ئاللاھ غەيىبنى بىلگۈچىدۇر

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ئاللاھتىن يىراق ئەمەستۇر.

1951213
ئاللاھ غەيىبنى بىلگۈچىدۇر

ئاللاھ غەيىبنى بىلگۈچىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەبەئ سۈرىسى، 1 - 7  - ئايەتلەر. ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاخىرەتتىكى ھەمدۇسانامۇ ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[1]. ئاللاھ زېمىننىڭ قوينىغا كىرىپ كېتىدىغان (يەنى يامغۇر، كان ۋە ئۆلۈكلەرگە ئوخشاش) نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان (ئۆسۈملۈك، بۇلاق ۋە قۇدۇقلارنىڭ سۇلىرى قاتارلىق) نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان (پەرىشتە، يامغۇر، ئەجەل، رىزىق قاتارلىق) نەرسىلەرنى، ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان (ياخشى ئەمەللەر، مەقبۇل دۇئالار قاتارلىق) نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر، (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[2]. كاپىرلار: «بىزگە قىيامەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ، ئېيتقىنكى، «ئۇنداق ئەمەس، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، قىيامەت سىلەرگە چوقۇم كېلىدۇ، ئاللاھ غەيىبنى بىلگۈچىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ئاللاھتىن يىراق ئەمەستۇر، ئۇنىڭ (يەنى زەررە) دىن كىچىكرەك نەرسە بولسۇن، چوڭراق نەرسە بولسۇن، لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنمىگىنى يوق»[3]. (ئۇلارنىڭ لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلىنىشى) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر، ئەنە شۇلار مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا ئېرىشىدۇ[4]. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە كۈچىنىڭ بېرىچە قارشى تۇرغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[5]. ئىلىم بېرىلگەنلەر (يەنى ساھابىلەر ۋە كېيىنكى ئەمەل قىلغۇچى ئۆلىمالار) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ شۈبھىسىز ھەق ئىكەنلىكىنى، (ئىنسانلارنى) غالىب، ھەمدۇساناغا لايىق ئاللاھنىڭ يولىغا باشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ[6]. كاپىرلار (بىر ـ بىرىگە) ئېيتىدۇ: «سىلەرگە سىلەر (قەبرىلەردە چىرىپ) تىتما ـ تالاڭ بولۇپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم يېڭىدىن يارىتىلىسىلەر دەپ خەۋەر بېرىدىغان بىر ئادەمنى كۆرسىتىپ قويايلىمۇ؟[7].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر