ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزىنى كۆرسىتىش؛ ئۆردەك ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى
كۆزنەك -22

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزىنى كۆرسىتىش؛ ئۆردەك ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزىنى كۆرسىتىش؛ ئۆردەك ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى
كۆزنەك -22
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىن، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى سىتۇديولىرىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام! ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۆزنەك»كە خۇش كەلدىڭلار! «كۆزنەك» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۆزىنى كۆرسىتىش؛ ئۆردەك ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار پىروگراممىمىزدا بولسۇن!
******* ****** ****** *******
ئۆردەك ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى كىشىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدىكى يازمىلىرىدا نامايان قىلغان «نورمال مەنلىكى» بىلەن ئۇنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشى ئارىسىدىكى پەرقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئىجتىمائىي تاراتقۇنى ھەممەيلەن دېگۈدەك ئاكتىپ ئىشلىتىدۇ. كىشىلەرنىڭ ياختۇرۇشىغا ئېرىشىش ئارزۇسى تەبىئىي بىر ئىستەكتۈر. ئورتاقلاشقان ئۇچۇرلىرىمىزدا ھەممىمىز مۇكەممەل كۆرۈنۈشنى خالايمىز ۋە باشقىلارنىڭ بىز مۇكەممەل دەپ قارىغان كۆرۈنىشلىرىدە ئادىشىپ قالىمىز. ئۇنداقتا ھەممەيلەن شۇنچە خۇشالمۇ؟ ياكى ئۇلار شۇنداق ياسالما كۆرۈنۈش بېرىۋاتامدۇ؟ كېلىڭلار ئۆردەك ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى!
********
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سەيلە قىلغىنىڭىزدا، <كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى نەقەدەر مۇكەممەل> دەپ ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرامسىز؟ سىرتتىن مۇكەممەل كۆرۈنىدىغان كىشىلەرمۇ ئەسلىدە بىزدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، ئۇنداقتا ئۇلار نېمىشقا بۇنداق ياسالمىلىق قىلىدۇ؟
ئىجتىمائىي تەتقىقاتچىلار بۇنى «ئۆردەك ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى» دەپ ئاتايدۇ، يەنى ئىنساننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇدا كۆرسەتكەنلىرى ئارىسىدا پەرقلىق بولىشىدۇر.
«ئۆردەك ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى» كىشىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە يازمىلىرىدا كۆرسىتىدىغان «نورمال مەنلىكى» بىلەن ھەقىقىي ھاياتى ۋە مەنلىكى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ كېسەللىك ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇر ۋە سۈرەتلىرىنىڭ رېئال تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرەلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بىرىنچى بولۇپ ستانفورد ئۇنۋېرسىتىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئۆردەك ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى» ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قانداق ئازاب-ئوقۇبەت، چۈشكۈنلۈك، ئۆزىدىن گۇمانلىنىش ئەندىشىسىنى بېسىش بىلەن بىرگە، سىرتتىن خاتىرجەم كۆرۈنۈش ئىقتىدارىنى ئىپادىلەشكە ئىشلىتىلگەن ئىدى.
ئۇنداقتا نېمىشقا ئۆردەك؟ ئۆردەكلەرگە دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟
كۆپىنچىمىز ئۆردەكلەرنىڭ سۇ ئۈستىدە ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندەك لەرزان لەيلەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ زوقلىنىمىز. سۇنىڭ ئۈستىدىن قارىغاندا ھېچقانداق مەسىلە يوق دەپ ئويلىمايمىز، ئەمما ھەقىقىي مۇرەككەپلىك سۇ ئاستىدا. ئۇنىڭ كۆل ئاستىدىكى پۇتى خۇددى ماشىنادەكلا توختاۋسىز ھەركەت قىلىۋاتقان بولىدۇ.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ، شەخسلەر ئۆزىنى قانداق كۆرسىتىشنى ۋە نامايان قىلىشنى خالىسا شۇنداق مەزمۇندىكى يازمىلارنى ھەمبەھىرلەيدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھەممە ئىشنى كۈرەشسىز ۋە تىرىشچانلىق كۆرسەتمايلا قولغا كەلتۈرگەندەك تەسىر بېرىش ئۈچۈن تولىمۇ ئۇيغۇن بىر مۇھىت. كىشىلەرمۇ شۇنداق قىلماقتا.
«كىشىلەر راستىنلا خۇشال، باي، مۇۋەپپەقىيەتلىك، راھەت ياكى مۇكەممەلمۇ؟» دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى ھەممىمىز ئوبدان بىلىمىز. ئۇنداق ئەمەس. كىشىلەر «مۇكەممەللىككە زورلايدىغان ۋە مۇكەممەل بولمىغاننى چەتكە قاقىدىغان» بۈگۈنكى دۇنياغا ماسلىشىش ئۈچۈن شەكىلدىن شەكىلگە كىرىشكە مەجبۇر بولماقتا. ئەمما بۇنىڭ پىسخىكىمىزغا قانچىلىك يامان تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلەمدۇق؟
«ئۆردەك ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى»نىڭ گىرىپتار بولغان كىشىگە ئەڭ ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان تەپسىلاتى «باشقىلار» بولۇپ، باشقىلارنى ئويلاش ئارقىلىق تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش تولىمۇ تەس. بۇ كېسەللىك كىشىدە تېخىمۇ كۆپ تەشۋىش ۋە چۈشكۈنلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆزىڭىزنى بۇ خىل مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندەك ھېس قىلسىڭىز، بىرەر پىسخولوگدىن ياردەم ئېلىشىڭىز ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، چۈنكى ھېچكىم ئۇ كۆرۈنۈشلەردىكىدەك مۇكەممەل ئەمەس.
ھېچكىمنىڭ ھاياتى بىر ئۆردەكنىڭ سۇ ئۈستىدە لەرزان ئۈزۈپ يۈرىشىنى كۆرۈپ زوقلانغاندەك زوقلىنىشقا ئەزمەيدۇ. ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش بولسا، سىز ئۆزىڭىزگە قىلالايدىغان ئەڭ چوڭ يامانلىقتۇر.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، يۇقىرىدا «كۆزنەك» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈ ھەپتىلىك سانىدا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزىنى كۆرسىتىش؛ ئۆردەك ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتۈق. بۇ ھەقتىكى يازما ئۇچۇرلارنى ئوقۇش ئۈچۈن، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ تور بېتىنى زىيارەت قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز. كۆڭۈل قويۇپ تىڭشىغانلىقىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت!