خىتاي قاچان ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ؟

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (29)

1961270
خىتاي قاچان ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ؟

خىتاي قاچان ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ؟

خىتاي قاچان ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ؟

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (29)

(جان ئاجۇن)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «خىتاي قاچان ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ؟» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

ھاۋا شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭمۇ كۈچىيىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ ۋاگنېر باشچىلىقىدا بەھمۇت شەھىرىگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭمۇ ئۇكرائىناغا  قىلىۋاتقان ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردىمى كۈندىن كۈنگە ئاشماقتا. پۈتكۈل غەرب دۆلەتلىرى ئامېرىكانىڭ رەھبەرلىكىدە رۇسىيەگە قارشى ئالدىنقى سەپتە تۇرماقتا. ئەمدىكى ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ ئىككىلىنىش پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ قالالمايدىغانلىقى ۋە رۇسىيەگە ھەربىي ياردەم بېرىدىغان ياكى بەرمەيدىغانلىقى كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە.

دەرۋەقە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش ئۇرۇنۇشى داۋاملىشىۋاتقىنىغا بىر يىل بولۇپ قالدى. مەيداندا ھەربىي توقۇنۇشتىن باشقا يەنە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈرەشلەرمۇ پۈتۈن سۈرئىتى بىلەن داۋام قىلماقتا. بولۇپمۇ ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ئfنگلو-ساكسون دۆلەتلىرى رۇسىيەگە نىسبەتەن بىر ئۇپرىتىش ئۇرۇىشىغا ئايلانغان بۇ باسقۇچنى ئاخىرىغىچە دامالاشتۇرىدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇكرائىناغا ئىلغار ھەربىي تېخنىكىلارنى ئاساس قىلغان ئېغىر تىپتىكى قوراللارنىڭ توشۇلۇشى داۋاملاشماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەسسە قوشۇشى بىلەن ئۇكرائىناغا چەكسىز ئىقتىسادىي ياردەملەر بېرىلمەكتە. بۇنىڭدىن سىرت رۇسىيەگە قارىتىلغان ئىنتايىن ئېغىر ئىقتىسادىي ئىمبارگولارمۇ مەۋجۇت. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا رۇسىيەنى تىز چۆكتۈرمىگىچە بۇ ئىشتىن ۋاز كېچىدىغاندەك ئەمەس.

رۇسىيە بولساö كۇبا، شىمالىي كورېيە ۋە ئىران قاتارلىق كىچىك دۆلەتلەردىن ياردەم ئالماقتا ۋە ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى خىتايدىن تېخىچە كۈتكەن ياردەمگە ئېرىشەلمەي كەلمەكتە. خىتاي بولسا، رۇسىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئۇرۇنۇشىنى ئىشغالىيەت دەپ ئېتىراپ قىلمىغاندىن سىرت، رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارغىمۇ قارشى چىقماقتا. ھەتتا خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىمپورت سودىسىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق رۇسىيەنى قوللاپ قۇۋۋەتلىمەكتە ۋە ھالقىلىق تېخنىكا يۆتكەش ئارقىلىقمۇ رۇسىيەنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئېمبارگولىرىدىن تارتىدىغان زىيىىنىنى ئازيتىشقا تىرىشماقتا. ئەمما، ھازىرغىچە ئوچۇق ھەربىي ياردەم بەرگىنى يوق.

ئەسلىدە خىتاي ئۇرۇش باشلانغاندا، رۇسىيەنىڭ ئۆزى بىلەن مەسلىھەتلەشمەيلا ئىشغالىيەت ھەرىكىتى باشلىغانلىقىنى ئانچە ئىجابىي قارشى ئالمىدى. چۈنكى «بۇ خىتايغا نىسبەتەن غەرب دۇنياسى بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن كۈرەش باشلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن ئويدا ئىدى. ھەتتا، خىتاي رۇسىيەنىڭ بىرئاز ئاجىزلىشىشى ۋە  خىتاينىڭ قانىتى ئاستىغا كىرىشىنىمۇ ئۆزىگە نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەت قاتارىدا كۆرگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما شۇنداقتىمۇ رۇسىيەنىڭ تېخىمۇ بەك ئىزىلىشى ۋە ھەربىي جەھەتتىن ئۇكرائىنادا چوڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىشىنىمۇ خالاپ كەتمەيدىغانلىقى ئېنىق. چۈنكى بۇ ئەھۋال ئىستراتېگىيە جەھەتتىن خىتايغا نىسەبەتەن غايەت زور زىياندىن دېرەك بېرىدۇ. خىتاي رۇسىيە يوقىتىلغاندىن كېيىنكى نۆۋەتنىڭ ئۆزىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن ئاساستا ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر. چۈنكى ئامېرىكا ھازىردىن باشلاپلا « AUKUS» قاتارلىق يېڭى قۇرۇلمىلار ئارقىلىق گېئوپولىتىكا جەھەتتتىن خىتاينى قورشاۋ ئاستىغا ئالىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا. شۇڭلاشقا، رۇسىيە خىتاينىڭ ئامېرىكا قۇرغان يېڭى ئىتتىپاق تورىغا قارشى ۋە غەربكە قارشى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە بىر تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. يا رۇسىيەنى ھەربىي جەھەتتىن تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ھالدا قوللاپ قۇۋۋەتلەش ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا سېپىدىكى قولىنى كۈچەيتىدۇ، ياكى ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقدىشىنىڭ مەيداندا ئىزىلىپ ئويۇن سىرتىغا چىقىرىلىشىغا كۆز يۇمۇپ، نۆۋەتنىڭ ئۆزىگە كېلىشىنى كۈتىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر