ئەگەر خالىساق ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزىمىز

بۇنىڭدا ئاللاھقا قايتقۇچى ھەر بەندە ئۈچۈن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار.

1954517
ئەگەر خالىساق ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزىمىز

ئەگەر خالىساق ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەبەئ سۈرىسى، 8 - 14 - ئايەتلەر. ئۇ ئاللاھقا يالغاننى توقۇدىمۇ؟ يا ئۇ ئېلىشىپ قالدىمۇ؟» ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرمەيدىغانلار ئازابتا ۋە چوڭقۇر گۇمراھلىقتىدۇر[8]. ئۇلار ئالدىدىكى ۋە ئارقىسىدىكى (ئۇلارنى ئوراپ تۇرغان) ئاسمان بىلەن زېمىنغا قارىمامدۇ؟ ئەگەر خالىساق ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزىمىز، ياكى ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پارچە ـ پارچە قىلىپ چۈشۈرىمىز. بۇنىڭدا ئاللاھقا قايتقۇچى ھەر بەندە ئۈچۈن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار[9]. بىز داۋۇدقا دەرگاھىمىزدىن ھەقىقەتەن پەزل (يەنى پەيغەمبەرلىك، زەبۇر، تاغلارنىڭ ۋە قۇشلارنىڭ بويسۇنۇشى، تۆمۈرنىڭ يۇمشاق بولۇپ بېرىشى، ساۋۇت ياساشنى بىلدۈرۈشلەر) ئاتا قىلدۇق. «ئى تاغلار! ئى قۇشلار! داۋۇت بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىڭلار» (دېدۇق). تۆمۈرنى داۋۇدقا يۇمشاق قىلىپ بەردۇق[10]. (بىز ئۇنىڭغا ئېيتتۇق) «مۇكەممەل ساۋۇتلارنى ياسىغىن، ساۋۇتلارنى ياساشتا (ھالقىلىرىنى بىر ـ بىرىگە) تەكشى قىلغىن، (ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر!) ياخشى ئىش قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىمەن»[11]. سۇلەيمانغا شامالنى (بويسۇندۇرۇپ بەردۇق)، شامال چۈشتىن ئىلگىرى بىر ئايلىق مۇساپىنى، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى باساتتى، ئۇنىڭغا مىس (چىقىدىغان) بۇلاقنى ئاققۇزۇپ بەردۇق، بەزى جىنلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بويىچە سۇلەيماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى، ئۇلاردىن كىمكى بىزنىڭ ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز دوزاخ ئازابىنى تېتىتىمىز[12]. ئۇلار سۇلەيمانغا ئۇ خالىغان كاتتا سارايلارنى، (مىستىن ـ ئەينەكتىن ئاجايىپ) ھەيكەللەرنى، كۆلدەك چوڭ لېگەنلەرنى، (چوڭلۇقتىن) مىدىرلىمايدىغان قازانلارنى ياسايتتى، (ئېيتتۇقكى) «ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر! (ئاللاھنىڭ بۇ چوڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار»، مېنىڭ بەندىلىرىمدىن (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلغۇچى بەك ئاز[13]. سۇلەيماننىڭ ۋاپاتىنى ھۆكۈم قىلغىنىمىزدا (يەنى ئۇنى ۋاپات قىلدۇرغىنىمىزدا) سۇلەيماننىڭ ئۆلگەنلىكىدىن جىنلارنى پەقەت ئۇنىڭ ھاسىسىنى يېگەن قۇرۇتلار خەۋەردار قىلدى. سۇلەيمان (ھاسىسىنى قۇرۇت يەپ) يىقىلغان چاغدا جىنلارغا ئېنىق بولدىكى، ئەگەر ئۇلار غەيبنى بىلىدىغان بولسا ئىدى، خار قىلغۇچى ئازابتا (يەنى شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت ئېغىر ئەمگەكتە) قالمىغان بولاتتى[14].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر