چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچار، بافەل تالابانى ۋە پ ك ك/ي پ گ

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (31)

1967968
چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچار، بافەل تالابانى ۋە پ ك ك/ي پ گ

چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچار، بافەل تالابانى ۋە پ ك ك/ي پ گ

 چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچار، بافەل تالابانى ۋە پ ك ك/ي پ گ

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (31)

(جان ئاجۇن)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچار، بافەل تالابانى ۋە پ ك ك/ي پ گ» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

15 – مارتتا ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ۋە ئارقىدىن ئىچىدىكىلەرگە ئالاقىدار گۇمانلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى جەمئىيەتتە زور قىزىقىش پەيدا قىلدى. دەسلەپكى ۋاقىتتا، تىك ئۇچاردا كىملەرنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى سوئاللار كۈنتەرتىپكە كەلدى. ئىراق كۈرت (كورد) رايونلۇق ھۆكۈمىتى تىك ئۇچار قالدۇقلىرىدىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.  ئاندىن پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇرۇلمىسى «سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى» (SDG) ئۆزلىرىگە تەۋە ئىككى تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتى كۈردىستان ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلەشمىسى  بىلەن بافەل تالابانىغا مەركەزلەشتى.

15 – مارتتا ئىراقنىڭ شىمالىدىكى دۇخوكنىڭ چېمانكە رايونىدا كەينى-كەينىدىن ئىككى تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن نۇرغۇن پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى» (SDG)  تىك ئۇچارلارنىڭ ئۆزىلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ۋە سۈرىيەدىن سۇلايمانىيەگە مەشىق مەقسىتىدە ماڭغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈچلىرى (YAT) ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. باياناتتا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈچلىرى (YAT) نىڭ باش قوماندانى شەرۋان كوبانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز تېررورچىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. دائېشقا قارشى تۇرۇش خەلقئارا بىرلەشمە ھەرىكەت قىسىملىرىمۇ مازلۇم ئابدىنىڭ تۋىتتتېر ئۇچۇرىنى ھەمبەھىرلەپ، «سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى» گە تەزىيە بىلدۈردى. ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى مەسۇر بارزانى قاتتىق بايانات ئېلان قىلىپ، پ ك ك/ي پ گ نىڭ مەزكۇر تىك ئۇچارلىرىنىڭ رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن رۇخسەت ئالماي رايوندا ئۇچقانلىقىنى شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك تىك ئۇچارلارنىڭ كۇردىستان ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلەشمىسى (KYB) تەرىپىدىن  تەشكىلاتقا بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتى  (KYB) ۋە بافەل تالابانىغا مەركەزلەشتى.

دەرۋەقە سۈرىيە-ئىراق/ سۇلايمانىيە لىنىيەسىدە رادارغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن تۆۋەندىن ئۇچقان تىك ئۇچارلارنىڭ فىرانسىيە ئاۋىئاتسىيە تىك ئۇچار شىركىتى ئىشلەپچىقارغان <AS 350> تىپلىق ئادەتتىكى تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇ تىك ئۇچارلار 2016-يىلى ئىراق كۇرد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئامبىرىغا كىرگەن. ئىراقتىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئاۋىئاتسىيە ھۆددىگەرلىكىنى قىلغان «7 گۇرۇپپا» ناملىق شىركەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلىشىدا ئىشلىتىلگەن. «يەتتە گۇرۇپپا» ناملىق شىركەتنىڭ ئەربىل ۋە سۇلايمانىيەدە 2009-يىلى ئىككى تەمىنلەش، ئەشيا ئوبوروتى، ئاسراش ۋە تەربىيىلەش مەركىزى ئاچقانلىقى مەلۇم.  ئىگىلىنىشچە بۇ شىركەت كانادادىن ئۈچ دانە «AS 350» تىپلىق تىك ئۇچارنى جالال تالابانىنىڭ جىيەنى لاھۇر تالابانى قۇرغان تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسىمىنىڭ ئىشلىتىشىغا بەرگەن. كېيىن بۇ تىك ئۇچارلار بافەل تالابانى دەۋرىدە پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇرۇلمىسى ي پ گ غا ئاجرىتىپ بېرىلگەن.

بافەل تالىبانى رەھبەرلىكىدىكى كۇردىستان ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلەشمىسى (KYB) بىلەن پ ك ك نىڭ مۇناسىۋىتى

ئىراقنىڭ شەرقىي شىمالىدا جەلال تالابانىنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان كۇردىستان ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلەشمىسى (KYB) تارىخى بويىچە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋە بۇنىڭغا قارىتا تۈركىيەنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. تۈركىيە بۇ مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۇردىستان ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلەشمىسى (KYB) غا ئېغىر بېسىملارنى ئىشلەتكەن، بولۇپمۇ مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىدىن كېيىن، سۇلايمانىيە ئايرودورومىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇ يەرنى فونكىسىيەسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويغاندىن باشقا يەنە، ھەر تۈرلۈك ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئېمبارگولار ئارقىلىق كۇردىستان ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلەشمىسى (KYB)  نىڭ پ ك ك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە قوللىشىنى بىكار قىلىشقا تىرىشقان ئىدى. كۇردىستان ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلەشمىسى (KYB) ئىجابىي قەدەملەرنى تاشلانغاندا بولسا ئالاقىدار ئېمبارگولارنى بىكار قىلغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ كۇردىستان ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلەشمىسى (KYB)  بىلەن پ ك ك ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تۆۋەن دەرىجىدە  داۋاملاشقان ئىدى.

لېكىن، كۇردىستان ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلەشمىسى (KYB) نىڭ  ئىچكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ قوللىشى بىلەن بافەل تالابانى لاھور تالابانىنى يېڭىپ، بارلىق ھوقۇقنى قولىغا ئېلىشى بىلەن تەڭ، بىرلەشمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى قايتىدىن ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئىلگىرى ئىراننىڭ تەسىرى بىلەن قاندىل ۋە ك ج ك مۇناسىۋىتى مەسىلە بولغان بولسا، بافەل تالابانى ھاكىمىيەتنى قولىغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ ھىمايىسىدە پ ك ك نىڭ سۈرىيە تارمىقى بولغان پ ي د/ي پ گ بىلەن كۇردىستان ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلەشمىسى (KYB) ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىلىشقا باشلاندى. بافەل تالابانى بىرلەشمە ئىچىدىكى ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن، ي پ گ غا ياردەم بېرىش باياناتلىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. دەسلەپكى يىللىرىدا مەخپىي ئېلىپ بارغان مۇناسىۋەتلىرىنى قەدەممۇ-قەدەم كۆرۈنەرلىك ھالغا كەلتۈرۈشتىن چېكىنمىدى. ئامېرىكا ئايروپىلانى بىلەن سۈرىيەنىڭ شىمالىغا بېرىپ، مازلۇم ئابدى قاتارلىق ي پ گ نىڭ مۇھىم رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

ئەمدىلىكتە بولسا، يۈز بەرگەن تىك ئۇچار ھادىسىسىدىن كېيىن، بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ سىياسىي ياردەم بېرىشتىنمۇ بەك ھەرىكەتلەرگە ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتىگە ئايلانغانلىقى ئاشكارىلاندى. تىك ئۇچارلارنىڭ ئۇچۇش لىنىيەسىنىڭ ئامېرىكانىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، مۇناسىۋەتلىك تىك ئۇچار ھەرىكەتلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ ھىمايىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئىنتايىن ئېنىق. تۈركىيەنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەرىكىتى  پ ك ك/ي پ گ نىڭ رايوندىكى ھەرىكەتلىرىنى چەكلىك ھالغا چۈشۈرۈپ قويغاندىن كېيىن، ئىككىنچى تاللاش سۈپىتىدە تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ رادارغا كۆرۈنمەي تۆۋەندىن ئۇچىدىغان تىك ئۇچارلار بىلەن توشۇلغانلىقى مەلۇم .

بۇ بارلىق ۋەقەلەر ۋە  مۇناسىۋەتلىك تورلىرىنى ئويلاشقىنىمىزدا، ئامېرىكانىڭ بافەل تالابانى ۋە بىرلەشمىسىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى، ي پ گ نىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدە قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە بولىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئاكتىيور سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، بافەل تالابانى بۇ يېڭى مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئىراقتىكى كۇردلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىدا كۇردىستان دېموكراتىك پارتىيەسى (KDP) غا قارشى ي پ گ نى ئىشلەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا  پ ك ك نىڭ ئىچكى تەڭپۇڭلۇقلىرىدىمۇ قاندىل/ ك ج ك دىنمۇ بەكرەك ي پ گ رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ئېنىق.  يەنە بۇ تەڭلىمىلەردە، بافەل تالابانىنىڭ پ ھ د پ نىڭ نورۇز پائالىيەتلىرىدە ئوجىلاننى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ «رەھبىرىمىزنى قويۇپ بېرىڭلار» دېگەن چاقىرىقتا بولۇشى شۇنىڭ بىلەن بىرگە  يەنە ھ د پ ئاكتىيورلىرى بىلەن پ ي د/ ي پ گ نىڭمۇ ئوجىلاننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ سىستېمىلىق چاقىرىقلارنى ئېلان قىلىشنى باشلىشى تولىمۇ مەنىلىك ئەلۋەتتە. ئامېرىكا بەلكىم تۈركىيەدىكى سايلام نەتىجىسىگە قاراپ، پ ي د/ي پ گ نى كۇردىستان ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلەشمىسى (KYB) بىلەن تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەن ھالدا تۈركىيەگە مەجبۇر ئېتىراپ قىلدۇرۇشنىڭ ھەمدە ئوچىلاننىمۇ قايتىدىن ئاكتىيور ھالىغا كەلتۈرۈشنىڭ ھېسابىنى قىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن.  

لېكىن، بافەل تالابانىنىڭ ئۆز سالاھىيىتىن ھالقىغان بۇ مەينەت ئويۇننىڭ ئاستىدا ئىزىلىپ قېلىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. چۈنكى تۈركىيەنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن دوست بولۇش دېگەنلىك تۈركىيەنىڭمۇ دۈشمىنى بولۇش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ چوڭ زىيىنىنى تارتقۇچى كۇردىستان ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلەشمىسى بىلەن بافەل تالابانى بولىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر