سۈنئىي ئىدراكنىڭ نىشانىدا تەپەككۇر ۋە ھېسسىياتنى كونترول قىلىشمۇ بار

كۆزنەك - 33

1972914
سۈنئىي ئىدراكنىڭ نىشانىدا تەپەككۇر ۋە ھېسسىياتنى كونترول قىلىشمۇ بار

سۈنئىي ئىدراكنىڭ نىشانىدا تەپەككۇر ۋە ھېسسىياتنى كونترول قىلىشمۇ بار

سۈنئىي ئىدراكنىڭ نىشانىدا تەپەككۇر ۋە ھېسسىياتنى كونترول قىلىشمۇ بار

كۆزنەك - 33

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىن، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى سىتۇدىيولىرىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام! «كۆزنەك»كە خۇش كەلدىڭلار! «كۆزنەك» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، سۈنئىي ئىدراكنىڭ نىشانىدا تەپەككۇر ۋە ھېسسىياتنى كونترول قىلىشمۇ بارلىقى ھەققىدە توختىلىمىز.

***** ****** ***** *****

سۈنئىي ئىدراك تېخنىكا دۇنياسىدىكى تەرەققىياتتا ئەڭ ھالقىلىق ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ساھەنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئاخىرقى نىشانى ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي تەپەككۇرى ۋە ياكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى بايقاش ھەمدە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىشتۇر.

تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، قەدەممۇ-قەدەم نازارەت قىلىنىشقا ئادەتلەندۇق. بىزنىڭ ئەڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىمىزنىڭ سانلىق ئۇچۇر ئامبىرىدا ساقلىنىپ قىلىشىمۇ ئادەتتىكىچە تۇيىلىدىغان بولدى. بىزگە قالغىنى پەقەت ئوي تەپەككۈۇىمىز ۋە ھېس- تۇيغۇلىرىمىز ئىدى، ئەمما ئەمدىلىكتە ئۇلارمۇ بىخەتەر ئەمەس. چۈنكى ئەمدىكى نىشان ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بايقاشتۇر.

ئۇنداقتا سۈنئىي ئىدراك بۇنى قانداق قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ؟

بەدەن تىلى، يۈز مۇسكۇلى، كۆز ھەرىكىتى، ئاۋاز تىترىشى ھەتتا ھورموننىڭ ئاجرىلىشى... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىنى سۈنئىي ئىدراك ساھەسىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شىركەتلەر مىكرو تەپسىلاتلارغىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوي - تەپەككۇر ۋە ھېس - تۇيغۇلارنى مۆلچەرلىيەلەيدىغان بولۇشقا تىرىشماقتا.

پېشقەدەم ئىلمىي تەتقىقاتچى ئەلكە دەمىر سۈنئىي ئىدراكنىڭ ھېسسىياتنى يېشىش ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ، ھېسسىياتنى چۈشىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئوخشىمىغان تېخنىكىلارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئومۇملاشقىنى «يۈز ھەرىكىتى بىرلىكى» تېخنىكىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھېسسىيات ئانالىزىدا قوللىنىلغان يەنە بىر خىل ئۇسۇل، <چوڭقۇر تور> دەپ نام بېرىلگەن ماشىنا ئۆگىنىشى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. <چوڭقۇر تور> لاردا خۇشاللىق، غەزەپ، قايغۇ، قورقۇنچ قاتارلىق ھېسسىياتلارنىڭ رەسىملىرى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ رەسىملەرگە بەلگە قويۇلىدۇ. ھىچبىر ئىنساننىڭ تەسىرىسىز بۇ رەسىملەر <چوڭقۇر تور> غا يوللىنىدۇ ۋە ماشىنا ئۆگىنىشى ئارقىلىق <چوڭقۇر تور> ئۇنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. بۇ چوڭقۇر سۈنئىي تورلار رەسىملەر ئارقىلىق ھېسسىياتلارنىڭ باغلىنىشىنى تەكشۈرۈپ ھېسسىياتلارنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ.

بۇ سىستېمىنىڭ كەلگۈسىدىكى خەتىرى

بۇ سىستېمىلار ھازىر بىر قىسىم تەتقىقات شىركەتلىرى ۋە خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ ئەمگەك كۈچى بۆلۈمى تەرىپىدىن ئىشلىتىلمەكتە. خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا، مۇۋاپىق خىزمەتچىنى تېپىش، ھەقىقەتنى ئاشكارىلاش ياكى جىنايەتچىلەرنى پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق جەمئىيەتكە نەپ يەتكۈزىدىغان نىشانلار تىلغا ئېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردە چوڭ بىر سوئال بەلگىسى بار.

ئەڭ دەسلەپ ئىنساننىڭ ئەقلىگە كېلىدىغان مۇمكىنچىلىك قورقۇنچلۇق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھېسسىياتلارغا يېتىپ بارغان سىستېما سىزنى بىر مەھسۇلاتنى ياكى مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىشقا ئاسانلا قايىل قىلالايدۇ. ھېسسىيات ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتىن تېخىمۇ ئاسان كونترول قىلغىلى بولىدۇ. سىستېمىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نىشانىدىكى خەلق توپى ياكى دۆلەتلەردە چوڭ ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى چىقىرىش تېخىمۇ ئاسانغا توختايدۇ. ھېس - تۇيغۇ ياكى ئوي - تەپەككۇر خاتا ئانالىز قىلىنىشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن.

يېڭى پىسخولوگلىرىمىز سۈنئىي ئىدراك بولامدۇ؟

سۈنئىي ئىدراك بىزنىڭ ھېسسىياتلىرىمىزنى بايقاشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى ئوڭشايدىغان، يەنى بىزنىڭ يېڭى پىسخولوگىمىزغا ئايلىنىش نامزاتىدۇر.

پىسخولوگىيە ۋە بىئولوگىيىلىك تەتقىقات ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، دىجىتال فونوتىپلاش سىستېمىسى ئارقىلىق بىمارلارنى تەكشۈرۈشنى باشلاپ بولدى. بۇ تەتقىقاتتا، يانفون قاتارلىق خۇسۇسىي ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىمىز ۋە بەتلەرنى ئۆرۈش سۈرئىتىمىز قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى چۈشكۈنلۈككە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئىنسانلارنىڭ زېھنىگە ئالاقىدار سىرلارنىڭمۇ سۈنئىي ئىدراك ئارقىلىق بايقىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئەمما، ئاقىۋەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى كەلگۈسىدە نامايەن بولغۇسى.

مەنبە: ت ر ت خەۋەر

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر