كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئارتۋىن (2)...

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ يېڭى سانىدا ئارتۋىننى ساياھەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، قېنى ئۇنداقتا دىققتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

1963865
كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئارتۋىن (2)...

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئارتۋىن (2)...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «سەيياھ» ناملىق كېمىمىزگە كەلگەنلىكىڭلارنى قارشى ئالىمىز. شەرقىي قارا دېڭىزدىكى سەپىرىمىز داۋاملاشماقتا؛ بىز ئارتۋىننى زىيارەت قىلىشقا باشلىغان بولساقمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يايلاقلىرى، دۆلەت باغچىلىرى ۋە ئۆستەڭلىرىنى زىيارەت قىلىشقا ۋاقتىمىز يەتمىگەنىدى. بۈگۈن سىلەرنى ئارتۋىننىڭ تەبىئىي مەنزىرىلىرى بىلەن تونۇشتۇرىمەن. قېنى ئۇنداقتا ئارتۋىن سەپىرىمىزنى باشلايلى.

*  *  *  *

ئارتۋىن يايلاقلىرى ۋە بۇزۇلمىغان تەبىئىي گۈزەللىكلىرى بىلەن داڭلىق بولۇپ، يايلاق ساياھەتچىلىرى ئەڭ ياقتۇرىدىغان قارا دېڭىز شەھەرلىرىنىڭ بىرى. كاچكار، كافكاسۆر ۋە ماجاھەل ئارتۋىننىڭ ئەڭ داڭلىق يايلاقلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

كاچكار يايلىقىنىڭ نامى شەرقىي قارا دېڭىز تاغ تىزمىلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ. كاچكار يايلىقى ئېقىنلار، كۆللەر ۋە مۇزلۇقلارنى باغرىغا بېسىپ ياتقان كۆز يەتكۈسىز يېشىل جاي. دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش فوندى كاچكار تېغىغا جايلاشقان دۆلەت باغچىسىنى «دۇنيانىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىشى كېرەك بولغان يۈز رايونىنىڭ بىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. بۇ دۆلەت باغچىسىدا مۇزلۇق جىلغىلىرى ۋە نۇرغۇن مۇزلۇق كۆللەر بار. تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئېگىز مۇزلۇق كۆللىرىنىڭ بىرى بولغان «بۈيۈك (چوڭ) دېڭىز كۆلى» مۇ بۇ يەرگە جايلاشقان. بۇ كۆل كاچكار تېغىنىڭ چوققىسىغا بارىدىغان يولنىڭ بويىدا بولۇپ، كۆل يۈزى يىلنىڭ ئون ئېيى  مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. كاچكارلار ۋە بۇ كۆپكۆك مۇزلۇق كۆلنىڭ مەنزىرىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

ئارتۋىننىڭ ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالىدىغان داڭلىق يايلاقلىرىنىڭ يەنە بىرى كافكاسۆر يايلىقىدۇر. كۆز يەتكۈسىز  يېشىللىقلار، ئېگىز – پەس يوللار، ھاياتىڭىزدا كۆرۈپ باقمىغان رەڭگارەڭ گۈل – چېچەكلەر سىزنى ئۆزگىچە بىر دۇنيا بىلەن تونۇشتۇرىدۇ. كافكاسۆر يايلىقىنى باشقا يايلاقلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىك، ھەر يىلى 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يايلاق بايرىمى پائالىيەتلىرى ۋە ئۇ پائالىيەتلەر ئارىسىدىكى بۇقا سوقۇشتۇرۇش ئويۇنلىرىغا ساھىبخانلىق قىلىشىدۇر. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، بۇ يەردىكى بۇقا سوقۇشتۇرۇشلارنىڭ ئىسپانىيەدىكى بۇقا سوقۇشتۇرۇشلار بىلەن ھېچقانداق ئورتاق نۇقتىسى يوق. كافكاسۆردا بۇقىلار بىر-بىرىنى ئىتتىرىپ غەلىبە قىلىشقا تىرىشىدۇ.

ئەمدى «جىمجىت شەھەر» ئۇنۋانىغا ئىگە شاۋشات ناھىيەسىنىڭ سال مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئورۇنلىرى، كەڭ كەتكەن دەريالىرى ۋە چوڭ - كىچىك كۆللىرىگە ئوخشاش تەبىئىي گۈزەللىكلىرى بىلەن داڭق چىقارغان ئارسيان يايلىقىغا بارايلى... ساياھەتچىلەر «لەيلىمە ئاراللار كۆلى»نى چوقۇم زىيارەت قىلىدۇ. چۈنكى كۆلدىكى ئاراللار ئۆسۈملۈك ۋە تۇپراق قاتلىمىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، شاماللار سەۋەبىدىن دائىم يۆتكىلىپ تۇرىدۇ.

*  *  *  *

ئارتۋىننىڭ جىلغىلىرى بىلەن كۆللىرىمۇ يايلاقلىرىغا ئوخشاشلا ھېكايە قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ھېكايىمىزنى دۇنيادىكى ئەڭ تېز ئاقىدىغان دەريالارنىڭ بىرى بولغان چورۇھ دەرياسىدىن باشلايلى. دەريانىڭ بىر قىسمى ئارتۋىننى كېسىپ ئۆتىدۇ. چورۇھ دەرياسى سۈيى تېز ئاقىدىغان خەتەرلىك دەريا بولغاچقا، قىيا تاشلىرى تاغ باغرىنى يېرىپ نۇرغۇن جىلغىلارنى ھاسىل قىلغان. ئارتۋىندا جىلغا دېيىلگەن ھامان كىشىنىڭ ئېسىگە تۇنجى بولۇپ چورۇھ جىلغىسى كېلىدۇ. ئۇ تار ۋە چوڭقۇر قولتۇقلارنى بويلاپ ئىلگىرىلەيدىغان جىلغا بولغاچقا، سال ھەۋەسكارلىرىغا نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەرنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى تەتقىقاتچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. چۈنكى بەزى ئۆسۈملۈك تۈرلىرى دۇنيانىڭ پەقەت مۇشۇ يېرىدىلا ئۆسىدۇ.

ئارتۋىندىكى جەھەننەم دەرياسى جىلغىسى دۇنيادىكى ئاز ساندىكى جىلغىلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. جىلغىنىڭ پەقەت بىرلا ئادەم ئۆتەلەيدىغان تار جايلىرى تەۋەككۈلچى ساياھەت مەستانىلىرىنى جەلپ قىلىدۇ. تاش ۋە تىك يوللارنى بويلاپ يېتىپ بارغىلى بولىدىغان مەنزىرە ئادەمنى تاڭ قالدۇرىدۇ.

ئارتۋىندىكى ھاتىلا ۋادىسى تىك قىيالىقلار، شارقىراتمىلار ۋە پىرىزما شەكىللىك تاشلار ھاسىل قىلغان ئۆزگىچە گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ، يەر يۈزى ئالاھىدىلىكى ۋە ئاز ئۇچرايدىغان جانلىقلارنىڭ ياشاش ماكانى بولغاچقا، مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. ئەتراپى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت باغچىسى سالاھىيىتىگە ئىگە ھاتىلا ۋادىسىدا، تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئېگىز يەردىكى ئەينەكلىك ساياھەت ئۆگزىسى بار. ئەگەر مەنزىرە بىلەن بىر گەۋدىلىشىنى خالايدىغان، تېخىمۇ مۇھىمى ئېگىزلىككە چىقىشتىن قورقمايدىغان بولسىڭىز، بۇ جاينى چوقۇم سەيلە قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئارتۋىننىڭ داڭلىق تەبىئىي گۈزەللىرىنىڭ بىرى، بورچكادىكى قاراگۆل تەبىئەت باغچىسى. زامانىمىزغىچە تەبىئىي ھالىتىنى ساقلاپ قالغان قاراگۆل، تەبىئەتنىڭ سېھرىي كۈچكە ئىگە مۆجىزىسى ھېسابلىنىدۇ. قاراگۆل تۈركىيەنىڭ تۇنجى ۋە بىردىنبىر بىيولوگىيەلىك قوغداش رايونى جامىلىغا بارىدىغان يولنىڭ بويىدا بولۇپ، ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى —يۇنېسكو تەرىپىدىن بىيولوگىيەلىك كۆپ خىللىق ۋە مەدەنىيەت قىممىتى قوغدىلىدىغان شۇنداقلا سىجىل تەرەققىيات ئەندىزىسى بىلەن تەمىنلىنىدىغان رايون، دەپ قارىلىدۇ.

سىلەرنى ئارتۋىننىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان شارقىراتمىلىرىغا ئېلىپ بارغۇم بار ئىدى. ئەمما بىزنىڭ بۇنىڭغا ۋاقتىمىز قالمىدى. مارال، مەنچۇنا، دەلىكلىكايا، جىرو ۋە سۇاتان قاتارلىقلار مەن ئىسىمىنى بىلىدىغان شارقىراتمىلارنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنى كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىش سىلەرگە، قايتىدىن كېمىمىزگە ئولتۇرۇپ سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش بىزگە باغلىق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر