سۈنئىي ئىدراكنىڭ ب پىلانى: ئىنسانسىما روبوتلار
كۆزنەك - 35
سۈنئىي ئىدراكنىڭ ب پىلانى: ئىنسانسىما روبوتلار
سۈنئىي ئىدراكنىڭ ب پىلانى: ئىنسانسىما روبوتلار
كۆزنەك - 35
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىن، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى سىتۇدىيولىرىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام! «كۆزنەك»كە خۇش كەلدىڭلار! «كۆزنەك» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «سۈنئىي ئىدراكنىڭ ب پىلانى: ئىنسانسىما روبوتلار» ھەققىدە توختىلىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار پىروگراممىمىزدا بولسۇن!
******* ****** ****** *******
سۈنئىي ئىدراكنىڭ بىزنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغان قىسمى ئەلۋەتتە ئىنسانسىما روبوتلاردۇر، ئەمما ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك سەۋىيىدە ئەمەس، شۇنداقتىمۇ كىشىلەر ب پىلانىنى يولغا قويدى. شۇڭا بىز بۇ ھەپتە ئۆزەك تېخنىكىسى ساھەسىدىكى خىزمەتلەر، ئۇنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە يوشۇرۇن خەۋىپى ھەققىدە توختىلىمىز.
تۇرمۇش ساھەمىزدىكى ھەممە نەرسە يېقىنقى 15-20 يىلدا سۈنئىي ئىدراكتىن نەسىۋىسىنى ئالدى. ئەمدى نۆۋەت تېخىمۇ چوڭ بىر قەدەم بولغان، ئىنسان مېڭىسى بىلەن سۈنئىي ئىدراكنى بىرلەشتۈرۈشكە كەلدى. ئېلون ماسكنىڭ ئىنسان مېڭىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان شىركىتى «Nueuralink» بۇ ھەقتە ئەڭ كۆرۈنەرلىك قەدەمنى تاشلىدى.
بۇ شىركەت 2020-يىلىنىڭ دەسلەپكى ھەپتىلىرىدە چوڭ مېڭە بىلەن كومپيۇتېر ئوتتۇرىسىدا ئالاقە ئورنىتالايدىغان بىر مىكرو ئۆزەكنىڭ مايمۇنلاردا سىناق قىلىنغانلىقىنى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سىناقتا چوڭ مېڭىگە ئۇلانغان ۋە چاچنىڭ تۆتتىن بىر كەڭلىكىگە ئىگە 4 ئېلېتىرود يىپ بىلەن ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق بىر ئۆزەك ئىشلىتىلدى.
ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا بولسا، ئاڭلاش ئەسۋابىغا ئوخشاش قۇلاقنىڭ كەينىگە تاقىلىدىغان ئۆزەكنىڭ ئورنىدا تەڭگە چوڭلۇقىدىكى بىۋاستە ئىنسان مېڭىسىگە ئۇلىنىدىغان ئۈزەكنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. تۇنجى سىناقلار توڭگۇزلاردا ئېلىپ بېرىلدى.
ئىنساننىڭ باش سۆڭىكىگە روبوت قولى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بۇ ئۆزەك، ئېلېكترود يىپلار بىلەن مېڭىدىكى مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلارغا ئۇلىنىدۇ. سىرتتىن ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدۇ.
ئەمما بۇ ئۆزەكنىڭ سودا مەھسۇلاتىغا ئايلىنىشىغا خېلى ۋاقىت باردەك قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئالدى بىلەن ئىنسانلار ئۈستىدە سىناقلىرىنى تاماملىشى، ئاندىن ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى لازىم.
ئۇنداقتا بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسى زادى نېمە ئۈچۈن؟
ئۆزەك تېخنىكىسى ساھەسىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى نىشانى ئالزىمېر ۋە پاركىنسون قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر، ئەمما ئىشلىتىلىدىغان يەرلىرى بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، ئەلۋەتتە.
يېمەكلىك زاكاز قىلىش ئۈچۈن تېلېفونىڭىز ياكى كومپيۇتېرىڭىز لازىممۇ؟ ئەمدى ئۇنىڭغا كېرەك قالمايدۇ.
كومپيۇتېر ئويۇنى ئويناشنى خالايدىغان بولسىڭىز كونترول سۇپىڭىزنى ۋە تىزگىنەكلىرىڭىزنى ئەخلەتكە چۆرىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىلخەت يېزىش ئۈچۈن ھەتتا كۇنۇپكا تاختىسىغىمۇ ئېھتىياج يوق.
ئېلون ماسكنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، مېڭىمىزگە ئۇلىنىدىغان ئەقلىي بىلەيزۈككە ئوخشاش ئۆزەك بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ.
ئۇنداقتا كىشىلەرگە ياردەم قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانغا ئايلاندۇرىدىغان بۇ تېخنىكا شۇنچە مەسۇم، گۇناھسىز تېخنىكا پىتى قالامدۇ؟
تېخنىكا يازغۇچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ جاۋابى <ياق!>. بۇ راھەت - پاراغەتنىڭ ئېغىر بەدەللىرى بولىدۇ. ئىنسان مېڭىسىنى خاككېرلىق بىلەن كونتىرول قىلىش خەۋىپى مەيدانغا كېلىدۇ.
ئورنىتىلغان ئۆزەك چوڭ مېڭە بىلەن كومپيۇتېر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇلىنىشنى بىلۇتۇت (كۆك چىش) ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرىدۇ. لېكىن بۇ ئەھۋال تور بىخەتەرلىك خەۋپىنى نۆلگە چۈشۈرمەيدۇ. چۈنكى ئۆزەكلەرنى قاچىلاش ۋە يېڭىلاش يانفۇن پروگراممىلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تور بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۆزەك ئىنسان مېڭىىسىنى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئوچۇق ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇ جىنايەت يانفونىڭىز ياكى بانكا ھېساباتىڭىزغا خاككېرلار ھۇجۇم قىلغاندىنمۇ چوڭ خەتەر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمى ئەسلىمە، مېڭە ماھارىتى ۋە خاتىرىلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ياكى قولغا چۈشۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بولىدۇ.
مەنبە: ت ر ت خەۋەر
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا كۆزنەك ناملىق پروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار.