18 – مارت چانەققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ 108- خاتىرە يىلى

بۈگۈن 18 – مارت، چانەققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ خاتىرە يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

1603630
18 – مارت چانەققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ 108- خاتىرە يىلى

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان بولسىمۇ، بىراق ئىستانبۇلنى ئىشغال قىلىش ئارقىلىق ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى سەپنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇشنى پىلانلىغان ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيەلىرى چاناققەلئە بوغۇزىنى دېڭىز يولى ئارقىلىق كېسىپ ئۆتمەكچى بولدى. ئوسمانلىنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيەسى بۇ تاجاۋۇزچىللىققا قارشى زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تاجاۋۇزچى ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيەلىرىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى؛ ئۇلارنىڭ چېكىنىشى بىلەن ئۇرۇش ئاخىرىلاشتى. تاجاۋۇزچىلار بوغۇزنى دېڭىز ئارقىلىق كېسىپ ئۆتەلمەيدىغانلىقلىرىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىنى باشلىدى. تۈرك مىللىتى جاسارىتى ۋە پىداكارلىقى بىلەن شۇنچە ئېغىر تالاپەتلەرگە قارىماستىن، ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ چاناققەلئە بوغۇزىنى كېسىپ ئۆتۈشىگە قەتئىي يول قويمىدى. «چاناققەلئەدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ» دېگەن مەشھۇر سۆز، ھەم دوستلار، ھەم دۈشمەنلەرمۇ چۈشىنەلەيدىغان تىلدا تەكرارلانغان بولدى. مانا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىزلەر چانەققەلئە دېڭىز ئۇرۇشى زەپىرىنىڭ خاتىرە يىلىنى تېخىمۇ قىزغىن تەبرىكلىمەكتىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر