كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى _ رىزە (2)

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ يېڭى سانىدا رىزەنى ساياھەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، قېنى ئۇنداقتا دىققتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

1970863
كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى _ رىزە (2)

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى _ رىزە (2)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «سەيياھ» ناملىق كېمىمىز پورتتا لەڭگەرلەنگەن پېتى تۇرۇپ تۇرسۇن، بىز رىزەدىكى ساياھىتىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى. چۈنكى كىشىنىڭ بىر – بىرىدىن يېشىل ۋە بىر – بىرىدىن گۈزەل ئاجايىپ سېھرىي كۈچكە ئىگە يايلاقلار، تۆپىلىكلەرنى كۆرمەي تۇرۇپ رىزەدىن ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ. بۇلۇتلارغا تاقىشىپ تۇرىدىغان بۇ تۆپىلىكلەرگە يامىشىش بىر ئاز مۇشەققەتلىك بولىدۇ؛ بىزنى ئۆتكۈر ئەگمىلەر، تار توپا يوللار كۈتمەكتە. لېكىن، ئەنسىرەش بىھاجەت. چۈنكى بىزگە بۇ رايونلارنى ئوبدان بىلىدىغان بىر ئادەم ھەمراھ بولىدۇ. ئەگەر پىروگراممىمىزنى ئاڭلىغۇچىلار ئىچىدە بۇ تۆپىلىكلەرنى كۆرۈشنى خالايدىغانلار بولسا، چوقۇم بىر ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئۇندىن باشقا، ئىككى مىڭ مېتىردىن ئېگىز بىر چوققىغا چىقىدىغانلىقىمىزنى ئەستەپ تۇتۇپ، يېنىڭلارغا قېلىن، ھەتتا قىشلىق كىيىملىرىڭلارنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.

بۈگۈن ساياھىتىمىز جەريانىدا سىلەرنى ھەيران قالدۇرىمەن؛ سىلەرگە پەقەت ئېگىز تۆپىلىكلەرنىلا ئەمەس، بۇلۇت دېڭىزىنىمۇ سەيلە قىلدۇرىمەن. «بۇلۇت دېڭىزى دېگەن نېمە؟» دەپ سوراۋاتقانلىقىڭلارنى ئاڭلىغاندەك قىلىۋاتىمەن. مەن بۇلارنى سۆزلەپ ئولتۇرماي، ياخشىسى ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈڭلار. ئەگەر ھەممە تەييار بولسا، رىزە تۆپىلىكلىرى، يايلاقلىرىغا قاراپ يولغا چىقايلى!

*  *  *  *

بىز يايلاقلارغا — تۆپىلىكلەرگە ھۇزۇر ۋە سۈكۈناتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش، تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن زوقلىنىش ئۈچۈن چىقىمىز. ئەمما، قارا دېڭىز رايونىدا بىر يايلاق مەدەنىيىتى ۋە يايلاق ھاياتى بار. يەرلىك ئاھالە ئىيۇندىن سېنتەبىرگىچە بولغان ئۈچ ئاي ۋاقتىنى يايلاقلار، تۆپىلىكلەردە ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ يەرلەردە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. شەھەر ئاھالىسى پائالىيەتلەردە ئەڭ ئېسىل كىيىملىرىنى كىيىپ، كەمەنچە قاتارلىق چالغۇلىرىنى چېلىپ، قارا دېڭىز رايونىنىڭ ئۆزگىچە خەلق ئۇسسۇلى — خورۇن ئوينايدۇ. يايلاق پائالىيەتلىرى ناھايىتى رەڭدار، ئىنتايىن قىزىقارلىق بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. سىلەرنىڭ بۇ قىزغىن پائالىيەتلەرگە شاھىت بولۇشۇڭلارنى، يەرلىك ئاھالە ۋە يايلاق تۇرمۇشى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلغانلىقىم ئۈچۈن، ساياھىتىمىزنى پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقتىغا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇردۇم.

رىزەنىڭ ھەممە يېرى دېگۈدەك تاغلىق بولۇپ، تۈز — تەكشى يەرلەرنى كۆرۈش ناھايىتى تەس. ئەمدى بىز ئاستا ۋە ئېھتىياتچان قەدەملەر بىلەن كاچكار تۆپىلىكىگە چىقىشنى باشلايمىز، بۇ جەرياندا كەنتلەرنى كېسىپ ئۆتىمىز. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، بۇ كەنتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە قونۇپ قېلىش ئىمكانىيىتى بار. بەزى كەنت ئاھالىلىرى تۆپىلىككە چىقىدىغانلارغا ئۆيلىرىنى ئاچىدۇ. بۇ ئۆيلەردە تۇرۇشنى خالىمايدىغانلار ئۈچۈن، مەخسۇس ياتاقلارمۇ بار.

كەنتلەردىن ئۆتۈپ ئېگىزلىككە قاراپ ماڭغىنىڭلاردا، ئۆزۈڭلارنى خۇددى ئاسمانغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقاندەك ھېس قىلىسىلەر. ئەلۋەتتە بىز يولنىڭ ھەممىسىنى پىيادە ماڭمايمىز. بىر ئازدىن كېيىن يەر شەكلىگە ماس بىر ماشىنا كېلىپ، بىزنى ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ كەلگۈچە سىلەر يىراقتىن ئاڭلىنىۋاتقان كەمەنچەنىڭ مۇڭىغا قۇلاق سالغاچ، قېنىق يېشىل ئورمانلار بىلەن قاپلانغان، بۇلۇتلار بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ھەيۋەتلىك كاچكار يايلىقىنىڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىڭلار...

*  *  *  *

بىزنىڭ تۇنجى يايلىقىمىز ئەنزەر يايلىقى. دۇنياغا داڭلىق ئەنزەر ھەسىلى بۇ يايلاقتىكى بەش يۈزگە يېقىن گۈل - چېچەكتىن ئېلىنىدۇ. بۇ ھەسەلنى ئۆزگىچە قىلغان نەرسە، ئۇنىڭ پەقەت گۈل – چېچەكتىنلا، يەنە كېلىپ دۇنيانىڭ باشقا يېرىدە ئۆسمەيدىغان گۈل – چېچەكلەردىنلا ئېلىنىدىغان بولۇشىدۇر. بۇ ھەسەلنى ئۆزگىچە قىلغان باشقا بىر ئېلېمېنت بولسا، ھەسەل ھەرىلىرىدۇر. ئەنزەر ھەسىلى تۈرى ئازىيىۋاتقان كاۋكاز ھەرىسى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئەنزەر ھەسسلى رويخەتكە ئېلىنغان مەھسۇلات بولۇپ، ئۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ ۋە نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدۇ. رەڭگارەڭ گۈل - چېچەكلىرى ۋە يېشىلنىڭ نەچچە ئون تۈرىگە پۈرگەن، ئېگىزلىكى ئىككى مىڭ مېتىردىن ئاشىدىغان ئەنزەر يايلىقى پىيادە يول يۈرگۈچىلەر ۋە فوتوگراف ھەۋەسكارلىرىنىڭ جەننىتى ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىنچى يايلىقىمىز بۇلۇتلارغا تاقىشىدىغان باراقسان قارىغايلار بىلەن قاپلانغان پوكۇت يايلىقى ياكى تۆپىلىكى. ئۇنىڭ باشقا يايلاقلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، رايونغا خاس ياغاچ ئۆيلىرىدۇر. يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان بۇ ئۆيلەرنىڭ ئەڭ كونىسىنىڭ تارىخى 250 يىللىق بولۇپ ، بەزىلىرى ساياھەتچىلەرنى ياتاق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تۇمانلار قوينىدىكى پوكۇت يايلىقىنىڭ ئۆزگىچە ئۆي ۋە مەنزىرىلىرى فوتوگرافلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان جايلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

سىلەرنى بۇلۇت دېڭىزىغا ئېلىپ بارىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى. ھازىر خۇسەر تۆپىلىكىگە بېرىپ، قۇياشنىڭ ئولتۇرۇشىنى بىرلىكتە كۈتىمىز. چۈنكى بۇ تەبىئىي مۆجىزە، پەقەت كۈن پاتقاندىلا پەيدا بولىدۇ. خۇسەر تۆپىلىكى رىزەنىڭ «بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىدىكى تۆپىلىكى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىر ئازدىن كېيىن سىلەرمۇ ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن بۇلۇتلار دېڭىزىنى كۆرىسىلەر! جىلغىدىن ئاستا – ئاستا تۆپىلىككە قاراپ كۆتۈرۈلگەن تۇمان، بۇ بۇلۇت دېڭىزىنى — كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان مەنزىرىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئالدى تەرىپىڭلاردىكى ئىلەڭگۈچلەردە ئولتۇرۇپ، ئاجايىپ ئېسىل سۈرەتلەرنى تارتساڭلارمۇ ياكى بۇ چۆچەكسىمان مەنزىرىنى ئۆزۈڭلار سۈرەتكە تارتساڭلارمۇ بولىدۇ.

*  *  *  *

رىزەنىڭ يايلاقلىرى، تۆپىلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەسۋىرلەشكە يېتەرلىك ۋاقىت يوق. كۆڭۈللۈك پائالىيەتلىرى بىلەن داڭق چىقارغان ئەلەۋىت ۋە ئاملاكىت، كاچكار يايلىقىنىڭ ئەڭ ئېگىز ئىككىنچى چوققىسى بولغان ۋەرچەنىك، تەۋەككۈلچىلەر قەۋەتلا ياقتۇرىدىغان ئوۋت، خىلمۇخىل ئۆسۈملۈكلىرى، ھايۋانات بايلىقى ۋە ئارامگاھلىرى بىلەن نامى چىققان ئايدەر… رىزەنىڭ يايلاقلىرى شۇنچىلىك كۆپكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بايان قىلىشقا ۋاقتىمىز يار بەرمەيدۇ؛ شۇڭا ئۇلارنى كۆرۈپ تەسۋىرلەش سىلەرگە قالسۇن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر