يۈرەك ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان يېمەكلىكلەر ۋە دورا-دەرمانلار

شىپا بۇلىقى (15)

1921007
يۈرەك ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان يېمەكلىكلەر ۋە دورا-دەرمانلار

يۈرەك ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان يېمەكلىكلەر ۋە دورا-دەرمانلار

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

يۈرەك ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان يېمەكلىكلەر ۋە دورا-دەرمانلار تۆۋەندىكىچە:

 

  • بېلىق

سالمون بېلىقى، ماككېرېل بېلىقى ۋە تۇننۇس بېلىقى قاتارلىق بېلىقلارنىڭ تەركىبىدە يۇقىرى مىقداردا ئومېگا - 3 ياغ كىسلاتاسى بار بولۇپ، يۈرەك ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىلىق. بېلىق قان ئۇيۇلۇشنى ئازايتىش ئارقىلىق رېتىم قالايمىقانلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  • قىزىل مېۋە – چېۋىلەر

بۆلجۈرگەن، قارىئۆرۈك، مالىنا ۋە ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯧﻴﻘﺌﯜﺯﯛﻣﻰ قاتارلىق يۈرەككە پايدىلىق مېۋە – چېۋىلەر، بولۇپمۇ قان بېسىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، قان تومۇر مەسىلىلىرىنى تۈگىتىدۇ.

  • پېرسېيە نەشپۈتى

پېرسېيە نەشپۈتى ھەم ئوزۇقلىنىشتا ھەم يۈرەكنىڭ دائىملىق خىزمىتىدە ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خولېستېرىن نىسبىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرالايسىز.

  • پۇرچاق

ئاقسىل ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ياردىمىدە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىك بولۇپ، ئۈچەينى تەڭشەيدۇ، ھەمدە توقلۇق ھېس – تۇيغۇسىنى قوزغىتىشى سەۋەبىدىن دىيەت تۇتۇۋاتقانلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.

  • مەرۋايىتگۈل

بىر  ئاپقۇر قاينىتىلغان مەرۋايىتگۈل بەدەننىڭ كۈندىلىك ۋىتامىن B ئېھتىياجىنىڭ% 66 ىنى قاندۇرىدۇ.

  • زىغىر

يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىدىن ساقلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈندە بىر قېتىم قېتىق ياكى سۈت بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا، دائىملىق ئاچلىق تۇيغۇسىنى يوقىتىدۇ.

  • ئالما

تەركىبىدە ئېرىيدىغان ۋە ئېرىمەيدىغان 2 خىل تالا بولىدۇ. ئېرىيدىغان «پېكتىن» تالاسىنىڭ ياردىمىدە خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ.

  • ئارپا

ناچار خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ.

  • پالەك

تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلارنىڭ ياردىمىدە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىدۇ.

  • بانان

تەركىبىدىكى كالىي سەۋەبىدىن مىنېرال ئامبىرى بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىم ۋە ناچار خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ.

  • قىزىلچا

كالىي ۋە يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ مول مەنبەسى بولۇپ، كالورىيە مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەندۇر. ئۇنىڭدا كۆكتاتلار ئىچىدىكى ئەڭ تەبىئىي شېكەر بار.

  • زەيتۇن يېغى

يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىدىن ساقلاپ، ناچار خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ. كۈنىگە 2-3 قوشۇقتىن ئارتۇق ئىستېمال قىلماڭ.

  • سامساق

تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار سەۋەبىدىن قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ. ھەر كۈنى 1 چىش سامساق ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىقتۇر.

  • بېلىق مېيى

قاناش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ، ھەمدە قان تومۇر قېتىشىشنى ئازايتىشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ. تەركىبىدىكى ئومېگا -3 ياغ كىسلاتاسىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى.

  • ياڭاق، خاسىڭ، خام بادام

ناچار خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ، ياخشى خولېستېرىننى ئاشۇرىدۇ، قاندىكى ئۇيۇلۇشنى ئازايتىدۇ ۋە ترىگلىتسېرىدنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ھەر كۈنى 2-3 ياڭاق، 8-10 خام بادام ياكى خاسىڭ ئىستېمال قىلىڭ.

  • يېشىل چاي

تەركىبىدىكى ئاكتىپ ماددىلىرى ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى سەۋەبىدىن يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ. قارا چاي ۋە قەھۋە ئىستېمال قىلىشنىڭ ئورنىغا، يېشىل چاي، چۆل يالپۇزى، بەلىزگۈل ۋە بەدىيان قاتارلىق ئۆسۈملۈك چايلىرىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.

  • پەمىدۇر-تاۋۇز

تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار كۆپ بولغاچقا، پەمىدۇر-تاۋۇز يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

  • سېرىق پۇرچاق

تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ھەر كۈنى 25 گىرام سېرىق پۇرچاق ئىستېمال قىلغاندا، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

  • روزېمارىيە

بەدەندىكى ياللۇغ ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئارقىلىق يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا تۆھپە قوشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ تەبىئىي ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى ئومۇمىي ساغلاملىققا پايدىلىقتۇر.

  • زەپەر

ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە زەپەر قان تومۇر قۇرۇلمىسىنى قوغدايدۇ ۋە بەدەندىكى ياللۇغنى ئازايتىدۇ. ئۇنىڭ يەنە خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش رولىمۇ بار.

  • چۆل رەيھىنى

ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش رولى تۈپەيلى قان تومۇر ساغلاملىقىنى قوغداشقا تۆھپە قوشىدۇ. ئۇنىڭ يەنە خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش رولىمۇ بار.

  • يۇمغاقسۈت

ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ، ھەزىم ياخشى بولماسلىققا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، قاندىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ ۋە يۇقىرى قان بېسىمنى كونترول قىلىشقا تۆھپە قوشىدۇ.

  • زىرە

بەدەندىكى ياللۇغنى ئازايتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قاندىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشكە، قان بېسىمنى تەڭشەشكە تۆھپە قوشىدۇ، ھەمدە قاننى سۇيۇلدۇرۇش ئارقىلىق قان تومۇر ساغلاملىقىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  • زەنجىۋىل

بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدىغان زەنجىۋىلنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بار. ئۇ يەنە، تومۇر دىۋارىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق قان بېسىمنى كونترول قىلىشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.

  • سۇماق

قاندىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق تومۇرلار قاندىكى قەنتنىڭ زىيانلىق تەسىرىدىن ساقلىنىدۇ.

  • پىننە

ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىنىڭ تەسىرىدە تومۇرلارنى قوغدايدۇ. يۈرەك رىتىمى ۋە قان بېسىمنى تەڭشەشكە ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بېسىمنى يەڭگىللىتىش ۋە بەدەننى ئارام ئالدۇرۇش رولىغا ئىگە.

  • قارىمۇچ

قارىمۇچنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش رولى باردۇر. ئۇ يەنە، ياغ ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئورۇقلاشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.

دارچىن

دارچىننىڭ خولېستېرىن ۋە قاندىكى قەنتنى تۆۋەنلىتىش رولى بار. ھەر كۈنى 1 چاي قوشۇقى ئىستېمال قىلغاندا، يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا تۆھپە قوشىدۇ.

  • سامساق تالقىنى

 ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى قۇرۇق سامساق، داستىخىنىمىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تېتىتقۇلىرىدىن بىرى. سامساق تالقىنى تاماققا تەم كىرگۈزۈپلا قالماي، يەنە قان بېسىمنى كونترول قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

  • زەرچىۋە

بەدەننىڭ مۇداپىئە مېخانىزمىنى كۈچەيتىدۇ، ھەمدە تومۇر دىۋارىنى قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى قان بېسىمنى كونترول قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر