ئاللاھ ئىزنى بەرگەن ئادەمدىن باشقىغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ.

شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ دىللىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار ئاندىن (بەزىسى بەزىسىگە): «پەرۋەردىگارىڭلار (شاپائەت توغرولۇق) نېمە دېدى؟» دەيدۇ.

1961197
ئاللاھ ئىزنى بەرگەن ئادەمدىن باشقىغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ.

ئاللاھ ئىزنى بەرگەن ئادەمدىن باشقىغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەبەئ سۈرىسى، 23 - 32 - ئايەتلەر. ئاللاھ ئىزنى بەرگەن ئادەمدىن باشقىغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ. شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ دىللىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار ئاندىن (بەزىسى بەزىسىگە): «پەرۋەردىگارىڭلار (شاپائەت توغرولۇق) نېمە دېدى؟» دەيدۇ. ئۇلار (جاۋابەن): «ھەقنى (دېدى) (يەنى مۆمىنلەرگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلدى)» دەيدۇ. ئاللاھ يۈكسەكتۇر، كاتتىدۇر[23]. ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاسمانلاردىن ۋە زېمىندىن كىم رىزىق بېرىپ تۇرىدۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ (رىزىق بېرىپ تۇرىدۇ)، شۈبھىسىزكى، بىز ياكى سىلەر چوقۇم ھىدايەتتىدۇرمىز، يا روشەن گۇمراھلىقتىدۇرمىز»[24]. ئېيتقىنكى، «بىزنىڭ قىلغان گۇناھىمىز ئۈچۈن سىلەر سوراققا تارتىلمايسىلەر، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار ئۈچۈن بىز سوراققا تارتىلمايمىز»[25]. ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىمىز بىزنى (قىيامەت كۈنى) يىغىدۇ. ئاندىن بىزنىڭ ئارىمىزدا ھەقلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، (خالايىقنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر»[26]. ئېيتقىنكى، «ماڭا ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكى دەپ ئاتىۋالغىنىڭلار ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇ ـ ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[27]. سېنى بىز پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە (كاپىرلارنى ئازاب بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ[28]. ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە (يەنى سىلەر بىزنى قورقۇتۇۋاتقان ئازاب) قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟» دەيدۇ[29]. ئېيتقىنكى، «سىلەرگە (ئازاب ئۈچۈن) ۋەدە قىلىنغان بىر كۈن باركى، ئۇنىڭدىن بىردەممۇ ئىلگىرى ـ كېيىن بولمايسىلەر»[30]. كاپىرلار: «بۇ قۇرئانغا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دەيدۇ. ئەگەر زالىملارنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا توختىتىپ قويۇلغان چاغدا بەزىسى بەزىسى بىلەن جېدەللىشىۋاتقاندا كۆرسەڭ ئىدىڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالنى كۆرەتتىڭ)، بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا: «ئەگەر سىلەر بولمىساڭلار بىز چوقۇم ئىمان ئېيتاتتۇق» دەيدۇ[31]. چوڭچىلىق قىلغانلار بوزەك قىلىنغانلارغا: «سىلەرگە ھىدايەت كەلگەندىن كېيىن بىز سىلەرنى ئۇنىڭدىن توستۇقمۇ؟ ھەرگىز توسمىدۇق، سىلەر ئۆزۈڭلار گۇناھ قىلغۇچى بولدۇڭلار» دەيدۇ[32].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر