بالىلاردىكى قەۋزىيەتنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى (21)

1940209
بالىلاردىكى قەۋزىيەتنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

بالىلاردىكى قەۋزىيەتنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

بالىلاردىكى قەۋزىيەتكە پايدىلىق ئۆسۈملۈك دورىلىرى

بالىلاردىكى قەۋزىيەت مەسىلىسى ئۈچۈن بەزى يېمەكلىكلەر ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرىنى بالىلارغا بېرىشكە بولىدۇ. قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى قوللىىنىشقا بولىدۇ:

• زەيتۇن يېغى بىلەن لىمون ئارىلاشمىسى:

قەۋزىيەت ئۈچۈن بالىلارغا زەيتۇن يېغى بىلەن لىمون ئارىلاشمىسىنى بېرىشكە بولىدۇ. 1 ھەسەل قوشۇقى زەيتۇن يېغى بىلەن 1 ھەسەل قوشۇقى يېڭى سىقىلغان لىمون سۈيى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ ئارىلاشمىنى بالىغا ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاچ قورساققا بېرىش كېرەك. بۇ ئارىلاشما تەرەتنى بوشىتىپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

يەنە بىر خىل ئۇسۇل بولسا، زەيتۇن يېغى بىلەن ئاپېلسىن شەربىتى ئارىلاشمىسىدۇر. 1 قوشۇق زەيتۇن يېغى بىلەن 1 قوشۇق ئاپېلسىن شەربىتىنى ئارىلاشتۇرۇپ بالىغا ئىچۈرۈشكە بولىدۇ.

• بالىلاردىكى قەۋزىيەتنى پەسەيتىدىغان ئۆسۈملۈك دورىسى

1 قۇرۇتۇلغان ئەنجۈر، 2 قۇرۇتۇلغان ئۆرۈك، 2 قاقنى ئۇششاق توغراپ، 1.5 ئىستاكان قايناقسۇغا سېلىڭ. ئىسسىغان چاغدا، 1 قوشۇق زەيتۇن يېغىنى قوشۇپ، بالىڭىزغا پات-پات ئىچۈرۈڭ.

• ئۆسۈملۈك چايلىرى:

بەدىيان ۋە بەلىزگۈل چېيى قاتارلىق نۇرغۇن ئۆسۈملۈك چايلىرى قەۋزىيەتنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەڭگىللىتىدۇ.

  • بەدىيان ئۇرۇقى:

بەدىيان بالىلاردىكى قەۋزىيەتنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن بىرى. 2 ئىستاكان سۇنى چەينەككە قۇيغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا 1 ھەسەل قوشۇقى بەدىيان ئۇرۇقى سېلىنىپ قاينىتىلىدۇ. قاينىغاندىن كېيىن، ئوچاقتىن ئېلىپ، 10 مىنۇت دەملىنىدۇ. سۈزۈلگەندىن كېيىن، سوۋۇتۇلىدۇ. بۇ ئارىلاشمىنى بالىلارغا پات-پات بېرىش كېرەك.

• قۇرۇق ئۈزۈم:

بىر نەچچە قۇرۇق ئۈزۈمنى سۇغا چىلاش كېرەك. 1 كېچە تۇرغۇزغاندىن كېيىن، سۈزۈپ، ئۈزۈمنى بالىغا بېرىش كېرەك.

• مېۋە – چېۋىلەر:

نەشپۈت، ئۈزۈم، ئۆرۈك، قوغۇن، ئەنجۈر، خورما قاتارلىق مېۋە – چېۋىلەرنى كۈنىگە كەم دېگەندە 2 قېتىم  بېرىش كېرەك. مېۋە – چېۋىلەرنى پەسىلگە قاراپ ھۆل ياكى قۇرۇق ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. مېۋە – چېۋىلەرنى بالىغا ئۇنىڭ رايىغا قاراپ شەربەت ياكى مېۋە سۈيى شەكلىدە بېرىشكە بولىدۇ.

ئالما پوستىنىڭ تالا مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى. شۇڭلاشقا، ئالمىنى پوستى بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

نەشپۈت ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ. نەشپۈتنىمۇ ئالمىغا ئوخشاش پوستى بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلىش كېرەك.

ئەگەر بوۋاق 6 ئايدىن ئاشقان بولسا; نەشپۈت، شاپتۇل ۋە ئۆرۈكنىڭ شىرنىسىنى چىقارغاندىن كېيىن، بوتۇلكىغا سېلىپ، كۈندە 2 قېتىم ئىچۈرۈشكە بولىدۇ.

• كۆكتاتلار

كاللەكبەسەي، كەرەپشە، تاتلىق زەنجىۋىل، بروككولى، يېشىل پىياز، ئوكرا، قىچا چېچىكى، پۇرچاق ۋە كاۋا قاتارلىق كۆكتاتلاردىن كۈندە بىر ياكى ئىككى قېتىم ئىستېمال قىلدۇرۇش كېرەك. كۆكتات يېيىشكە ئۇنىمايدىغان بالىلارغا تەرخەمەك ياكى پىشۇرۇلغان قوناق يېگۈزشكە بولىدۇ.

• پۇرچاق تۈرىدىكىلەر

قۇرۇتۇلغان پۇرچاق، يېسسىمۇق، نۇقۇت، كۆك پۇرچاق قاتارلىقلار تالانىڭ ياخشى مەنبەسىدۇر.

• زىغىر ئۇرۇقى:

زىغىر تالقىنىنى قېتىق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئىستېمال قىلىش، قەۋزىيەتكە قارشى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىلمىي چارە - تەدبىرلەردىن بىرى.

• يېسسىمۇق چوربىسىنىڭ ئىچىگە كەرەپشە قاتارلىق كۆكتاتلارنى قوشۇپ، ئېزىپ، ئىچۈرۈشكە بولىدۇ.

• بەرەڭگە ۋە ئۇنلۇق تاماقلاردىن ئامال بار ساقلىنىش كېرەك.

 

 بالىلاردىكى قەۋزىيەتنى داۋالاشنىڭ باشقا شەكىلدىكى چارە - تەدبىرلىرى:

• كالا سۈتىنىڭ ئىستېمال مىقدارىنى ئازايتىش، ئۆچكە سۈتىنى تاللاش كېرەك.

• ئاق ناننىڭ ئورنىغا، قارا بۇغداي نېنى ياكى ساپ بۇغداي نېنىنى يېگۈزۈش كېرەك.

• شېكەر مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.

• پولو ۋە ماكارنانىڭ ئورنىغا بۇلغۇر پولوسى ئىستېمال قىلىش لازىم.

• ئۆيدە ئويۇتۇلغان قېتىق، كېفىر، قېتىق شورپىسى قاتارلىق ئۈچەي سىستېمىسىنى تەڭشەيدىغان يېمەكلىكلەرنى تاللاش كېرەك.

• بالىلارنىڭ ئۇزۇقلۇق تىزىملىكىگە، ئورمان مېۋىلىرى ۋە تالالىق كۆكتاتلارنى قوشۇش كېرەك.

• قۇرۇق مېۋىلەر ۋە بۇ مېۋىلەردىن تەييارلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك.

• كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر​​، قەھۋە ۋە قارا چاي قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى بالىلارغا بېرىشكە بولمايدۇ.

• ھەرىكەتسىز بالىلار ئۈچۈن پائالىيەت ساھەسى شەكىللەندۈرۈپ، بالىنىڭ كۆپ چېنىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بوۋاقلاردىكى قەۋزىيەتنى باشقا شەكىلدە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى:

• بوۋاقنى ئىلمان سۇدا يۇيۇندۇرۇش بوۋاقنىڭ مۇسكۇللىرىنى بوشىتىپ، ئارام ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بوۋاقنى يۇيۇندۇرغاندا ئىسسىق سۇدا 5-10 مىنۇت ئولتۇرغۇزۇش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ.

• بوۋاقنىڭ ئاستىغا ۋېسلىن ياكى گلىتسېرىن ئىشلەتكەندە، بوۋاق ئاسانلا تەرەت قىلالايدۇ.

• ئەگەر تۆت ئايدىن ئاشقان بوۋاقلاردا قەۋزىيەت كۆرۈلسە، تاماق بىلەن بىللە ئۆرۈك، ئالما، نەشپۈت ۋە شاپتۇل شەربىتىنى بېرىشكە بولىدۇ.

• بوۋاقنى چېنىقتۇرۇش ئارقىلىقمۇ بوۋاقتىكى قەۋزىيەتنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.

• بوۋاقنى ئارام ئالدۇرۇشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى بولسا ئۇۋۇلاشتۇر. قولدا يېرىم ئاي ھەرىكەتلىرى شەكلىدە قورسىقىنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ئۈچەي ھەرىكەتلىرىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.

 ھەر بىر بوۋاقنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسىنى سىناپ بېقىشتىن بۇرۇن، ئەڭ ياخشىسى دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر