يەر تەۋرەش دىپلوماتىيەسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (28)

1957656
يەر تەۋرەش دىپلوماتىيەسى

يەر تەۋرەش دىپلوماتىيەسى

 

يەر تەۋرەش دىپلوماتىيەسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (28)

(مۇرات يېشىل تاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «يەر تەۋرەش دىپلوماتىيەسى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

تۈركىيەدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە بىر ئاي بولدى. بۇ ئاپەتنى ئەلۋەتتە سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، پىسخىكا ۋە ئاكادېمىك قاتارلىق ئوخشىمىغان پەنجىرىلەردىن تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. گەرچە ئەتراپلىق خۇلاسە چىقىرىشقا تېخى بالدۇرلۇق قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدە ياراتقان نەتىجىسى ناھايىتى مۇھىم.

مەلۇمكى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردەم چاقىرىقىغا جاۋابەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى قىتئەلىرى ۋە رايونلىرىدىن تۈركىيەگە ئىجابىي ئىنكاسلار يېغىشقا باشلىدى. ھازىرغا قەدەر  100 گە يېقىن دۆلەت تۈركىيە دۈچ كەلگەن ئاپەتكە ياردەم بىلەن ئىنكاس قايتۇردى ۋە ئوخشىمىغان سەۋىيەلەردە ياردەملىشىىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى. ئەزەربەيجان، ۋېنگىرىيە، گرېتسىيە ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر ئۈنۈملۈك ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئەۋەتتى. يەنە ئەزەربەيجان، قاتار، رۇسىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر ھايات قالغانلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئاممىۋى ياردەم يوللىدى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى ئەۋەتكەندىن سىرت ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەردى.

ماددى ۋە نەق پۇل ياردىمى قىلالمىغان نۇرغۇن ئافرىقا دۆلەتلىرىمۇ تۈركىيەنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىپ بايانات ئېلان قىلدى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ خەلقلىرى دۇنيا مىقياسىدا سىجىل ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى جەھەتتە كەڭ قورساقلىقى بىلەن تونۇلغان تۈركىيە ئۈچۈن دۇئا قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلار تۈركىيەگە ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنى باشلىدى.

كۈتۈلگىنىدەك، تۇنجى ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىنكاس ئەزەربەيجاندىن كەلدى. ئەزەربەيجان دۆلىتى ۋە خەلقى تۈركىيەگە ھەر خىل ياردەملەرنى يوللاش ئۈچۈن سەپەرۋەر بولدى. ئارقىدىن ئۆزبېكىستان قاتارلىق باشقا تۈرك دۆلەتلىرى شۇنداقلا قاتار ۋە پاكىستان قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن ياردەم خەۋەرلىرى كېلىشكە باشلىدى. ئاپەت رايونىغا تۇنجى بولۇپ ئاممىۋى ياردەم ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنى ئەۋەتكەنلەردىن بىرسى ئىراق كۇرد رايونلۇق ھۆكۈمىتى (KRG) بولدى. شۇنىڭدەك باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقلىرىمۇ تۈركىيەگە ئۈنۈملۈك ياردەمدە بولدى.

غەرب دۆلەتلىرىدىنمۇ مۇھىم ياردەملەر كەلدى. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ماددىي ۋە نەق پۇل ياردىمىدىن باشقا يەنە قۇتقۇزۇش ئەترىتىمۇ ئەۋەتتى. ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىم تەسىرگە ئىگە ۋە  تۈركىيە بىلەن ئەڭ قويۇق مۇناسىۋىتى بولغان ۋېنگىرىيەنىڭ ئىزدەش-قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىلىرى قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى.

رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۈركىيە خەلقىنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقى ۋە ياردەم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر يوللىدى. قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە كۇۋەيت قاتارلىق پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياردەم بەردى. قاتار ئەمىرى شەيخ تامىم بىن ھاماد ئەل تانى تۈركىيەنى زىيارەت قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى ۋە يەر تەۋرەشتىن كېيىن تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان تۇنجى رەھبەر بولدى.  

يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەن ئىسرائىلىيەمۇ تۈركىيەنىڭ ياردەم چاقىرىقىغا تۇنجى بولۇپ ئىنكاس قايتۇرغان دۆلەتلەرنىڭ بىرسى بولدى. ئەزەربەيجاندىن قالسىلا ئەڭ چوڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتكەن ئىككىنچى دۆلەت بولدى ۋە زۆرۈر بولغاندا قوشۇمچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شۇنىڭدەك مىسىرنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسىمۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. مىسىر پىرېزىدېنتى سىسى ئەردوغانغا تېلېفون قىلدى. تۈركىيەنىڭ مىسىر بىلەن نورماللىشىش مۇساپىسى ئەڭ ئاستا كېتىۋاتقان بولغاچقا، بۇ تېلېفون  قىلىش مۇھىم سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈركىيە بىلەن توقۇنۇشۇپ كېلىۋاتقان ئەرمېنىيەنىڭمۇ قۇتقۇزۇش ئەترىتى يوللىشى ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ ئازابىنى ئورتاقلاشقان ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىشى ناھايىتى مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى.  بۇ تۈركىيە-ئەرمېنىيە چېگرا ئېغىزىنىڭ 35 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېچىلىشى بولدى.

ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى ئەڭ يارقىن مىسال گرېتسىيە ۋە ئافىنانىڭ ئىنكاسى ئىدى. دەسلەپتە گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى كاتېرىنا ساكېلروپۇلو ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، تەزىيە بىلدۈردى. ئاندىن باش مىنىستىر كىرىياكوس مىتسوتاكىسمۇ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ تەزىيە تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. ئۈچىنچى بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىيا يەر تەۋرەش رايونىنى زىيارەت قىلىپ، مەنسەپدىشى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئۇچراشتى ۋە تەزىيە بىلدۈردى.  ئەسلىدە مىتسوتاكىسنىڭ تېلېفون قىلىشىمۇ مۇھىم ئىلگىرىلەش ئىدى. ئامېرىكىدا قىلغان سۆزىدە تۈركىيەگە قارشى باياناتلاردا بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەردوغاننىڭ مېتسوتاكىس بىلەن قايتا كۆرۈشمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، بۇ ھەقىقەتەن مۇھىم ئىلگىرىلەش ئىدى. قىسقىسى ئەردوغان بىلەن مىتسوتاكىسنىڭ تېلېفونلىشىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىنتايىن مۇھىم تەرەققىياتلارنىڭ بىرسى بولدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، گىرېتسىيە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ خارابىلىكلەرنى تازىلاش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى جەريانىدىكى مۇۋەپپەقىيىتى دىپلوماتىيەدە چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان رىشتىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. قالپىقىغا گرېتسىيە بايرىقى چۈشۈرۈلگەن گىرېتسىيە قۇتقۇزۇش خادىمى بىلەن قولىدا تۈركىيە بايرىقى بولغان ۋە يەر تەۋرەشتە ھايات قالغان ئۆسمۈرنىڭ ئارىسىدىكى قۇچاقلىشىشنىڭ  رەسىمى ئىنسانپەرۋەرلىك تۇيغۇلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئىللىق سۈرەت سۈپىتىدە مەڭگۈ ئەستە قالغۇسى. ئۇنىڭ ئۈستىگە گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەر تەۋرەش رايونىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى بولدى.  

يوللانغان ياردەملەر ۋە بېرىلگەن ئۇچۇرلار ناھايىتى ئېنىق ۋە مۇھىم بىر ھەقىقەتنى گەۋدىلەندۈردى: ئۇ بولسىمۇ ئىنسانلارنىڭ ئىنسانىي كرىزىس مەزگىلىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىنكاسىدۇر. گەرچە دۆلەتلەر ۋە ئىنسانلار ئوخشىمىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما (ئىنسانىي كرىزىس مەزگىلىدە) ئوتتۇرىدىكى ئاداۋەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئىنسانىيلىقنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

ئىككىنچى نەتىجىسى سۈپىتىدە، يەر شارى خاراكتېرلىك ياردەم ۋە ئىنكاسلار، تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك دىپلوماتىيەسىنىڭ تەسىرىنى قانداق ئاشۇرغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە بولغان ھېسداشلىقنى پەۋقۇلئاددە ئاشۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەلۋەتتە، تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقى قىيىن ئەھۋالدا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرگە ھېچقانداق بەدەل كۈتمەستىن ياردەم قىلدى ۋە ياردەم قىلىدۇ، ئەمما بىز بۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ زامانى ۋە ماكانى كەلگەندە قانداق قىلىپ ئەمەلىي كۈچكە ئايلانغانلىقىنى كۆرگەن بولدۇق.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر