كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئوردۇنىڭ ياسون بۇرنۇ رايونى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىدا، ئوردۇنىڭ ئالتۇن تېرە (پوست) رىۋايىتىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ياسون بۇرنۇ رايونىنى ساياھەت قىلىمىز...

1987859
كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئوردۇنىڭ ياسون بۇرنۇ رايونى

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئوردۇنىڭ ياسون بۇرنۇ رايونى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۈگۈن ئاسمان بۇلۇتلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ھاۋا كۈلرەڭ، دېڭىز بولسا، قارامتۇل قېنىق كۆك. شامال يوق... بۇ ئەھۋال، بوراننىڭ بېشارىتى. ھالبۇكى تۈنۈگۈن ھاۋا ئوچۇق ئىدى. شۇنداق، قارا دېڭىز ھاۋا رايى مۇشۇنداق  ھەيران قالارلىق دەرىجىدە تېز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان جاي! كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. قەدىمكى دەۋرلەردىمۇ قارا دېڭىز ھەمىشە تۇمانلىق، بوران – چاپقۇنلۇق ۋە دولقۇنلۇق بولۇپ، تۇيۇقسىز چىققان بوراندىن پاناھلىنىدىغان ئارال ۋە پورتلىرى يوق ئىدى. پاراخوت ياساش تېخنىكىسى دېگەندەك ئىلغار بولمىغاچقا، يۇنان ماتروسلىرى خېلى ئۇزۇن چاغلارغىچە قارا دېڭىزغا كېمە سېلىشقا جۈرئەت قىلالمىغانىدى. ناھايەت، بىر رىۋايەت ئۇلارنىڭ قارا دېڭىزغا كېمە سېلىشىغا تۈرتكە بولدى. «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، ئالتۇن تېرە رىۋايىتى يۈز بەرگەن جاينى، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئوردۇ شەھىرىنىڭ ياسون بۇرنۇ رايونىنى ساياھەت قىلىمىز. ئەنسىرەش بىھاجەت، ھاۋا رايى ياخشىلانغاندا يولغا چىقىمىز، ئۇ چاغقىچە ئالتۇن تېرە رىۋايىتىگە قۇلاق سېلىشقا قانداق قارايسىلەر؟!

*  *  *  *

قەدىمكى دەۋردە يۇنانلار ئەگە دېڭىزى ۋە ئاق دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى شەھەرلەردە مۇستەملىكە رايونلارنى قۇرىدۇ. ئۇلار قارا دېڭىزنىڭ جەنۇبىدا، باشقىچە ئېيتقاندا، كىلىماتى، تەبىئىي گۈزەللىكى ۋە مىنېرال ماددا زاپاسلىرى مول ئانادولۇنىڭ شىمالىدىمۇ ئولتۇراق رايونلارنى قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بۇ يەر ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۇلارنىڭ ئىشتىھاسىنى غىدىقلايدۇ. ئېغىزدىن  ئېغىزغا تارقالغان رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، قارا دېڭىز دەريالىرىدا ئالتۇن ئاقارمىش. يەنە كېلىپ، كۈچ ۋە بايلىقنىڭ سىمۋولى بولغان ئالتۇن تېرىمۇ بۇ رايوندىكى كولھىس دىيارىدىمىش. مانا بۇ ئىككى رىۋايەت، ئاق دېڭىزنىڭ تەجرىبىلىك ۋە قورقماس ماتروسلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانمىش.

شاھزادە ياسون (ئىئاسون) دادىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، تەختنى تارتىۋالغان تاغىسىدىن پادىشاھلىقىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولىدىكەن. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى، ياسوننىڭ يىراق دىياردىكى ئالتۇن تېرىنى قولغا كىرگۈزۈشىنى تەقەززا قىلىدىكەن. چۈنكى، بۇ پوستنىڭ سايىسىدا بايلىقمۇ، كۈچمۇ ئۇنىڭ ئىلكىگە ئۆتىدىكەن. شۇڭا ئۇ، قارا دېڭىزنىڭ شىددەتلىك ۋە غايەت زور دولقۇنلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، سېھىرلىك دۇب دەرىخىدىن «ئارگو» ناملىق بىر پاراخوت ياسىتىپ، سەپەرگە ئاتلىنىدىكەن. ياسون توپلىغان قورقماس ۋە تەجرىبىلىك ماتروسلار «ئارگونوت» دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ ماتروسلارنىڭ ئىچىدە كۈچ ئىلاھى ھېراكلېسمۇ بار ئىكەن. ياسوننىڭ رەھبەرلىكىدە ئارگوناتلار يولغا چىقىدىكەن. رىۋايەتنىڭ داۋامىدا، ياسون ئېغىزىدىن ئوت چىقىرىدىغان بۇقىلار، ئەجدىھالار، قانات پەيلىرىنى ئوقياغا ئوخشاش ئاتىدىغان قۇشلار بىلەن ئېلىشىپ يۈرۈپ، ئاخىرى ئالتۇن تېرىنى قولغا چۈشۈرىدىكەن.

كولھىس دەپ ئاتىلىدىغان رايوندا تۆمۈر، كۈمۈش ۋە ئالتۇن زاپاسلىرى مولمىش. يەرلىك ئاھالە تاغلاردىن ئېقىپ كەلگەن دەريالاردىكى ئالتۇن زەررىچىلىرىنى قوي تېرىسىدىن پايدىلىنىپ توپلارمىش. ئالتۇن زەررىچىلەر تېرىدىكى يۇڭلارغا چاپلاشقانلىقتىن، ئۇلارنى يىغىۋېلىش ئاسانمىش. قەدىمكى دەۋرنىڭ داڭلىق جۇغراپىيەشۇناسى سترابو، ئالتۇن تېرە رىۋايىتىگە مانا مۇشۇنداق چۈشەنچە بېرىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، سترابو گەرچە ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەر بىلەن بېزەلگەن بولسىمۇ، ئالتۇن تېرە رىۋايىتىنىڭ راست بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دەۋرىمىز ئارخېئولوگلىرى ئىچىدىمۇ بۇ قاراشنى ياقلايدىغانلار؛ يۇنانلارنىڭ  قارا دېڭىزغا قىلغان سەپەرلىرىنىڭ ھەقىقىي سودا ئېكىسپېدىتسىيەسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلارمۇ بار.

بۇ ئېكسپېدىتسىيەلەر جەريانىدا، ئارگوناتلار نۇرغۇن جايلارغا لەڭگەر تاشلاپ، ئالتۇن تېرىنى ئىزدەش ئۈچۈن قۇرۇقلۇققا چىققان دەپ قارىلىدۇ. بىز بۈگۈن بارىدىغانلىقىمىزنى دېگەن ياسون بۇرنۇمۇ ئەنە شۇنداق جايلارنىڭ بىرى. ھازىر ھاۋارايى ياخشىلاندى، شۇڭا ئوردۇنىڭ ياسون بۇرنۇغا قاراپ يولغا چىقساق بولىدۇ. ياسون بۇرنۇنىڭ ئىسمى كاپىتان ياسوننىڭ ئىسمىغا ئاساسەن قويۇلغان دەپ قارىلىدۇ. تەبىئىي گۈزەللىكى، رىۋايىتى ۋە ئارخولوگىيەلىك قىممەت قارىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان ياسون بۇرنۇ، بۈگۈنكى كۈندە قوغدىلىدىغان جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. قىرغاققا يېقىنلاشقىنىمىزدا كۆرۈنگەن ئاۋۇ قۇرۇلمىلار ماياك ۋە ياسون بۇرنۇ چېركاۋى. ماياك ياسون بۇرنۇنىڭ دېڭىزغا سوزۇلغان يېرىگە جايلاشقان. كېمىمىز «سەيياھ»تىن چۈشۈشتىن بۇرۇن، بۇ ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتىۋېلىڭلار. چۈنكى ئۇ دېڭىزدىكى چاغدا ئۆزگىچە گۈزەل كۆرۈنىدۇ! ئەمدى كېمىدىن چۈشۈپ قىرغاققا چىقايلى. كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن مەن سىلەرنىڭ سىلەرنى ھەيرانلىققا چۈمدۈرىدىغان دېڭىز ساھىلىنى يېقىندىن كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداق، خاتالاشمىدىڭلار، دېڭىز ساھىلىدىكى سىلەر كۆرۈۋاتقان نەرسە قۇم ياكى شېغىل تاشلار ئەمەس، بەلكى دېڭىز قۇلۇلىسى قاپلىرىدىن ھاسىل بولغان مەنزىرە. چۈنكى، قارا دېڭىزنىڭ شىددەتلىك دولقۇنلىرى مىليونلىغان دېڭىز قۇلۇلىسى قېپىنى ماياك جايلاشقان قىرغاققا ئېلىپ كەلگەن. ھەر بىرى تەبىئەتنىڭ مۇكەممەللىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دېڭىز قۇلۇلىسى قاپلىرىدىن ئايرىلىپ، قىرغاق بويىدىكى باشقا قۇرۇلۇشنىڭ — ياسون چېركاۋىنىڭ يېنىغا بارايلى. بۇ رايوندا ياشايدىغان رۇم ۋە گىرۇزىيەلىكلەر ياسون چېركاۋىنى ناھايىتى ئاددىي شەكىلدە كەسمە تاشلاردىن ياسىغان بولۇپ، ئىچىدە ھېچقانداق بېزەك ياكى تام رەسىملىرى يوق.

ئاپېلسىن، ھالرەڭ ۋە قىزىل رەڭلەر ئاسماننى قاپلىغان بىر پەيتتە، قۇياش دېڭىزدا غايىب بولىدۇ. نېمىدېگەن گۈزەل مەنزىرە-ھە؟! ياسون بۇرنۇدا قۇياش دېڭىزدىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا پاتىدۇ! شۇڭلاشقا يەرلىك ئاھالە بۇ يەرنى «قۇياش سۇ ئۈزىدىغان جاي» دەپ ئاتايدۇ. باشقا گۈزەل جايلاردا ئۇچرىشىش ئۈچۈن، «سەيياھ»تىكى ئورنىمىزنى ئېلىپ، يولغا چىقىشنىڭ پەيتى كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر