بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىشنىڭ تەبىئىي چارە – تەدبىرلىرى
شىپا بۇلىقى (20)

بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىشنىڭ تەبىئىي چارە – تەدبىرلىرى
(دوكتور مەھمەت ئۇچار)
ساغلام ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئۆزىمىزنى ياخشى ھېس قىلىش، ساغلام كۆرۈنۈش ۋە ئېنېرگىيەمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتىشىمىزدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
• تەرتىپلىك ئوزۇقلىنىش ۋە ئۇخلاش
تەرتىپلىك ئۇخلاش، تەرتىپلىك ۋە ساغلام ئوزۇقلىنىش، دائىم سوپۇن بىلەن قولنى يۇيۇش ۋە قەرەللىك ھالدا سىنىپلارنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش، بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ھېسابلىنىدۇ.
• سۇنى كۆپ ئىچىش كېرەك
بالىلارغا سۇنى كۆپ ئىچۈرۈش كېرەك.
• سالمون بېلىقى
ئومېگا - 3 ياغ كىسلاتاسى مول ئۇزۇقلۇق بولۇپ، بالىلارنىڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىنى قوللايدۇ، ھەمدە بەدەننى يۇقۇملىنىشتىن ساقلايدۇ. بېلىقلارنى بالىلارغا بىۋاسىتە بېرىشكە بولىدۇ، ياكى ئۇنى بەرەڭگە ۋە كۆكتاتلار بىلەن بىللە پىشۇرۇپ يېگۈزۈشكىمۇ بولىدۇ.
• كىۋى
كىۋىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بەدەننى قوغداش سىستېمىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلىرى مول شىپالىق مېۋىدۇر.
تۆمۈر ماددىسى كەم بالىلارغا كىۋىنىڭ ئۈستىگە مۇراببا سۈرۈپ ئىستېمال قىلغۇزغاندا، مۇراببانىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسى ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ. بۇ بولسا بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرىدۇ. چۈنكى مۇراببانىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ئۈچۈنمۇ ۋىتامىن C كېرەك.
• ئۆيدە ئۇيۇتۇلغان قېتىق
بالىلىرىڭىزغا كۈندە بىر قاچا ئۆيدە ئۇيۇتۇلغان قېتىق ئىچۈرۈڭ. قېتىقنى تاماق بىلەن بىللە ياكى تاماقتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا مېۋىلەرنى توغراپ، قېتىق بىلەن بىللە ئىچۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر بالىڭىز كالا سۈتىگە سەزگۈر بولسا، ئۆچكە سۈتىدىن ئۇيۇتۇلغان قېتىقنى ئىچۈرسىڭىز بولىدۇ.
• سۇلۇ
سۇلۇ تەركىبىدىكى بىتا - گلۇكان ۋە سىنكنىڭ ياردىمىدە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ. تالا ماددىسى بول بولغان سۇلۇ بىلەن سۈتنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە تەركىبىدە ۋىتامىن E مول بولغان بىر قاچا بانان ئىلاۋە قىلىپ، مېۋە شەربىتى چىقىرىش ماشنىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، بالىڭىزغا ناشتىدا ئىچۈرسىڭىز بولىدۇ.
- بروككولى
تەركىبىدە ۋىتامىن C ، A ۋە E مول بولغان بروككولى پۈتۈنلەي ئوكسىدلىنىشقا قارشى شىپا مەنبەسىدۇر. بالىڭىزغا بىۋاسىتە ئىستېمال قىلغۇزسىڭىزمۇ، چوربىڭىزغا قوشۇپ ئىستېمال قىلغۇزسىڭىزمۇ بولىدۇ.
• يېسسىمۇق
كۈز ۋە قىش ئايلىرىدا مەيلى تامىقى ياكى چوربىسى بولسۇن، بالىلارغا ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئىستېمال قىلدۇرۇش ئىنتايىن پايدىلىق. ئۇ ئۆسۈملۈكسىمان ئاقسىل بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
• تۇخۇم
ئانا سۈتىدىن قالسا بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ئاقسىلنىڭ ئەڭ ياخشى مەنبەسىدۇر. سۇدا پىشۇرۇپ، ياكى قورۇپ، ھەر كۈنى بالىڭىزغا ياقتۇرىدىغان شەكىلدە بەرسىڭىز بولىدۇ.
• قۇرۇق مېۋە
تەركىبىدە ۋىتامىن E، سىنىك ۋە ئومېگا - 3 ياغ كىسلاتالىرى مول ئۇزۇقلۇقلاردۇر. بالىڭىزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۇزۇقلىنىش سومسىكىسىغا خام خاسىڭ، ياڭاق، بادام ۋە كاۋا ئۇرۇقىنى سېلىپ، ئۇنى بۇ ئۇزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەندۈرەلەيسىز. بولۇپمۇ ئەتىگەندە ناشتىدا پەقەت تۆتتىن بىر ئىستاكان قۇرۇق مېۋە يېگۈزسىڭىز بولىدۇ.
• ئانا ھەرە شىرنىسى ۋە ھەسەل
ئانا ھەرە شىرنىسىنى 3 ياشتىن چوڭ بالىلارغا ھەر كۈنى ئەتىگەندە ناشتىدىن بۇرۇن 1 چاي قوشۇقى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىقتۇر. بىراق، 3 ياشتىن كىچىك، سەزگۈرلۈك ۋە زىققا كېسىلى بار بالىلارغا بېرىشتىن بۇرۇن، چوقۇم دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.
• چۆل رەيھىنى
ھەر كۈنى چاي شەكلىدە ئىچىش ھەم ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ، ھەمدە كانايچە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى يېڭىشكە ياردەم بېرىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، چۆل رەيھىنى تەبىئىي يۆتەل شەربىتى ۋە زۇكام دۈشمىنىدۇر.
1 ئىستاكان سۇغا 2 قوشۇق تېتىتقۇ سېلىپ قاينىتىڭ. قاينىتىش جەريانى تاماملانغاندىن كېيىن، تېتىتقۇ چاينى ئوچاقتىن ئېلىپ، ھەر كۈنى 1 قوشۇق ھەسەل قوشۇپ بالىڭىزغا ئىچىچۈرۈڭ.
• زەنجىۋىل ۋە زەرچىۋەلىك قېتىق
ھەر كۈنى 1 قاچا ئۆيدە ئۇيۇتۇلغان قېتىققا 1 قوشۇق زەنجىۋىل ۋە 1 قوشۇق زەرچىۋە قوشۇپ، ھەم قېتىقنى ياقتۇرمايدىغان بالىلار ئۈچۈن بۇ ئۆزگىچە ئاقسىل مەنبەسىنى تېخىمۇ يېقىشلىق قىلالايسىز، ھەمدە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدىغان 2 تېتىتقۇ سايىسىدا بالىڭىزنىڭ قىش پەسلىنى تېخىمۇ ساغلام ھالەتتە ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلالايسىز.
• بانان ۋە قېتىق
ھەر كۈنى 1 قاچا ئۆيدە ئۇيۇتۇلغان قېتىق ۋە 1 كىچىك باناننى ئارىلاشتۇرۇپ ياكى ئېزىپ بالىڭىزغا بېرىڭ. چۈنكى، ئەڭ مۇھىم شىپالىق يېمەكلىك قېتىق بولۇپ، شىپالىق مەنبەسى بولغان بانان بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلدۇرغاندا، تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۇنى چوقۇم ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك قاتارىغا كىرگۈزۈش كېرەك.
- تەبىئىي ئانتىبىيوتىك سامساق
پىياز بىلەن سامساق «تەبىئىي ئانتىبىيوتىك» سۈپىتىدە شىپالىق رولى ئىنتايىن مۇھىم ئۇزۇقلۇقتۇر. سامساقنىڭ باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بولغاچقا، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننى كۈچەيتىدۇ. ئۇ بالىڭىزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، كەلگۈسىدە زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
خام سامساقنى تاماق، سالات ۋە قېتىققا ئىلاۋە قىلىش مۇھىم. مايدا قورۇلغاندىن كېيىن تاماققا قوشۇلغان سامساقنىڭ ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدۇ، ئىممۇنىتېت سىستېمىڭىزغىمۇ ئوخشاش پايدىسى بولمايدۇ.