كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى _ ترابزون (2)

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ يېڭى سانىدا ترابزوننى ساياھەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، قېنى ئۇنداقتا دىققتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

1977525
كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى _ ترابزون (2)

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى _ ترابزون (2)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق سەھىپىمىزگە خۇش كەپسىلەر. بىز قارادېڭىز رايونىنى — سامسوندىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ شەھەر ترابزوننى سەيلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. سۆزىنى ئۇنتۇپ قالدىمىكىن، دەپ ئويلاپ قالماڭلار، ئۆتكەن ھەپتە مۇمكىن بولمىدى، ئەمما بۈگۈن سىلەرنى ترابزوننىڭ تارىخىي بەدەستانىنى ساياھەت قىلدۇرۇپ، قەھۋە بىلەن مېھمان قىلىمەن.

بەدەستەنلەر ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن بىر خىل قۇرۇلۇش شەكلى بولۇپ، گۈمبەزلىك ئۆگزىسى بىلەن تىك تۆت بۇلۇڭلۇق بىناكارلىق قۇرۇلمىسى ئۇلارنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. سىز ئىستانبۇلغا بېرىپ باقمىغان بولسىڭىزمۇ، چوقۇم كاپالى چارشى (ئۈستى يېپىق چاسا - بازار) ھەققىدە ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ بەدەستەنلەرمۇ  كاپالى چارشىلارغا ئوخشايدىغان جايلاردۇر. ئالدىڭلاردىكى بۇ بىنا ترابزون بەدەستەنى بولۇپ، شەھەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى سودا قۇرۇلمىسىدۇر. بۇ بازار قەدىمكى دەۋرلەردە قىممەتلىك بۇيۇملار سېتىلىدىغان جاي ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا، يەرلىك ساياھەت بۇيۇملىرىنى تاپقىلى بولىدىغان جاي. كېلىڭلار بەدەستەننىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە چىقايلى-دە، سىلەرگە بەرگەن ۋەدەمنى ئورۇندىۋالاي. مىس قەھۋە چەينىكىدە تۆۋەن ئوتتا ئۇزۇن دەملەنگەن كۆپۈكلۈك تۈرك قەھۋەسىنى شېكەرسىز، ئوتتۇرا ھال شېكەرلىك ياكى شېكەرلىك ئىچەمسىلەر؟ قەھۋە بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيەگە خاس تاتلىق - تۈرۈملەردىن لوقۇممۇ كەلتۈرۈلىدۇ.

*  *  *  *

قەھۋەلىرىمىزنى ئىچىپ بولغانىكەنمىز، ترابزون ساياھىتىمىزنى گۈلباھار خاتون جامەسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش بىلەن باشلايلى. بۇ جامەنى ئوسمانلى سۇلتانى ياۋۇز سۇلتان سەلىم ئانىسىغا بېغىشلاپ سالدۇرغانغان بولۇپ، ئەينى چاغدا نامراتلارغا ۋە مەدرىسلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا تاماق تارقىتىدىغان خەير- ساخاۋەت ئورنى سۈپىتىدە بىر ئىمارەتخانە، ئۆز دەۋرىنىڭ تەلىم – تەربىيە ئورگىنى بولغان مەدرىسە، مەقبەرە ۋە مۇنچا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە لايىھەلەنگەنىكەن. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ پەقەت جامە ۋە مەقبەرە قىسمىلا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ ترابزوننىڭ ھازىرمۇ ئاكتىپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەڭ قەدىمكى چېركاۋى ‒ سانتا مارىيا. ئۇنى ئوسمانلى پادىشاھلىرىدىن سۇلتان ئابدۇلمەجىد چەت ئەللىكلەر ئۈچۈن سالدۇرغانىكەن. بۇ يەردىن ئالدىمىزدا كۆرۈنۈپ تۇرغان تار ۋە ئېگىز يولغا قاراپ ماڭساق، ترابزوننىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان يەنە بىر بىنا  —  قىزلار موناستىرى ئالدىمىزغا چىقىدۇ.  بۇ موناستىرنىڭ «خۇدا قوغدايدىغان جاي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان يەنە بىر ئىسمىمۇ بار. بۇ مۇھاپىزەت تاملىرىنىڭ ئىچىدىكى قوغدىلىدىغان ئورۇن. ناھايىتى كەڭ جايغا سېلىنغان ئۆزگىچە بىناكارلىق ئۇسلۇبىغا ئىگە قىزلار موناستىرىنىڭ كايا چېركاۋى ۋە قوڭغۇراق مۇنارى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. موناستىر چېركاۋىنىڭ تاملىرىدا ھەزرىتى ئىسانىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن كەم ئۇچرايدىغان تام رەسىملىرى بار.

خىرىستىيان دىنىدا موناستىرلار ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. ئەمما ترابزوندىكى سۈمەلا موناستىرىنىڭ ئورنى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ! بۇ يەر خىرىستىيان دىنىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. بۇ موناستىردا مۆجىزە كۆرسەتكەن دەپ ئېتىقاد قىلىنىدىغان بىر سىنبەلگە بولغاچقا، مۇقەددەس دەپ قارىلىدۇ. «قارا مادوننا» دەپمۇ ئاتىلىدىغان ھەزىرىتى مەريەم سىنبەلگىسىگە كېسەللەرنى ساقايتىدۇ، ئاچارچىلىق ۋە ھەر خىل ئاۋارىچىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىناتتى. رىم- پىراۋوسلاۋىيە موناستىرى — سۈمەلا، راھىبلارنى تەربىيەلەش مەكتىپى بولغاچقا، رايوندىكى ئەڭ مۇھىم موناستىر دەپ قارىلاتتى. بۈگۈنكى كۈندە دېڭىز يۈزىدىن 1150 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تىك قىيالىقلارغا ئويۇپ ياسالغان سۈمەلا موناستىرى كۆرگۈچىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. كېلىڭلار ھەممىمىز بىرلىكتە ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى - يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇۋەققەت تىزىملىكىدىكى بۇ ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشنى كۆرۈپ چىقايلى. بۇنىڭ كىشىنى بىر ئاز تەرلىتىدىغان مۇشەققەتلىك زىيارەت بولىدىغانلىقىنى چوقۇم ئالدىن ئېيتىپ قوياي. چۈنكى بىز 300 مېتىرلىق ئۇزۇنلۇقتىكى بىر پەلەمپەيدىن چىقىمىز. قېنى دەرھال پەلەمپەيدىن چىقىشنى باشلايلى.

بىر ئاز مۇشەققەت چەككەن بولساقمۇ ناھايەت پەلەمپەيلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، موناستىرنىڭ ھويلىسىغا چىقىۋالدۇق. موناستىرنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە ھەيۋىتى بۇ يەردىن تېخىمۇ ياخشى نامايان بولىدۇ. سۈمەلا موناستىرى ئۆڭكۈرگە ئويۇپ ياسالغان چېركاۋ، قاراۋۇلخانا، راھىب ۋە ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرى، مېھمانخانا ۋە كۇتۇپخانىدىن ئىبارەت 72 ياتاقتىن تەركىب تاپىدۇ. موناستىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر بۇلاق بار. بۇ بۇلاقنىڭ سۈيى ئەسىرلەردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ئاقماقتا. ئېتىقادچىلىرى بۇلاق سۈيىنى شىپالىق مۇقەددەس سۇ دەپ قارايدۇ.

سۈمەلا موناستىرىنىڭ بىناكارلىقىغا ئوخشاشلا تام رەسىملىرىمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ رەسىملەر ئاز ساندىكى كىشىلەر ئوقۇش – يېزىشنى بىلىدىغان بىر دەۋردە، ئاممىغا ئىنجىلنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن سىزىلغانىدى. موناستىر ۋە ئۇنىڭغا قوشنا چېركاۋنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تاملىرى تام رەسىملىرى بىلەن قاپلانغان بولۇپ، بۇ رەڭدار رەسىملەردە، دۇنيانىڭ يارىتىلىشى، ئىنجىلدىكى كۆرۈنۈشلەر، بەزى مۆجىزىلەر، ھەزرىتى مەريەم ۋە ئىسا  ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىغا دائىر بەزى ئىشلار تەسۋىرلەنگەن. ۋاقىت ئۇلارنى خورىتىۋەتكەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان قىسمى، ئۇنىڭ بىر چاغلاردا قانچىلىك كۆركەم بىر جاي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

*  *  *  *

ۋاقتىمىز توشتى، ئەمما ترابزوندىكى زىيارەت قىلىدىغان جايلار ئاخىرلاشمىدى. يېڭى بىر يۆنىلىشتە، يەنە بىر قىرغاق شەھىرىدە كۆرۈشكىچە ئامان قېلىڭلار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر