىنە يىلتىزى،

• سويا،

• ئالما قاتارلىقلار.

 

زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكىنى كونترول قىلىشنىڭ يەنە بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى يېمەكلىك تالاسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كۈنىگە 20-35 گىرامغا يەتكۈزۈشتۇر.

ئېرىشچان تالا مول بولغان ېمەكلىكلەر تۆۋەندىكىچە:

• ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯧﻴﻘﺌﯜﺯﯛﻣﻰ،

• بىريۇسسېل مايسىسى،

• پېدىگەن،

• تاتلىق بەرەڭگە قاتارلىقلار.

 

ۋىتامىن D ئىستېمال قىلىڭ

ۋىتامىن D ھەزىم قىلىش سىستېمىڭىز ۋە ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ۋىتامىنلارنىڭ بىرى. زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ % 50 تىن كۆپرەكىدە ۋىتامىن D كەمچىل بولىدۇ.

ۋىتامىن D نى تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال قىلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى 15-30 مىنۇت ئاپتاپسىنىپ، تەركىبىدە ۋىتامىن D مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىڭ. دوختۇرنىڭ نازارىتىدە ۋىتامىن D تولۇقلىسىڭىز بولىدۇ.

ۋىتامىن D مول بولغان تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنىمۇ ئىستېمال قىلىڭ:

• سالمون بېلىقى،

• تۇننا بېلىقى كونسېرۋاسى،

• يەر مەدىكى،

• تۇخۇم سېرىقى،

• ساردىنا بېلىقى.

 

باشقا شىپالىق ئۆسۈملۈك دورىلىرى ۋە زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى ئۈچەي كېسەللىكى تولۇقلىمىسىدىن پايدىلىنىڭ

بىر نەچچە خىل شىپالىق ئۆسۈملۈك ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى ھەزىم قىلىش سىستېمىڭىزنى كۈچەيتىپ، ئۈچەي ساغلاملىقىڭىزنى ياخشىلايدۇ. مەسىلەن:

• پىننە

• ئالوي،

• جۇخارگۈلى،

• تاتلىق زەنجىۋىل،

• تەركىبىدە گلۇتاتىئون بار يېمەكلىكلەر،

• زەنجىۋىل (كۆڭۈل ئاينىش ئۈچۈن)

ئۈجمە يوپۇرمىقى چايلىرى،

• چۆل رەيھىنى قاتارلىقلار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر