2022 – يىلىدا تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (23)

1941339
2022 – يىلىدا تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى

2022 – يىلىدا تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى

 2022 – يىلىدا تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (23)

(جان ئاجۇن)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «2022 – يىلىدا تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى يۇلتۇزدەك چاقناشنى داۋاملاشتۇرماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بۇ ساھە، 2022 - يىلى يۇقىرى پەللىگە چىقتى. تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ۋە ئاۋىياتسىيە ساھەسى 2022 - يىلى 4 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق ئېكسپورتنى ئىشقا ئاشۇردى. 2021 - يىلى 3 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق ئېكسپورتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شۇ چاغقىچە بولغان ئېكسپورت رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان ئىدى. تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ۋە ئاۋىياتسىيە ساھەسى 2022 – يىلىدىمۇ يېڭى رېكورت ياراتقان بولدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپكى ھاكىمىيەت دەۋرىدىن ئېتىبارەن ئىستراتېگىيەلىك ساھە دەپ قاراپ كەلگەن تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ۋە ئاۋىئاتسىيە ساھەسىنى، قەدەممۇ قەدەم كۈچەيتتى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۇلتۇزدەك چاقنىغان بۇ ساھە، 2022 - يىلىدىلا 4 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت سەۋىيەسىگە يەتتى. شۇنداق قىلىپ، 2022 – يىلى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئەسلىدىكى 4 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت نىشانىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلىغان بولدى. بۇ ساھەنىڭ ئېكسپورت بىرىنچىسى 2021 - يىلدىكىگە ئوخشاش يەنە بايقار شىركىتى بولدى. مەشھۇر «TB2s» ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچى بولغان بۇ شىركەت، 2022 - -يىلى 1 مىليارد 180 مىليون دوللارلىق ئېكسپورتنى ئىشقا ئاشۇردى. تەخمىنەن 50 مىليارد دوللارلىق يۈكسىلىشنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە، باشقا نۇرغۇن شىركەتلەرمۇ يەرشارى سەۋىيەسىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئېكسپورت تورىنى كېڭەيتىشتىن باشقا يەنە، نۇرغۇنلىغان تۈركىيە شىركەتلىرى دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئىلغار 100 كۈچلۈك شىركەت قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. يەتتە تۈركىيە شىركىتى مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە يۇقىرى سۈپەتلىك دۇنيا رىقابەت تىزىملىكىگە كىرگەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. بولۇپمۇ «Aselsan» ۋە «TAİ» قاتارلىق تۈرك شىركەتلىرى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

تۈركىيە تاشقى سىياسەتتە مۇستەقىل ھالدا ئۆز مەنپەئەتىنى مەركەز قىلغان سىياسەتلەرنى يولغا قويدى. ئەپسۇسكى غەربلىك ئىتتىپاقداشلىرى تەرىپىدىن ئىنتايىن ئېغىر ئېمبارگولارغا ئۇچرىدى. بولۇپمۇ قورال ئېمبارگولىرى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ چېكىندۈرۈش كۈچىگە زەربە بېرىشنى نىشان قىلغان ئىدى. لېكىن بۇ ئېمبارگولار تۈركىيەنىڭ ئىرادىسىنى ئاشۇرۇپ، ۋاسىتىلىق ھالدا تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشتى.

مانا بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئېھتىياجلىرىنىڭ %80 نى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش بىلەن قاندۇرالايدىغان ۋە نەچچە مىليارد دوللارلىق ئېكسپورتنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان سەۋىيەگە كەلدى. بۇ ساھەدە تۈركىيەنى ئوخشاشلىرىدىن پەرقلەندۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك شۇكى، تۈركىيە ئەمدىلىكتە ئاكتىپ ھالدا توقۇنۇشلاردىن ئورۇن ئالىدىغان ۋە چېگرا سىرتى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغان بىز دۆلەتكە ئايلاندى.

شۇڭا، تۈركىيە ھەم ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشىنىپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئىشلەپچىقارغان قورال سىستېمىسىنى ئاكتىپ سىناق قىلىش ۋە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشمەكتە. بولۇپمۇ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ساھەسىدە، تۈركىيە شىركەتلىرى ئۇرۇشنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىدىغان سەۋىيەدە يېڭىلىقلارنى يارىتىپ، بۇ ساھەدە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

ئىراق، سۈرىيە، لىۋىيە ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەردە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئاساس قىلغان يېڭى ئۇرۇش ئۇقۇملىرىنى يارىتىپ، بۇ ساھەدىكى تەسىرى بىلەن دۇنياۋىي نوپۇزغا ئىگە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، 30 دىن ئارتۇق دۆلەت تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋالدى. يەنە ئونلىغان دۆلەت سېتىۋىلىشقا تىرىشماقتا. تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى سىممېترىك ۋە ئادەتتىكى نىشانلارغا قارشى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان نادىر سىستېمىلار قاتارىدا كۆرۈلمەكتە.

تۈركىيەنى بۈيۈك دۆلەت بولۇش جەھەتتە كەلگۈسىگە يەتكۈزىدىغان ساھەلەر ئىچىدە ئەلۋەتتە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەسى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئاڭ بىلەن ساھەنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشنى داۋاملشتۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى باشقارمىسى تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنى2053 - يىلغىچە 100% مۇستەقىل قىلىشنى ۋە ئېكسپورت ئىقتىدارىنى 50 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلماقتا. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتى 2003 - يىلدىن بۇيان بۇ ساھەنى ئالاھىدە قوللاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيە ھەربىي سانائەت ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈردى. 2016 - يىلى مەغلۇب بولغان سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، مۇداپىئە سانائىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىككە باغلىنىشى ۋە «مۇداپىئە سانائىتى باشقارمىسى» نىڭ قۇرۇلۇشىمۇ بۇنىڭدا ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى. شۇڭلاشقا مۇداپىئە سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تېزلىنىشىنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ.

  

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر